当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • Rush,增加感HIV风险!

  • 手上有水泡破了,接触艾滋病人血清

  • 中国艾滋病流行的“罪魁祸首”是

  • 当达到“U=U”时,血液会传播HIV吗

  • 中国艾滋病疫情:最严重的十大省市

  • HIV病载检测不到,是不是艾滋病“

是否有办法判断HIV传播关系ئەيدىزنىڭ تارقىلىش مۇناسىۋىتىنى ھۆكۈم قىلىدىغان ئۇسۇل بارمۇ

地区:麦盖提县来源:本站原创发布者:高翔时间:2023-11-17 15:28:25点击:
ئەيدىزنىڭ تارقىلىش مۇناسىۋىتىنى ھۆكۈم قىلىدىغان ئۇسۇل بارمۇ؟
بىرىنچى، ئادەتتىكى پىرىنسىپ
تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئەگەر ئەيدىز  بىلەن يۇقۇملانغۇچى بىلەن   گۇمانىي يۇقۇم مەنبەسى ئوتتۇرىسىدىكى تارقىلىش مۇناسىۋىتى ئېنىق بولسا ھەمدە باشقا يۇقۇم مەنبەسىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولسا، بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى تارقىلىش مۇناسىۋىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. ھالبۇكى، نۇرغۇن گۇمانىي يۇقۇش مەنبەسى مەۋجۇت بولغاندا ياكى مەنپەئەتكە كۆڭۈل بۆلۈش سەۋەبىدىن تارقىلىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كەلگەندە، مولېكۇلا تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشتىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ بىۋاسىتە ئىسپاتقا ئېرىشىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، تارقىلىش تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ئەنئەنىۋى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە مولېكۇلا تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشكە تايىنىدۇ
ئىككىنچى، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشنى تەكشۈتۈش توغىرىسىدىكى ئۇسۇللار
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشنى تەكشۈرۈش كەسپىي يۇقۇملىنىشنى بېكىتىش، داۋالاش مەنبەلىك يۇقۇملىنىشنى تەكشۈرۈش ۋە ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىتىلىدۇ. دۆلىتىمىزدە بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان كەسپىي ئاشكارىلاش بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى بار. «دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ كەسىپتە ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپ بەلگىلىمىسىنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ( دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ [ 2015 ] 38-نومۇرلۇق ھۆججىتى ) غا ئاساسەن، داۋالاش، سەھىيە خادىملىرى ۋە خەلق ساقچىلىرى كەسىپتە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە،4ـھەپتىسى،8ـ ھەپتىسى،12-ھەپتىسى،6ـئىيىدا ( زۆرۈر بولغاندا بىر يىلغا ئۇزارتىلىدۇ ) دا قەرەللىك ھالدا ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك ،  تەكشۈرۈش مەزگىلىدە ئانتىگېننىڭ مۇسبەت ئۆزگىرىشى ئاشكارىلانغۇچىلار كەسپىي ئاشكارىلىنىش يۇقۇملىنىشى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا، ئانتىتېلانىڭ مۇسبەت ئايلىنىش ئىسپاتى كەسپىي ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى يۇقۇملىنىشنى بېكىتىشكە يېتەرلىك بولمايدۇ، مەسىلەن، ئاشكارىلانغۇچى ئاشكارىلىنىشتىن ئىلگىرى يۇقۇملانغان، لېكىن تەكشۈرۈش كۆزنەك مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ بايقالمىغان ياكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى تەكشۈرۈش مەزگىلدە  يەنە يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بولغان باشقا خەتەرلىك قىلمىشلار يۈز بەرگەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مولېكۇلا تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق كەسپىي ئاشكارىلىنىشتىن يۇقۇملىنىشنى بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ. كەسپىي ئاشكارىلىنىشنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە يۇقۇملىنىشنى تەكشۈرۈشنى شۇ جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بېكىتكەن كەسپىي ئاشكارىلىنىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئاپپاراتى ۋە تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئۈستىگە ئالىدۇ
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەسپىي ئاشكارىلىنىشنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىشەنچلىك ئىسپات كەمچىل بولغانلىقتىن،  داۋالاش مەنبەلىك يۇقۇملىنىش ۋە ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر چوڭ، بىر تەرەپتىن تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە بولغان تەلىپى يۇقىرى، يەنە بىر تەرەپتىن مولېكۇلا تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئىسپاتىغا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ چوڭ

【责任编辑:于心何忍 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|