当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • Rush,增加感HIV风险!

  • 手上有水泡破了,接触艾滋病人血清

  • 中国艾滋病流行的“罪魁祸首”是

  • 当达到“U=U”时,血液会传播HIV吗

  • 中国艾滋病疫情:最严重的十大省市

  • HIV病载检测不到,是不是艾滋病“

极易传播的传染性软疣ئاسان يۇقىدىغان يۇقۇملۇق يۇمشاق سۈگەل توغىرىسىدا چۈشەنچە

地区:乌什县来源:本站原创发布者:高翔时间:2023-10-12 13:52:37点击:
يۇقۇملۇق يۇمشاق سۆگەل چېچەك ۋىرۇسى بولسا يۇقۇملۇق يۇمشاق سۆگەل ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل يۇقۇملۇق تېرە كېسىلىدۇر. ئەمما كۆپ ساندىكى قۇرامىغا يەتكەن بىمارلاردا جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق يۇقىدىغان بولغاچقا، جىنسىي كېسەللىكنىڭ بىر خىلى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ
 بۇ كېسەللىك ياشلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، سىرتقى جىنسىي ئەزا، يىرىق، ساغرا، قولتۇق قاتارلىق ھەر قانداق تېگىشىدىغان ئورۇنلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئەر ھەمجىنىسلاردا يۈز بېرىدىغان يۇقۇملۇق يۇمشاق سۆگەل كۆپىنچە زەكەر، دوۋسۇن سۆڭىكى رايونى، يوتىنىڭ ئىچكى تەرەپ رايونى ۋە مەقئەت ئەتراپىدىكى ئىللىق، نەم جايدا بولىدۇ
يۇقۇملۇق يۇمشاق سۆگەلنىڭ تارقىلىش شەكلى 
يۇقۇملۇق يۇمشاق سۆگەل ناھايىتى ئاسان تارقىلىدۇ، جىنسىي تۇرمۇش ئارقىلىق يۇقىدۇ، بىۋاسىتە ئۇچرىشىش ياكى ۋاسىتىلىك ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقىدۇ. كۆپ ھاللاردا بىمار ۋە جىنسىي ھەمراھىغا، ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەرگە ناھايىتى چوڭ باش قېتىنچىلىقى ئېلىپ كېلىدۇ، كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭغا بولغان چۈشەنچىسى ناھايىتى ئاز بولغاچقا، دەسلەپكى داۋالاشنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ
بىرىنچى، ئۇچرىشىشتىن يۇقۇملىنىش:لۆڭگە، ۋاننا، كىيىم - كېچەك، تەرەت قاچىسى، ئاممىۋى يۇيۇنۇش ئۈسكۈنىلىرى ياكى تۇرالغۇ تازىلىق شارائىتى ناچار مېھمانخانا قاتارلىقلارنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق يۇقىدۇ
 ئىككىنچى،جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش:چوڭلاردا جىنسىي ئەزا قىسمىدا يۈز بېرىدىغان يۇقۇملۇق يۇمشاق سۆگەل كۆپىنچە جىنسىي ئۇچرىشىشتىن تارقىلىدۇ، شۇڭا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئۇنى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن
 ئۈچىنچى، ئۆز بەدىنىگە تېگىش ئارقىلىق تارقىلىش:مەسىلەن، قول سۆگەلگە تەگسە، يەنە بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىنى تۇتسا، تېگىشكەن ئورۇندىكى تېرىدە تېخىمۇ كۆپ يۇمشاق سۆگەل ئۆسۈپ چىقىدۇ
تۆتىنچى،باشقا يۇقۇش ئۇسۇللىرى:قاندىن تارقىلىش، ئانىدىن بالىغا تارقىلىش، داۋالاش مەنبەلىك تارقىلىش ( بەزى يۇقۇملۇق يۇمشاق سۆگەل تېرە زەخىملىنىش، خەتنىلىكنى ھالقىسىمان كېسىش ئوپېراتسىيىسى، خەتنىلىك زەكەر بېشىنى چاپلاشتۇرۇپ ئاجرىتىش ئوپېراتسىيىسى قاتارلىق يارىلاردىن كېيىن پەيدا بولىدۇ، شۇ ئورۇندا يۇقۇملۇق يۇمشاق سۆگەل پەيدا بولىدۇ )
كىلىنىكىلىق ئىپادىسى ۋە دىئاگنوز قويۇش
يۇقۇملۇق يۇمشاق سۆگەلنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى 2 − 3 ھەپتە بولۇپ، يوشۇرۇن مەزگىلى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن قوزغىلىدۇ. دەسلەپتە گۈرۈچ چوڭلۇقىدىكى يېرىم شار شەكىللىك ياكى قۇببىسىمان چوققىلىق دۆڭچە ئەسۋە پەيدا بولغان، تەدرىجىي كۆپىيىپ كۆك پۇرچاق چوڭلۇقىدا بولغان، ئوتتۇرىسى ئويمان، ئويمان ياكى كىندىك ئويمىنى شەكلىدە بولۇپ، تارقاق تارقالغان، ئۆزئارا بىرىكمىگەن، كۆپىنچىسى يەككە چاچما ھالەتتە بولۇپ، كۆپ يۈز بېرىدۇ. يۇمشاق سۆگەل نورمال تېرە ياكى سەل تۇتۇق سېرىق رەڭدە بولىدۇ، سىرتقى يۈزى مومدەك پارقىراق بولىدۇ، دەسلەپتە مۇستەھكەملەنگەندىن كېيىن تەدرىجىي يۇمشايدۇ، سىقىپ يېرىلغاندىن كېيىن ئاق رەڭلىك سۆگەل ( ۋىرۇس ئورىغۇچى تەنچىسى ) ئېقىپ چىقىدۇ. يەرلىك ئورۇن قىچىشىدۇ، باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمايدۇ. ئادەتتە ئالتە ئايدىن توققۇز ئايغىچە ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىدۇ. ئەمما ئايرىملىرىنى ۋاقتىدا داۋالىمىغاچقا، بىر مەزگىل كەينىگە سۆرۈلۈپ كىتىدۇ
سىرتقى جىنسىي ئەزادا يۈز بەرگەندىن باشقا، كالپۇك، تىل ۋە قوۋۇز شىللىق پەردىسى، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسى قاتارلىقلاردىمۇ يۈز بېرىدۇ، كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردىسى زەخىملەنسە رېئاكسىيەلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ياكى مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى پەيدا بولىدۇ. ئاز ساندىكىلىرىنىڭ زىيىنى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، چوڭ تىپتىكى يۇمشاق سۆگەل دەپ ئاتىلىدۇ. بەزىلىرى مۈڭگۈزلىشىپ كىچىك تېرە مۈڭگۈزىگە ئوخشاپ قالىدۇ، بۇ مۈڭگۈزلەشكەن يۇمشاق سۆگەل دەپ ئاتىلىدۇ. كىلىنىكىدا ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلدىن پەرقلەندۈرۈشكە دىققەت قىلىش، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەلدىن گۇمانلانغانلار سىركە كىسلاتاسى  تەجرىبىسى ياكى پاتولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارسا بولىدۇ

【责任编辑:于心何忍 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|