当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • Rush,增加感HIV风险!

  • 手上有水泡破了,接触艾滋病人血清

  • 中国艾滋病流行的“罪魁祸首”是

  • 当达到“U=U”时,血液会传播HIV吗

  • 中国艾滋病疫情:最严重的十大省市

  • HIV病载检测不到,是不是艾滋病“

减少对艾滋病感染者的歧视ئەيدىز بىمارلىغا قارىتا كەمسىتىشنى ئازايتىش كېرەك

地区:巴楚县来源:本站原创发布者:高翔时间:2023-10-19 01:10:12点击:
يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس داشۆسىدىكى نەسنىل ۋىل دوكتور ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ بايقىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسىغا دىئاگنوز قويۇش شەخسنىڭ پىسخىكا ۋە ھېسسىيات ھالىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن، بۇ نۇقتا ئاۋسترالىيە ۋە جۇڭگولۇق بىمارلار ئارىسىدا ئوخشاشلا روشەن ئىكەن. كۆپ ساندىكى ئەيدىز ۋىرۇسى مۇسبەت دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ئادەم ئەڭ دەسلەپتە قاتتىق ۋەھىمە ۋە ئۆز ئېڭىنى يوقىتىشنى باشتىن كەچۈرىدىكەن،، بولۇپمۇ ئاشۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلىمى چەكلىك ياكى ۋاقىتلىق كۆچمەنلەردە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىكەن
تەجرىبىدە بايقىلىشىچە:تەتقىقات گۇرۇپپىسى يەنە ئاۋسترالىيەدە 34 ئادەمنى زىيارەت قىلغان ھەمدە بىر يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 25 ئادەمنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى دىئاگنوزىنىڭ ئۇلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىگىلىگەن. بارلىق قاتناشقۇچىلارغا 2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندىكىلىرى ئەر ھەمجىنىسلار ( 21 نەپەر ) ۋە ھەم  ئايال ھەم ئەر ياخشى كۆرىدىغان قىزىقىشى بار ئەرلەر ( 8 نەپەر ). باشقا 3نەپىرى  ئاياللارنىلا ياخشى كۆرىدىغان ئەر ۋە 2نەپىر ئەرلەرنىلا ياخشى كۆرىدىغان  ئاياللار. بۇ لارنىڭ يېشى 20 ياشتىن 59 ياشقىچە. كۆپ ساندىكى قاتناشقۇچىلار ئاۋسترالىيەلىك( 22 ئادەم ) ياكى ئاسىيالىق( 6 ئادەم ) . بىرسىدىن باشقا، ھەممە ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن داۋالىنىۋاتقان، زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا تېخى بايقالمىغان
جەمىيەت ۋە قانۇن تەسىرى 
 ئاۋسترالىيەدە،بىر قىسىم كۆچمەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەيدىز ۋىرۇسىغا دىئاگنوز قويۇش ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش سالاھىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، چۈنكى ئاۋسترالىيە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، جۇڭگودا ئەيدىز ۋىرۇسى مۇسبەت دەپ دىياگنوز قويۇشمۇ ئىجتىمائىي كەمسىتىش ۋە كەسپىي كەمسىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ بىمارلارنىڭ روھىي بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
نومۇس ۋە ئۆزلۈك نومۇس تەسىرى  
 مەيلى ئاۋىستىرالىيەدە ياكى جۇڭگودا بولسۇن، بىمارلار جەمئىيەت ۋە ئىچكى بېسىمدىن كەلگەن قوش بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ. ئۇلار دائىم سەلبىي سۆزلەر بىلەن ئۆزىنى تەسۋىرلەيدۇ، مەسىلەن:«ئۆزىدىن كۆڭلى ئېلىشىش» ۋە «ئۆزىنى مەينەت » كۆرۈش قاتارلىقلار
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي ماسلىشىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش
  تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بەزى بىمارلار بۇ رېئاللىققا تەدرىجىي ماسلىشىشقا باشلىغان، ھەتتا شەخسىي ۋە كەسپىي جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشنى باشتىن كەچۈرگەن. بەزى بىمارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسىغا دىئاگنوز قويۇش ئۇلارنى باشقىلارغا تېخىمۇ ھېسداشلىق قىلشىنى ئۆگىتىدىكەن ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆگىتىدىكەن
خۇلاسە
 مەيلى ئاۋسترالىيەدە بولسۇن ياكى جۇڭگودا بولسۇن، ئىجتىمائىي ۋە قۇرۇلمىلىق ئامىللار ئەيدىز ۋىرۇسى مۇسبەت بولغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە پىسخىكا ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوللاش ئۈچۈن، بىمارلارنىڭ شەخسىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئويلىشىش ھەمدە جەمئىيەت ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك تەڭسىزلىك ۋە كەمسىتىشنى تىرىشىپ ئازايتىش كېرەك. بۇ كۆزىتىشلەر شۇنى كۆرسەتتىكى، ئىككى دۆلەت تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىپ ئاممىنى تەربىيەلەشكە، ئەيدىز ۋىرۇسى توغرىسىدىكى خاتا چۈشەنچە ۋە كەمسىتىشنى تۈگىتىشكە، مۇسبەت دىئاگنوزنىڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك تەسىرىنى ئازايتىشقا مۇھتاج. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىسخىكا جەھەتتىن قوللاش ۋە قانۇن ياردىمى بىلەن تەمىنلەشمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم يولى

【责任编辑:于心何忍 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|