当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • 在CD4较低的情况下,HIV感染者如何

  • 【双语】10 种常见的HIV相关机会

  • 【双语】艾滋病试纸准确吗ئەي

  • 【双语】身在江湖,请拿好这份「性

  • 【双语】“直男”一夜荒唐染艾滋

  • 研究表明:美国青少年HIV感染者的

​尖锐湿疣能根治吗?什么时候能同房?ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلنى يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولامدۇ؟ قاچان بىللە بولغىلى بولىدۇ؟

地区:乌市沙区来源:发布者:时间:2024-05-15 23:45:04点击:
尖锐湿疣是可以完全根治的,只不过就是治疗的时间周期长短问题。日常做好定期复查,发现即治疗,连续半年不复发(不再长出新的尖锐湿疣),即认为临床治愈。
ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلنى پۈتۈنلەي يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولىدۇ، پەقەت داۋالاش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى مەسىلىسىلا بار. ئادەتتە قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، بايقىغان ھامان داۋالاش، ئۇدا يېرىم يىل قايتا قوزغالمىسا ( يېڭى ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل قايتا ئۆسمەيدۇ )، كىلىنىكىدا ساقايغان دەپ قارىلىدۇ.
一、尖锐湿疣可以治好
尖锐湿疣多发生在20-40岁的性活跃人群中。潜伏期3周-8个月,平均为3个月。尖锐湿疣的治疗难点主要是它的发病部位,比如在尿道、肛门,还有特殊情况的尖锐湿疣,比如HIV合并尖锐湿疣,都是考验医生的治疗手段和治疗策略问题。特别是HIV合并尖锐湿疣,因为涉及到治疗安全性问题,可能被拒诊。所以,建议患有尖锐湿疣的HIV感染者尽量到定点医院治疗,由他们经验丰富的医生处理。
1.ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ
ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل 20 ياشتىن 40 ياشقىچە بولغان جىنسىي ئىقتىدارى جانلانغان كىشىلەر توپىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ. يوشۇرۇن مەزگىلى ئۈچ ھەپتىدىن سەككىز ئايغىچە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ ئاي بولىدۇ. ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلنى داۋالاشنىڭ قىيىن نۇقتىسى ئاساسلىقى ئۇنىڭ كېسەللىك ئورنى، مەسىلەن سۈيدۈك يولى، مەقئەت، يەنە ئالاھىدە ئەھۋالدىكى ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل، مەسىلەن HIV ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دوختۇرلارنىڭ داۋالاش ئۇسۇلى ۋە داۋالاش تاكتىكىسىنى سىنايدۇ. بولۇپمۇ HIV ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل قوشۇلۇپ كەلگەن بولۇپ ،داۋالاش بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە چېتىلغاچقا، دىئاگنوز قويۇش رەت قىلىنىشى مۇمكىن. شۇڭا ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلگە گىرىپتار بولغان HIV بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئامال بار نۇقتىلىق دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالىتىپ ،ئۇلارنى تەجرىبىسى مول دوختۇرلار بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
二、常用的治疗方法
目前,尖锐湿疣的治疗是综合性治疗,以物理治疗为主,比如二氧化碳激光、光动力、电灼、液氮冷冻、手术等治疗。
1、二氧化碳激光。适用于疣体较小者,比如女性宫颈口、男性尿道口的尖锐湿疣;
2、电灼。适用于疣体较大,有蒂的尖锐湿疣。比如尖锐湿疣呈菜花状生长时,根部形成蒂,此时先用电灼消除蒂部,剩余的可采用冷冻、激光等治疗;
3、液氮冷冻。用棉签浸蘸液氮后,稍加压力放置于疣体上数秒钟,如此反复。每周一次,一般需数次治疗。不良反应有局部水肿,可持续数天;
4、光动力治疗。复发率低,但价格有点贵。方法是将新鲜配制ala溶液持续外敷于患处3小时,然后用150mj/cm2的氦-氖激光连续照射20-30分钟。间隔1-2周治疗一次,一般1-3次可治愈;
5、手术。适于大面积的尖锐湿疣。以手术方法将疣体切除,等伤口愈合后采用局部药物或冷冻等手法。
