بەلباغسىمان قاپارتما ۋىرۇسى سۇ چېچىكى - بەلباغسىمان قاپارتما ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان تېرىنىڭ زەخىملىنىشىدۇر. ئادەتتە بالىلىق مەزگىلىدە تۇنجى قېتىم يۇقۇملىنىپ، سۇ چېچىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ۋىرۇس بەدەنگە يوشۇرۇنۇۋالىدۇ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلىگەندە، بەلباغسىمان قاپارتما پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قوزغىلىپ، كۆپ مىقداردا كۆپىيىپ، سەزگۈ نېرۋا ئوق ئۆسۈكچىسى ئارقىلىق تېرىگە يۆتكىلىپ، يۈزەكى تېرىنى تېشىپ ئۆتۈپ، بەلباغسىمان قاپارتمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، سۇ چېچىكى بىلەن بەلباغسىمان قوقاق ئەمەلىيەتتە ئوخشاش بىر خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى ئىپادىسى
بەلباغسىمان قاپارتما بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ مۇناسىۋىتى
بەلباغسىمان قاپارتما بىلەن ئەيدىز كېسىلىنىڭ بەلگىلىك باغلىنىشى بار:بىرىنچى، خەتەرلىك ھەرىكەتتىن كېيىن بەلباغسىمان قاپارتما پەيدا بولسا، كۆپ ھاللاردا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. كىلىنىكىدا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بەدىنىدە بەلباغسىمان قاپارتما پەيدا بولغانلىقتىن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مۇسبەت ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان، بەلباغسىمان قاپارتمنى يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ بىرى دېيىشكىمۇ بولىدۇ؛ ئىككىنچى، بەلباغسىمان قاپارتما ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن
يۇقۇملانغۇچىلاردا دائىم كۆرۈلىدىغان پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشنىڭ بىرى بولۇپ، كۆپ ھاللاردا كېسەللىك جەريانىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ
تەجرىبىىگە ئاساسلانغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بەلباغسىمان قاپارتما پەيدا بولۇپ تۆت يىلدىن كېيىن، %50 كە يېقىن ئادەم تەرەققىي قىلىپ ئەيدىز بىمارىغا ئايلىنىدۇ.ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا بەلباغسىمان قاپارتما پەيدا بولۇپ ئالتە يىلدىن كېيىن، %70 تىن ئارتۇق ئادەم تەرەققىي قىلىپ ئەيدىز كىسىلى باسقۇچقا يېتىدۇ
بەلباغسىمان قاپارتمىنىڭ قانداق ئالامەتلىرى بار؟
بەلباغسىمان قاپارتما يۇقىدۇ، لېكىن يۇقۇمچانلىقى كۈچلۈك ئەمەس. چاچراندىلار ۋە ( ياكى ) ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ، بالىلار، ياشانغانلار مۇداپىئەلىنىشكە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى، بىمارلار بىلەن قويۇق ئۇچرىشىشتىن ساقلىنىشى كېرەك
ئەسۋە چىقىشتىن ئىلگىرى يېنىك دەرىجىدە ماغدۇرسىزلىنىش، تۆۋەن قىزىتما قاتارلىق دەسلەپكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، تەخمىنەن 1 − 3 كۈن داۋاملاشسا ئەسۋە چىقىدۇ، دەسلەپكى كېسەللىك ئالامىتى بولمىسا ئەسۋە چىقىدىغان كېسەللىكلەرمۇ بولىدۇ. ئاسان يۈز بېرىدىغان ئورۇنلار تەرتىپ بويىچە بەل، دۈمبە، بويۇن، پېشانىدىن ئىبارەت. دەسلەپكى مەزگىلدە يەرلىك ئورۇننىڭ تېرىسى قىزىرىدۇ، قىچىشىدۇ، ئاغرىيدۇ، شۇنىڭ بىلەن تېرىقسىمان ياكى سېرىق پۇرچاقچىلىك دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولىدۇ، توپ ھالەتتە تارقىلىدۇ، ئەمما بىرىكمەيدۇ، ئارقىدىنلا تېز سۈرئەتتە سۇلۇق قاپارتمىغا ئايلىنىدۇ، قاپارتما دىۋارى جىددىيلىشىپ پارقىرايدۇ، قاپارتما سۇيۇقلۇقى سۈزۈلىدۇ، ئەتراپى قىزىرىدۇ، ھەر قايسى سۇلۇق قاپارتما توپى ئارىسىدىكى تېرە نورمال بولىدۇ. تېرە زەخمىسى كۆپىنچە بەدەننىڭ بىر تەرىپىدە يۈز بېرىدۇ، مەلۇم ئەتراپتىكى نېرۋىلارنى بويلاپ بەلباغسىمان تىزىلىدۇ
تېرە زەخىملەنگەندىن باشقا، بەلباغسىمان قاپارتما يەنە قاتتىق ئاغرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، خۇددى پىچاق بىلەن تىلغاندەك، ئوتتا كۆيگەندەك، توك سوققاندەك، ئاغرىق دەرىجىسى قاتتىق ھەم ئۇزۇن بولىدۇ، ئايرىم بىمارلاردا ئۇيقۇ توسقۇنلۇققا ئۇچراش، تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ناھايىتى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ ياشانغانلاردا ئاغرىق نەچچە ئاي ھەتتا نەچچە يىل داۋاملىشىدۇ
【责任编辑:于心何忍 】