当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • Rush,增加感HIV风险!

  • 手上有水泡破了,接触艾滋病人血清

  • 中国艾滋病流行的“罪魁祸首”是

  • 当达到“U=U”时,血液会传播HIV吗

  • 中国艾滋病疫情:最严重的十大省市

  • HIV病载检测不到,是不是艾滋病“

艾滋病感染者常见的带状疱疹的治疗方法ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆرۈلىدىغان بەلباغىسمان قاپارتمىنى داۋالاشى

地区:沙雅县来源:本站原创发布者:高翔时间:2023-10-11 16:16:29点击:
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆرۈلىدىغان بەلباغىسمان قاپارتمىنى داۋالاشى ئۇسۇلى
ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش بولسا  كېسەللىك جەريانىنى ئۈنۈملۈك قىسقارتىپ، ئەسۋىنىڭ ساقىيىشىنى تېزلىتىپ، يېڭى ئەسۋىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئازايتىپ، يۇقۇمچانلىقنى ئازايتىدۇ
ئەسۋە چىققاندىن كېيىنكى 24 سائەتتىن 72 سائەتكىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە دورا ئىشلىتىپ، ئۈنۈملۈك قويۇقلۇققا تېز يېتىپ ۋە ئۇنى ساقلاپ، ئەڭ ياخشى داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشىش كېرەك. ياشانغانلارغا بالنىستتا يېتىپ داېالىنىش، ياشلارغا ئامبولاتورىيىدە داۋالىنىش تەكلىپىنى بىرىمىز
بىرىنچى، دەسلەپكى مەزگىلدە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش بولسا مۇھىم باسقۇچ، ئادەتتە شيۇفۇ دىڭ پىيەن، فاشى لوۋىي پىيەن، فەنشى لوۋىي پىيەن، ئاشى لوۋىيپىەن قاتارلىق دورىلار ئارقىلىق داۋالاش ئىلىپ بارسا بولىدۇ، دورىلارنىڭ دۆلەت تېل يېزىقىدىكى نامى تۆۋەندىكىچە
溴夫定片,伐昔洛韦片,泛昔洛韦片,阿昔洛韦片ئىككىنچى،ئاغرىق توختىتىش:ئاغرىقنى بالدۇرراق ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، ئۇيقۇسىزلىق ۋە ھېسسىيات توسالغۇسىنى پەسەيتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۆتكۈر مەزگىلىدە يېنىك ئاغرىغاندا ئاتسېتامىنوفېنول، برۇفېن قاتارلىقلارنى تاللاشقا بولىدۇ

بەلباغسىمان قاپارتمىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۇسۇللىرى
نۆۋەتتە بەلباغسىمان قاپارتمىنى بىۋاسىتە ئالدىنى ئالىدىغان ئۈنۈملۈك ئۇسۇل يوق، بۇنىڭدا دەم ئېلىش، ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاش، ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئاساس قىلىنىدۇ
بىرىنچى،قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىش، بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر تۇرۇش، تۈنەشتىن ساقلىنىش، مۇۋاپىق چېنىقىش، تەن ساپاسىنى كۈچەيتىش كېرەك 
ئىككىنچى، بىمارنىڭ سۇلۇق قاپارتمىسى ۋە ئالماشتۇرىدىغان كىيىملىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىش
ئۈچىنچى، سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى ئەملەشنىڭ بەلگىلىك ئالدىنى ئېلىش رولى بار، لېكىن پۈتۈنلەي ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ. ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلار، بولۇپمۇ قارشىلىق كۈچى ئاجىزراق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە بەلباغسىمان قوقاق ۋاكسىنىسى ئەملەش بەلباغسىمان قوقاقنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر. ئالاھىدە چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، سۇ چېچىكى ياكى بەلباغسىمان قاپارتما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرمۇ بەلباغسىمان قاپارتما ۋاكسىنىسى ئەملەپ، قايتا قوزغىلىشنى ئازايتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ
تۆتىنچى،يۇقۇملانغۇچىلارغا تۆۋەن مىقداردا ئالدىنى ئېلىش دورىسى ئىشلىتىش:ئاشلوۋېي تابلېتكىسىنى بەلگىلەنگەن مىقداردا بىر قېتىم ئىچسە بەلباغسىمان قاپارتمىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن
قىسقىچە خۇلاسە 
بەلباغسىمان قاپارتما گەرچە جانغا زامىن بولمىسىمۇ، لېكىن سەل قاراشقا بولمايدۇ، ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك. ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ پەيتى ناھايىتى مۇھىم، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەن 72 سائەت ئىچىدە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئېلىپ بارغاندا داۋالاش ئۈنۈمىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇپ، تېرىدىكى زەخمىلەر ۋە جىددىي خاراكتېرلىك نېرۋا ياللۇغىنىڭ يوقىلىشىنى تېزلەتكىلى بولىدۇ. كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگىنىگە 72 سائەتتىن ئاشقان ھەمدە قاقاچ تۇتۇشقا باشلىغان بولسا ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنىڭ رولى چەكلىك. ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، مۇنتىزىم دورا ئىشلەتكەندە، كۆپىنچىسى ناھايىتى تېزلا ساقىيىپ كېتىدۇ

【责任编辑:于心何忍 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|