ئەيدىز سىزدىن يېراق ئەمس، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا بۇ بىلىملەرنى بىلىۋېلىڭ
بىرىنچى، نېمە ئۈچۈن ئەيدىز ۋىرۇسى بار يۇقلىقىنى تەكشۈرتىمىز؟
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇپ جەزملەشتۈرگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئېچىدىكى ھەر 100 ئادەمنىڭ 90دىن كۆپرەكى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقتۇرۋالغان
بىخەتەر بولمىغان جىنىسىي مۇناسىۋەت يۈز بەرگەندە، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىڭ قىلىشىڭىز مۇمكىن
دۆلىتىمىزدىكى كلۆپىنچە يۇقۇملانغۇچىلار تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلمىغاچقا ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئەھۋالىنى ۋاقىتىدا بىلەلمەيدۇ
ئىككىنچى، تەكشۈرۈشنىڭ شەخىسكە بولغان پايدىسى
تەكشۈرتۈش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىق ئەھۋالىنى بالدۇر بىلەلەيدۇ، بالدۇر بايقاپ بالدۇر داۋالاتقاندا ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى ، تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ
بالدۇر تەكشۈرتۈپ بالدۇر بايقىغاندا، ياخشى بولغان قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ، مەسلەن بىخەتەرلىك قاپچۇقى كاندۇم ۋە ياكى ۋىرۇسقا قارىشى داۋالاش ئارقىلىق، ئۆزىنى قوغداپ ۋىرۇسنىڭ بەدەنگە تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا زىيانكەشلىك قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، جىسىي ھەمراھىنى قوغداپ، ئەيدىزنىڭ تارقىلىشدىن ساقلانغىلى بولىدۇ
ئۇنداقتا قانداق كىشىلەر تەكشۈرتۈشكە تېگىشلىك، تەكشۈرتكەندە نەگە بىرىپ تەكشۈرتىمىز؟ بۇ مەزمۇنلارغا قىزىقسىڭىز ئۈندىدار سالونىمىزنى قېتىۋىلىپ، يوللانغان ئۇچۇر مەزمۇنىغا دىققەت قىلىڭ