当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • Rush,增加感HIV风险!

  • 手上有水泡破了,接触艾滋病人血清

  • 中国艾滋病流行的“罪魁祸首”是

  • 当达到“U=U”时,血液会传播HIV吗

  • 中国艾滋病疫情:最严重的十大省市

  • HIV病载检测不到,是不是艾滋病“

تاماكا چېكىش ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق

地区:喀什市来源:本站原创发布者:网摘时间:2023-04-19 19:20:46点击:

تاماكا چېكىش ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئىنتايىن زىيانلىق

 ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارغا  نىسبەتەن تاماكا چىكىش ئەيدىز ۋىرۇسىدىنمۇ زەھەرلىك ھېسابلىنىدۇ، ئىلمىي تەتتىقاتلار نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە:  پەقەت تاماكا چەكمەيدىغان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن دائىم تاماكا چىكىدىغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمىرىنى سېلىشتۇرغاندا، دائىم تاماكا چىكىدىغان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان كىشىنىڭ ئۆمرى پەقەت تاماكا چەكمەيدىغان ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئۆمرىدىن 4.6 يىلدىن 5.7 يىلغىچە قىسقا بولىدىكەن.بىز دائىم تاماكا بەدەن ساغلاملىقىمىزغا ئىغىر تەسىر ئىلىپ كىلىدۇ دەيمىز، ئۇنداقتا قايسى جەھەتلەردە تەسىرى بار؟
بىرىنچىدىن، نەپەس يولى سىستېىمىسىغا  بولغان تەسىرى
  ئۇزۇن ۋاقىت تاماكا چېكىش ئاستا خاراكتېرلىك كاناي شاخچە ياللۇغى، ئاستا خاراكىتېرلىك توسۇلۇش تېپىدىكى ئۆپكە كېسىلى، ئۆپكە ھاۋالىق ئىششىقى، كانايچە زىققىسى ۋە ئۆپكە راكى قاتارلىق نەپەس يولى كىسەللىكلىرىدىن گېرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۋېتىدۇ، بۇ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆپكە ئىقتىدارىنىڭ تېز تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغان مۇھىم سەۋەب، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماكا لىمفا ھۈجەيرىسىنى تورمۇزلاپ، پۇرسەت خاراكتىرلىك يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۋىتىدۇ، مەسلەن:ئۆپكە سىپورىلىق باكتىرىيەلىك ئۆپكە ياللۇغى
ئىكككىنچىدىن، يۇرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى
تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن قاتارلىق زىيانلىق تەركىبلەر قان تومۇر ئىچىكى تېرىسىنى زەخمىلەندۈرۈپ، ئارتىرىيەنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىشىنى تېزلىتىپ، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئۈچىدچىدىن ،ھەزىم قىلىش سىتمىسىغا بولغان تەسىرى
تاماكا تەركىبىدىكى نىكوتىن ئاشقازان شىللىق پەردىسىدىكى قان تومۇرلارنى قىسقارتىپ، تارتىشىپ قىلىپ، شىللىق پەردىكى قان ۋە ئوكسىگىن يىتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ مۇكەممەلكىنى بۇزىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە نىكوتىن شۆلگەيگە كىرىپ ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
تۆتىنچىدىن، ئەرلەرنىڭ كۆپىيىش ئىقتىدارىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى
 تاماكا چېكىش يىلىكنىڭ نېرۋا مەركىزىنى تورمۇزلاش رولىغا ئىگە بولۇپ، جىنسىي ھەۋەسنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت كۆپ مىقداردا تاماكا چەكسە ئىسپىرمىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىپ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

【责任编辑:于心何忍 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|