当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • Rush,增加感HIV风险!

  • 手上有水泡破了,接触艾滋病人血清

  • 中国艾滋病流行的“罪魁祸首”是

  • 当达到“U=U”时,血液会传播HIV吗

  • 中国艾滋病疫情:最严重的十大省市

  • HIV病载检测不到,是不是艾滋病“

感染了艾滋病,要不要告知配偶和性伴侣?ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندا جۆرىسى ۋە جىنىسي ھەمراھىغا دېيىش كېرەكمۇ؟

地区:和田市来源:本站原创发布者:高翔时间:2023-10-18 22:22:34点击:
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندا جۆرىسى ۋە جىنسى ھەمراھىغا دىيىش كىرەكمۇ؟
ئەلۋەتتە دېيىش كېرەك! ئەيدىز كېسىلى ئاساسلىقى جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىدۇ شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار جۆرىسى ۋە جىنسىي ھەمراھىدا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك. «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش نىزامى» دا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكى ئېنىق بەلگىلەنگەن:ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى كېسەل بولغانلىق پاكىتىنى جىنسىي مۇناسىۋىتى بارلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك. شۇڭا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ھالىتىنى جىنسىي ھەمراھىغا ئۇقتۇرۇپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىش مەجبۇرىيىتى بار. مەيلى ئەخلاق قاتلىمى ياكى قانۇن قاتلىمىدىن بولسۇن، ئەيدىز بىمارلىرى يۇقۇملىنىش ياكى كېسەل بولۇش پاكىتىنى جورىسى، ھەمراھى ياكى ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋىتى بارلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار توي قىلسا بولامدۇ؟ توي قىلىشتىن بۇرۇن توي قىلىدىغان لايىقىغا دېمىسە قانۇنىي مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكمۇ؟
2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى» نىڭ 1053 - ماددىسىدا:«بىر تەرەپ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولسا، تويلىنىشنى تىزىملىتىشتىن ئىلگىرى يەنە بىر تەرەپكە ئەينەن ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ ئەينەن ئېيتمىغانلار يەنە بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئۆيلىنىشنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئۆيلىنىشنى بىكار قىلىش تەلىپىنى بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. نۆۋەتتە ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىل ئىچىدە ئەيدىز كېسىلى يەنىلا «ئېغىر كېسەللىك» ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر يۇقۇملانغۇچى ئۆيلىنىشنى تىزىملىتىشتىن ئىلگىرى قارشى تەرەپكە ئەينەن ئەھۋالنى ئېيتسا، قارشى تەرەپ يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن تىزىملىتىپ توي قىلىشنى خالىسا، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى ئۆيلىنىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ ئۆيلىنىشنى كۈچكە ئىگە دەپ بېكىتىدۇ
 ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى تويدىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئەھۋالىنى توي قىلىش ئوبيېكتىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» نىڭ 1054-ماددىسىدا سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن تەرەپ زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا، ئەينەن ئېيتمىغان سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، غايەت زور ئىقتىسادىي بەدەل تۆلىشى كېرەك؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەگەر بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپ ئېيتمىغانلىقتىن ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بولسا، قەستەن تارقىتىش كاتېگورىيەسىگە چېتىلىپ، جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى مۇمكىن

【责任编辑:于心何忍 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|