当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • Rush,增加感HIV风险!

  • 手上有水泡破了,接触艾滋病人血清

  • 中国艾滋病流行的“罪魁祸首”是

  • 当达到“U=U”时,血液会传播HIV吗

  • 中国艾滋病疫情:最严重的十大省市

  • HIV病载检测不到,是不是艾滋病“

感染者做到这几点,可实现寿命接近普通人يۇقۇملانغۇچىلار بۇ ئىشلارنى قىلالىسا ئۆمرى ئادەتتىكى ئادەملەرگە يېقىنلىشدۇ

地区:新和县来源:本站原创发布者:高翔时间:2023-11-16 23:46:03点击:
يۇقۇملانغۇچىلار تۆۋەندىكى بۇ ئىشلارنى قىلالىسا ئۆمرى ئادەتتىكى ئادەملەرگە يېقىنلىشدۇ
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەيدىز  ۋىرۇسىنى داۋالاشنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى، ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ۋىرۇسقا قارشى دورىلار ۋە داۋالاش لايىھەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىشىغا ئەگىشىپ، يۇقۇملىنىش ھازىر تەرەققىي قىلىپ بىر خىل ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە ئايلاندى، سىستېمىلىق، ئۈنۈملۈك ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئارقىلىق، ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن پەرقلەنمەيدىغان ياشاش ۋاقتىغا ئېرىشىش مۇمكىن
ئۇزۇن ياشاش بىزنىڭ ئورتاق نىشانىمىز،بىز پەقەت تۆۋەندىكى بەش نۇقتىغا دىققەت قىلساقلا، ئۇزۇن ياشاش ئۇنچە تەس ئىش ئەمەس 
بىرىنچى، بايقاش ھەمدە بالدۇر داۋالاش :دەسلەپكى مەزگىلدە داۋالىغاندا ۋىرۇسنىڭ بىرىكىپ زاپاس ئامبار بولۇپ شەكىللىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بالدۇر دىئاگنوز قويۇش، مۇنتىزىم داۋالاشنىڭ  تۆۋەندىكىدەك پايدىلىق تەرەپلىرى بار: يەنى ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قايتا قۇرۇشقا پايدىلىق، پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئازايتىدۇ، ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئەكس تەسىرى ياكى دورىغا چىدامچانلىقنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىدۇ، يۇقۇمچانلىقنى ئازايتىدۇ،  ئىقتىسادىي يۈكنى يېنىكلىتىدۇ. 2003 - يىلىدىن باشلاپ، ئېلىمىز ئەيدىز كېسىلىدە «تۆتنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرگە غەمخورلۇق قىلىش» سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، بارلىق يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارنى ھەقسىز داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئەيدىز ۋىرۇسى دەپ ئىنىق دىئاگنوز  قويۇلغاندىن كىيىن ، شۇ جايدىكى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ياكى دوختۇرخانىغا دورا ئىشلىتىش ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ
ئىككىنچى،  داۋالاشنى  قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش، ئۆلچەملىك دورا ئىچىش ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش جەريانىدا، بولۇپمۇ بىمارلارنىڭ «ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ» ماسلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ، كېسەللىك ئالامەتلىرى ياخشىلانغان ياكى كېسەللىك ئەھۋالى تۇراقلاشقاندىن كېيىن، دورىنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن توختىتىپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. مۇۋاپىق داۋالاش لايىھەسى شۇ كىشىنىڭ دورا ئىچىشىگە ماسلىشىشى كېرەك، ياخشى بولغان دورا ئىچىش بېقىنىشچانلىقى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنىڭ ئاچقۇچى. ھەر كۈنى ۋاقتىدا، مىقدارى بويىچە، تەلەپ بويىچە دورا ئىچىش، دورا بېقىنىشچانلىقى %95 تىن يۇقىرى بولغاندا ئاندىن داۋالاشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ
ئۈچىنچى،  قەرەللىك  دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈش. دورا ئىچىۋاتقان مەزگىلدە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قەرەللىك تەكشۈرتۈپ ،  زۆرۈر بولغاندا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش كېرەك.  تەكشۈرۈش ئارقىلىق ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ ئەكس تەسىرىنىڭ بەدەندىكى ئەزالارغا بولغان زىيىنىنى ۋاقتىدا بايقىغىلى ھەمدە بەدەننىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا دورىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ. تۇنجى قېتىملىق داۋالاشنىڭ بىرىنچى يىلىدىكى سالامەتلىك تەكشۈرۈش قېتىم سانى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا 15ـ كۈنى ، 1-ئىيىدا،  2-ئىيىدا،  3-ئىيىدا، 6-ئىيىدا، 9-ئىيىدا، 12-ئىيىدا جەمئىي يەتتە قېتىم بولىدۇ، كونكرېت تەكشۈرۈش تۈرى ۋە دەۋرىيلىكى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بولىدۇ، ئاساسلىق دىياگنوز قويغۇچى دوختۇر شەخسنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن تەكشۈرۈش تۈرى ۋە قېتىم سانىنى كۆپەيتىدۇ ياكى ئازايتىدۇ
ئادەتتە دورا ئىچىپ ئىككىنچى يىلدىن كېيىن، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئەھۋالى تۇراقلاشقاندا، قايتا تەكشۈرۈش ۋاقتىنى ھەر 3 ~ 6 ئايدا بىر قېتىم ئۇزارتىشقا بولىدۇ
تۆتىنچى، قانۇنىيەتلىك دەم  ئېلىش:ئالدى بىلەن بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر تۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇيقۇنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، مۇۋاپىق تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىش ئۆمۈرنى ئۇزارتىشقا پايدىلىق؛ مۇۋاپىق غىزالىنىش، يېمەك - ئىچمەك ئىقتىدارى ۋە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تاماق يېيىش، بەكلا  كۆپ يەۋالماسلىق، بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا ھەزىم قىلىش ياخشى بولماسلىق ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، لېكىن ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىككىمۇ بولمايدۇ، ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ئەڭ ياخشى، مەسىلەن:ئورۇق چوشقا گۆشى، توخۇ گۆشى، تۇخۇم، كالا سۈتى، بېلىق قاتارلىقلار، لېكىن كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. يېمەكلىك كۆپ خىل بولۇش، كۆكتات، گۆش، مېۋە - چېۋە، زەمبۇرۇغ، قاتتىق پوستلۇق مېۋە قاتارلىقلارنى مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇش كېرەك. ھەر ۋاقلىق تاماقتا گۈرۈچ تامىقى، موما قاتارلىق ئاساسلىق يېمەكلىكلەر بولۇشى كېرەك. كۆممىقوناق، تاتلىقياڭيۇ، سۆسۈن ياڭيۇ قاتارلىق قارا ئاشلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىش كېرەك. مېۋىنى كۆپ يېيىش، مېۋە تەركىبىدە ۋىتامىن، سېللۇلوزا ۋە مېنېرال ماددىلار مول بولۇپ، سالامەتلىككە ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق
بەشىنچى،  تاماكا تاشلاش، ھاراق تاشلاشقا ئىلھام بېرىش؛ تاماكا چېكىشنىڭ يۇقۇملانغۇچىلارغا نىسبەتەن يەنە ئىككى خىل ئالاھىدە خەتىرى بار:بىرىنچىسى لىمفا ھۈجەيرىسىنى تورمۇزلاپ، پۇرسەت خاراكتېرلىك يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بولۇپمۇ ئۆپكىنىڭ يۇقۇملىنىشىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ؛ ئىككىنچىسى، تاماكا چېكىش يۈرەك كېسىلى، سەكتە، سۆڭەك شالاڭلىشىش ۋە ھەر خىل خاسلىقى بولمىغان راك كېسەللىكلىرىنى، مەسىلەن، قىزىلئۆڭگەچ راكى، بۇرۇن - يۇتقۇنچاق راكى، ئېغىز بوشلۇقى راكى، كېكىردەك راكى، دوۋساق راكى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەر ئىقتىدارىنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچكەندە دورا ئىچىشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ياكى دورىنى قۇسۇپ چىقىرىپ، ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ ئۈنۈمىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ھەتتا دورا بىلەن بىرلىشىپ زەھەرلىك رېئاكسىيە پەيدا قىلىپ، كۆزلىگەن ئۆمرىنى قىسقارتىشى مۇمكىن. يىغىپ ئېيتقاندا، ئۇزاق ئۈنۈملۈك داۋالاش، ئىقتىدارىنى داۋالاپ ساقايتىش نۆۋەتتىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك داۋالاش نىشانى، داۋالاپ ساقايتىش ياكى ۋىرۇس ئامبىرىنى ئۈزۈل - كېسىل تازىلاشقا كەلسەك، يەنە تېخىمۇ كۆپ ئاساسىي تەتقىقات تىرىكى بولۇشى كېرەك، يەنە ناھايىتى ئۇزۇن يولنى بېسىشقا توغرا كېلىدۇ

【责任编辑:于心何忍 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|