ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قالغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قالغانلىقىدىن گۇمانلانسىڭىز،ئۆزىڭىز تەشەببۇسكار بولۇپ سىز بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغاچىنى ياكى ئورتاق يېڭنە شىپرىس ئىشلەتكۈچىنى ئۆزىڭىز بىلەن بىرگە بالدۇراق مۇنتىزىم داۋالاش ئورۇنلىرىغا بىرىپ ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا تەكشۈرتۈپ ۋە مەسلىھەت سوراپ بېقىشىڭىز كېرەك
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى دەپ دىئاگنوز قويۇلغاندىن كېيىن تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىش كېرەك
بىرىنچىدىن، قەرەللىك ھالدا دوختۇرخانىغا بىرىپ تەكشۈرتۈش شۇنداقلا تىببىي خادىملارنىڭ كۆرسەتمىسىنى قوبۇل قىلىش
ئىككىنچىدىن، ئاكىتىپ، ئۈمددۋار خۇشال بولغان كەيپىياتنى ساقلاش
ئۈچىنچىدىن، بۇرۇنقى خەتەرلىك قىلمىشلارنى ئۆزگەرتىش
تۆتىنچىدىن، يېتەرلىك ئوزۇقلۇق ۋە قېنىپ ئارام ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش
بەشىنچىدىن، يۇقۇملىنىش ۋە تېرە زەخمىلىنىشتىن ساقلىنىش
ئالتىنچىدىن، ھاراق-تاماكىنى تاشلاش، تەرتىپلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئاندىن ئەيدىز كېسىلىنىڭ قوزغلىشىنى كېچىكتۈرگىلى بولىدۇ