当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • Rush,增加感HIV风险!

  • 手上有水泡破了,接触艾滋病人血清

  • 中国艾滋病流行的“罪魁祸首”是

  • 当达到“U=U”时,血液会传播HIV吗

  • 中国艾滋病疫情:最严重的十大省市

  • HIV病载检测不到,是不是艾滋病“

艾滋病治疗方面的新发现ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاشتىكى يېڭى بايقاش

地区:温宿县来源:互联网发布者:网摘时间:2023-10-19 19:14:28点击:
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشقا ئالاقىدار يېڭى ئىرسىيەت ئۆزگىرىشىنى بايقاش

ئەنگلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىملىرى يېتەكچىلىكىدىكى بىر خەلقئارا تەتقىقات گۇرۇپپىسى،1 - نومۇرلۇق خروموسومادا گېن  بولغان رايوندا بىر يېڭى ئۆزگىرىشنى بايقىغان، بۇ ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ۋىرۇس توشۇش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ 25 يىلدىن ئارتۇق تەتقىقاتتا بايقالغانتۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسى  بىلەن يۇقۇملىنىشقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئىرسىيەت ئۆزگىرىشى بولۇپ، ئالىملارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتىلغان يېڭى داۋالاش ئۇسۇلىنى ئېچىشىغا ياردەم بېرىشىدىن ئۈمىد بار. ئالاقىدار ئىلمىي ماقالىلەر 2-چېسلا نەشر قىلىنغان «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى
ۋىرۇس توشۇش مىقدارى بىمارنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ سانىنى كۆرسىتىدۇ ،مەلۇم بولغان بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئەيدىز ۋىرۇسىنى توشۇش مىقدارى كېسەلنىڭ يامانلىشىشى ۋە تارقىلىش خەۋپىنىڭ ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمما يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇس مىقدارى ھەر خىل - ھەر ياڭزا بولۇپ، شەخسنىڭ گېن قۇرۇلمىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ
نۆۋەتتە ئالىملارنىڭ ئادەم بەدىنى  بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ كۆپىنچىسى ياۋروپادىكى كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان تەتقىقاتتىن كەلگەن.ئىرسىيەتشۇناسلىقنىڭ ئافرىقا نوپۇسىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشىدىكى رولىنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن، ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا، ئالىملار 4000 غا يېقىن ئافرىقا قان سىستېمىسىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئەيدىز ۋىرۇسى تىپى  بىلەن يۇقۇملانغۇچىنى تەھلىل قىلىپ،1-نومۇرلۇق خروموسومادا گېنبولغان رايوندا بىر خىل ئۆزگەرگەن تۈرنى بايقىدى. بۇ خىل يېڭى گېن ئۆزگىرىشى پەقەت ئافرىقا نوپۇسىنىڭ تېنىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ،4 %تىن 13 %كىچە ئافرىقا پۇشتىدىن بولغانلار ياكى بۇ خىل ئالاھىدە ئۆزگەرگەن تۈرنى ئېلىپ يۈرىدۇ، بۇ بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئەيدىز ۋىرۇسى توشۇش مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
ئالىملارس خ د 1 لنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان گىىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئۇلار بۇ خىل گېننىڭ ئۆزگەرگەن تۈرىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ نۇسخىلىنىشىنى قانداق كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشنى پىلانلىدى .ئەيدىز يەنىلا يەر شارى ساغلاملىقىنىڭ بىر چوڭ تەھدىتى. ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ،پۈتۈن يەر شارىدا 38 مىليون 400 مىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى بار ئىكەن

【责任编辑:于心何忍 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|