جۇڭگو كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،1 - ئاۋغۇستتىن 31 - ئاۋغۇستقىچە، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە ( شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ ) يېڭىدىن 501 نەپەر مايمۇن چېچىكى كېسىلىگە ئېنىق دىئاگنوز قويۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدە گۇاڭدۇڭدا 95، جېجياڭدا 77، بېيجىڭدا 54، سىچۈەندە 54، شاڭخەيدە 32، جياڭسۇدا 29، گۇاڭشىدا 21، تيەنجىندە 13، خۇنەندە 13، خېنەندە 13، چۇڭچىڭدا 12، ئەنخۇيدا 12، يۈننەندە 11، خۇبېيدا 11، شەندۇڭدا 10، شەنشىدە 7، خېبېيدا 7، فۇجيەندە 7، خېيلۇڭجياڭدا 6، جىلىندا 5، سەنشىدە تۆت، ئىچكى موڭغۇلدا ئۈچ، لياۋنىڭدا ئىككى، گۇيجۇدا ئىككى، جياڭشىدا بىر بولۇپ، ئېغىر كېسەل، ئۆلگەن كېسەل يوق ئىكەن
تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىشقا ئاساسلانغاندا، يۇقۇم ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە:بىرىنچى، %98.9 كېسەللىك ئەرلەردە، %92.5 كېسەللىك ئەر ھەمجىنىسلاردا كۆرۈلگەن. ئىككىنچىسى، كېسەللىك مىسالى ئىچىدە بەش ئايال بولۇپ، كېسەللىك قوزغىلىشتىن 21 كۈن بۇرۇن يات جىنسلار بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى بولغان، يات جىنسلار بىلەن ئۇچرىشىش ئارقىلىق يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى چوڭ ، يات جىنسلىق ھەمراھلار ئىچىدە ئۈچ ئايال مايمۇن چېچىكى بىلەن يۇقۇملانغان، بىر ئايال يېقىنقى مەزگىلدە ئەسۋە چىققان، بىر ئايالدا مايمۇن چېچىكىگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن. ئۈچىنچى، باشقا ئۇچرىشىش ئۇسۇلى تارقىلىش خەۋپ خەتىرى تۆۋەن. جىنسىي ئۇچرىشىشتىن باشقا قويۇق ئۇچراشقانلار ئىچىدە پەقەت بىرلا ئادەم يۇقۇملانغان. تۆتىنچى، %93.2 كېسەللىك تەشەببۇسكارلىق بىلەن دىياگنوز قويۇپ بايقالغان، %5.3 يېقىن ئۇچراشقانلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ بايقالغان، قالغانلىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوكلات قىلىش ۋە سالامەتلىك تەكشۈرۈش قاتارلىقلار ئارقىلىق بايقالغان. بەشىنچىدىن، مۇتلەق كۆپ ساندىكى كېسەللىك مىسالىنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى تىپىك بولۇپ، ئاساسلىقى قىزىش، قاپارتما، لىمفا تۈگۈنى ئىششىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، ئېغىر كېسەل، ئۆلگەن كېسەللىك مىسالى يوق