
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار قانداق قىلغاندا ئۆپكە تىبىركىليۇزدىن يۇقۇملىنىشىنىڭ خەۋپىنى ئازايتالايدۇ؟
ئەيدىز بولسا كىشىلىەرنىڭ تەن ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان سالىدىغان چوڭ يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ بىرى
دۆلىتىمىز بولسا ئۆپكە تىبىركىليۇز كىسەللىرى كۆپ كۆرۈلىدىغان دۆلەت، ئۆپكە تىبىركىليۇز بولسا ئەيدىز كىسەللىرىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئىرىشىمە خاراكىتىرلىك يۇقۇملۇق كىسەللىكلەرنىڭ بىرى، ئەيدىز بىمارلىرى ئۆپكە تىبىركىليۇزدىن يۇقۇملانسىلا، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كىسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىش سۈرئىتىنى تېزلىتىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئۆلۈش نېسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۋاتىدۇ. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا،ئەيدىزبىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىر يىل ئىچىدە ئۆپكە تىبىركىليۇزدىن يۇقۇملىنىش خەتىرى تەخمىنەن 7 پىرسەنىتتىن 10 پىرسەنىت ئىكەن، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ئۆمىرىدە ئۆپكە تىبىركىليۇزدىن يۇقۇملىنىش نىسبىتى 50 پىرسەنىت ئىكەن، ئادەتتىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان ئادەملەرنىڭ پەقەت 5 پىرسەنىتتىن 10 پىرسەنىتكىچە ئىكەن
ئۇنداقتا ئەيدىز بىمارلىرى قانداق قىلغاندا ئۆپكە تىبىركىليۇزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ خەۋپىنى ئازايتالايدۇ؟
بىرىنچىدىن، ۋىرىسقا قارىشى داۋالاشنى بالدۇر باشلىشى كېرەك
ئەيدزى بىمارلىرى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەندىن كېيىن، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا بالدۇر باشلاش كېرەك، ھەمدە قەرەللىك ھالدا دۇختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرتۈپ، بەدەندىكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك، ئىمكانقەدەر ئىممۇنىت ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، ئوزۇقلىنىشقا، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىشقا دىققەت قىلىش كرەك، ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق ئۆپكە تىبىركىليۇزدىن يۇقۇملىنىڭ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى يۇقۇملىنىپ قىلىش پۇرسىتىنى ئازايتىش كېرەك
ئىككىنچى، ھەر يىىلى ئۆپكە تىبىركىليۇزدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا قارىتا تەكشۈرتۈش كىرەك
ئۈچىنچىدىن، ئۆپكە تىبىركىليۈزنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت داۋالاشنى قىلىش كېرەك
تۆتىنچىدىن، ئۆپكە تىبىركىليۈزدىن يۇقۇملىنىڭ قالغاندا، ئاۋۋال ئۆپكە تىبىركىليۇزنى داۋالىنىتىپ، ئاندىن ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئىلىپ بىرىش كېرەك