此外,还可以使用一些抗病毒药物进行辅助治疗,比如鬼臼毒素软膏、咪喹莫特乳膏等等。后期还可以使用干扰素凝胶、咪喹莫特乳膏等,能够起到抑制病毒的作用,从而促进病情恢复。
2.دائىم قوللىنىلىدىغان داۋالاش ئۇسۇللىرى
نۆۋەتتە ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلنى داۋالاش ئۇنىۋېرسال داۋالاش بولۇپ، فىزىكىلىق داۋالاش ئاساس قىلىنىدۇ، مەسىلەن، كاربون ( Ⅳ ) ئوكسىدلىق لازېر نۇرى، فوتودىنامىكىلىق كۈچ، توك بىلەن كۆيدۈرۈش، سۇيۇق ئازوتنى توڭلىتىش، ئوپېراتسىيە قىلىش قاتارلىقلار.
1.كاربون ( Ⅳ ) ئوكسىد لازېر نۇرى. سۆگەل كىچىكرەك بولغانلارغا ماس كېلىدۇ، مەسىلەن، ئاياللارنىڭ بالىياتقۇ بوينى ئېغىزى، ئەرلەرنىڭ سۈيدۈك يولى ئېغىزىدىكى ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل؛
2.توك بىلەن كۆيدۈرۈش. سۆگەل بىر قەدەر چوڭ، ساپاقلىق ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلگە ماس كېلىدۇ. مەسىلەن، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل چېچەكسەي شەكلىدە ئۆسكەندە، يىلتىز قىسمىدا ساپاق شەكىللىنىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئالدى بىلەن توك بىلەن كۆيدۈرۈپ ساپاق قىسمىنى يوقىتىش، ئېشىپ قالغانلىرىنى توڭلىتىش، لازېر نۇرى ئارقىلىق داۋالاش كېرەك؛
3.سۇيۇق ئازوتتا توڭلىتىش. پەلكۈچنى سۇيۇق ئازوتقا چىلىغاندىن كېيىن، ئازراق بېسىم بىلەن سۆگەلنىڭ ئۈستىگە بىر نەچچە سېكۇنت قويۇپ، مۇشۇنداق تەكرارلىنىدۇ. ھەپتىدە بىر قېتىم، ئادەتتە بىر نەچچە قېتىم داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. ناچار تەسىرى قىسمەن سۇلۇق ئىششىق بولۇپ، بىر نەچچە كۈن داۋاملىشىدۇ؛
4.فوتودىنامىكىلىق داۋالاش. قايتا قوزغىلىش نىسبىتى تۆۋەن، لېكىن باھاسى سەل قىممەت. بۇنىڭ ئۇسۇلى مۇنداق:يېڭى تەييارلانغان ala ئېرىتمىسىنى ئاغرىغان ئورۇنغا ئۇدا ئۈچ سائەت سىرتتىن سۈرۈپ، ئاندىن 150mj/cm2 لىق گېلىي - نېئون لازېر نۇرى بىلەن ئۇدا 20 - 30 مىنۇت يورۇتۇش. ھەر 1 − 2 ھەپتىدە بىر قېتىم داۋالىنىدۇ، ئادەتتە 1 − 3 قېتىم داۋالانسا ساقىيىدۇ؛
5.ئوپېراتسىيە. كەڭ كۆلەمدە ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل ماس كېلىدۇ. ئوپېراتسىيە ئۇسۇلى ئارقىلىق سۆگەلنى كېسىپ ئېلىۋېتىش، يارا ئېغىزى ساقايغاندىن كېيىن يەرلىك ئورۇنغا دورا بېرىش ياكى توڭلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىش كېرەك.
ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئىشلىتىپ قوشۇمچە داۋالاشقىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن، پودوفىللوتوكسىن مەلھىمى، ئىمىخىنوموت مەلھىمى قاتارلىقلار. كېيىنكى مەزگىلدە يەنە ئىنتېرفېرون يېلىمى، ئىمىخىنوموت مەلھىمى قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەندە، ۋىرۇسنى تىزگىنلەش رولىنى ئويناپ، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
三、怎样才算治愈?
尖锐湿疣的治疗周期比较长,国内最新的尖锐湿疣治疗指南里面指出,尖锐湿疣治疗以后,连续6-9个月它的复发性将减少。所以,一般认为是治疗以后疣体完全去除,连续至少半年不复发就算是临床治愈。
另外,找对医生也很重要,因为尖锐湿疣发病部位较隐蔽,细心的医生才能够发现隐藏的、比较小的疣体,及时清除尖锐湿疣的蒂部(疣体的根部)非常重要。
另外,饮食要清淡,少吃刺激辛辣性食物,海鲜、牛肉、鹅肉、辣椒、竹笋、黄豆制品等,多吃蔬菜水果,多喝水,提高免疫力,帮助减少复发。
3.قانداق قىلغاندا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ؟
ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلنى داۋالاش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئەڭ يېڭى ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلنى داۋالاش كۆرسەتمىسىدە، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل داۋالانغاندىن كېيىن، ئۇدا ئالتە ئايدىن توققۇز ئايغىچە ئۇنىڭ قايتا قوزغىلىشى ئازىيىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن. شۇڭا، ئادەتتە داۋالانغاندىن كېيىن سۆگەل پۈتۈنلەي ئېلىۋېتىلىدۇ، ئۇدا ئاز دېگەندە يېرىم يىل قايتا قوزغالمىسا، كىلىنىكىدا ساقايغان بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، دوختۇرنى تېپىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلنىڭ پەيدا بولىدىغان ئورنى بىر قەدەر يوشۇرۇن بولغاچقا، ئەستايىدىل دوختۇر ئاندىن يوشۇرۇن، بىر قەدەر كىچىك سۆگەلنى بايقىيالايدۇ، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلنىڭ ساپىقى ( سۆگەلنىڭ تۈۋى ) نى ۋاقتىدا تازىلاش ئىنتايىن مۇھىم.
ئۇنىڭدىن باشقا، يېمەك - ئىچمەك مايسىز بولۇشى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى، كالا گۆشى، غاز گۆشى، مۇچ، بامبۇك نوتىسى، سېرىق پۇرچاق ياسالمىلىرى قاتارلىق ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىشى، كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەرنى كۆپ يەپ بېرىشى، سۇنى كۆپ ئىچىپ بېرىشى، ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، قايتا قوزغىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.
四、治疗期间适当禁欲
一般情况下,尖锐湿疣治疗期间尽可能避免性生活,防止传播。当然,年轻人有性冲动是难免的,建议持续观察2-3个月不复发的情形下,可采用戴套性生活,并控制性生活的频度,减少摩擦。同时,性伴侣也要定期检查,如果连续三个月检测都没有被传染上,那么基本上是安全的。
有这样一个病例,患者是一位稍胖的“0”号,因为大腿根部的肉特别多,加上局部潮湿也很明显,尖锐湿疣长得非常多。而且没有克制性生活,每次约会回来伤口裂开出血,之前的治疗也白费了。
感情可以主动,但不要冲动。以下行为有可能感染性病(比如艾滋病、梅毒、尖锐湿疣、淋病等等),只不过概率高低问题,包括但不限于无保护的商业性行为、陌生人之间啪啪,尤其是多人运动、酒精上头后直接开房......不管哪种情况,都属于高危行为,定期检查性病最放心。
4.داۋالاش مەزگىلىدە مۇۋاپىق پەرھىز تۇتۇش كېرەك.
ئادەتتىكى ئەھۋالدا، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلنى داۋالاش مەزگىلىدە ئىمكانقەدەر جىنسىي تۇرمۇشتىن ساقلىنىپ، تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەلۋەتتە، ياشلاردا جىنسىي ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىش تەس، ئىككى - ئۈچ ئاي قايتا قوزغالمىغان ئەھۋالدا، قاپ تاقاپ جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزۈش ھەمدە جىنسىي تۇرمۇشنىڭ تەكرارلىنىش دەرىجىسىنى كونترول قىلىپ، سۈركىلىشنى ئازايتىش تەكلىپىنى بېرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىنسىي ھەمراھىنىمۇ قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش كېرەك، ئەگەر ئۇدا ئۈچ ئاي تەكشۈرسىمۇ يۇقۇملانمىغان بولسا، ئاساسىي جەھەتتىن بىخەتەر بولىدۇ.
مۇنداق بىر كېسەللىك مىسالى بار، بىمار سەل سېمىزرەك «0» نومۇرلۇق بىمار بولۇپ، يوتىسىنىڭ تۈۋىدىكى گۆش ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەرلىك ئورۇننىڭ نەملىكىمۇ ناھايىتى روشەن بولغاچقا، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل ناھايىتى كۆپ ئۆسىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جىنسىي تۇرمۇش ئۆتكۈزمىگەچكە، ھەر قېتىم ئۇچرىشىشتىن قايتىپ كەلگەندە يارا ئېغىزى يېرىلىپ قاناپ كېتىدۇ، ئىلگىرىكى داۋالاشمۇ بىكارغا كېتىدۇ.
ھېسسىيات تەشەببۇسكار بولسا بولىدۇ، لېكىن ھاياجانلانماڭ. تۆۋەندىكى قىلمىشلار جىنسىي كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن ( مەسىلەن، ئەيدىز كېسىلى، سىفلىس، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل، سۆزنەك قاتارلىقلار )، پەقەت ئېھتىماللىقنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەنلىكى مەسىلىسى، قوغدىمايدىغان سودا خاراكتېرلىك ھەرىكەت، ناتونۇش كىشىلەر ئارىسىدىكى پاس ـ پاس، بولۇپمۇ كۆپ ئادەم ھەرىكەت قىلىش، ئىسپىرت ئۈستىگە چىققاندىن كېيىن بىۋاسىتە ياتاق ئېچىش ...... مەيلى قايسى خىل ئەھۋال بۇلارنىڭ ھەممىسى خەتەرلىك قىلمىش، جىنسىي كېسەللىكلەرنى قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرسا ئەڭ خاتىرجەم بولىدۇ.
【小结】
尖锐湿疣是一种容易复发的皮肤病,而且发病部位较为特殊,所以,有人觉得无法根治。实际上,尖锐湿疣完全可以治愈的。即使多次复发,它也会自愈的,只是需要一点时间。有的人治疗一次就不再复发,有的人多治疗几次就不再复发,有的人可能要治疗十几次才能好,也有个别人由于不规范治疗或免疫力较差,即使治疗很多次仍然反反复复,从而导致出现明显的焦虑情绪,甚至厌倦治疗。
不想感染性病,那就戴好安全套,不管从预防HIV上来说,还是预防性病上来说,都很重要。
人生的每一件事都是一项经历,学会接纳并允许,会发现,自己的力量又强了许多!
重要声明:本文所介绍药物仅供参考,用药请结合临床或以医生处方为准。
قىسقىچە خۇلاسە
ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل ئاسان قايتا قوزغىلىدىغان تېرە كېسىلى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسەل قوزغالغان ئورۇن بىر قەدەر ئالاھىدە بولغاچقا، بەزىلەر يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلنى پۈتۈنلەي داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. كۆپ قېتىم قايتا قوزغالغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ، پەقەت ئازراق ۋاقىت كېتىدۇ. بەزىلەر بىر قېتىم داۋالانغاندىن كېيىن قايتا قوزغالمايدۇ، بەزىلەر بىر نەچچە قېتىم كۆپ داۋالانغاندىن كېيىن قايتا قوزغالمايدۇ، بەزىلەر ئون نەچچە قېتىم داۋالانغاندىن كېيىن ئاندىن ياخشى بولۇپ كېتىشى مۇمكىن، يەنە ئايرىم كىشىلەر ئۆلچەملىك داۋالانمىغانلىقى ياكى ئىممۇنىتېت كۈچى ناچار بولغانلىقى ئۈچۈن، كۆپ قېتىم داۋالانغان تەقدىردىمۇ يەنىلا قايتا - قايتا تەكرارلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن روشەن تەشۋىشلىنىش كەيپىياتى پەيدا بولىدۇ، ھەتتا داۋالاشتىن بىزار بولىدۇ.
جىنسىي كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىشنى خالىمىسىڭىز گاندوننى ياخشى تاقاڭ ،مەيلى HIV كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىن بولسۇن ياكى جىنسىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىن بولسۇن، ھەممىسى ئىنتايىن مۇھىم.
كىشىلىك ھاياتتىكى ھەر بىر ئىش بىر تۈرلۈك كەچۈرمىش، قوبۇل قىلىش ۋە يول قويۇشنى ئۆگىنىۋالسىڭىز، ئۆزىڭىزنىڭ كۈچىنىڭ يەنە كۆپ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
مۇھىم بايانات:بۇ ماقالىدە تونۇشتۇرۇلغان دورىلاردىن پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ، دورا ئىشلىتىشتە كلىنىكىغا بىرلەشتۈرۈش ياكى دوختۇرنىڭ رېتسىپىنى ئۆلچەم قىلىش كېرەك.

【责任编辑:开塞尔 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|