ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار نىمە ئۈچۈن ئالامەت كۆرۈلمىسىمۇ ۋىرۇسقا قارىش داۋالاش قىلىش كېرەك
地区:
乌市沙区来源:
互联网发布者:
网摘时间:
2023-06-04 00:26:11点击:
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا كىسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمەسلىكى ھەرگىزمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيان سالمىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ
ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن ، ئۆتكۈنچى مەزگىل، ئالامەتسىز مەزگىل قاتارلىقلاردىن كېيىن ئەڭ ئاخىرىدا ئەيدىز كىسەللىك باسقۇچىغا كىرىدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن نۇسخىلىنىپ ۋە كۆپىيپلا قالماستىن يەنە ئادەم بەدىنىڭ ئىممۇنىت سىتىمىسىغا ئۈزلۈكسىز بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ كىسەللىككە قارشى تۇرۇش زەخمىگە ئۇچىرىتىدۇ، ئادەم بەدىنىدىكى ئۈزلۈكسىز ئىشلەپچىقىرىلىدىغان يېڭى ئىممۇنىت ھۈجەيرىلىرى تەدرىجىي ئازىيدۇ، بۇ ئەھۋالدا كىسەلگە قارىشى تۇرۇش ئىممۇنىت ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ
بىرىنچىدىن، ئىممۇنىت ھۈجەيرە سانى نورمال ئىممۇنىت ھۈجەيرە سانىغا يىقىنلاشسىمۇ، لېكىن يەنىلا كىسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
ئىككىنچىدىن، داۋالانمىغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى تېز ئېغىرلىشىپ كىتىدۇ
ئۈچىنچىدىن، بالدۇر داۋالاتقاندا ئىممۇنىت ئىقتىدارىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىگە پايدىلىق
تۆتىنچىدىن، ۋىرۇسقا قارشى بالدۇر داۋالاش ئىلىپ بارغاندا، كىسەللىكنىڭ قوزغىلىش نىسبىتى ۋە ئۆلۈش نېسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ
بەشىنچىدىن، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئىلىپ بارغاندا، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ئازايىتقىلى بولىدۇ
ئومومەن قىلىپ ئېيىتقاندا، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگەن ھامان بالدۇر دىئاگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش، شۇنداق بولغاندا كىسەللىكنى ئازايىتىپ، سالامەتلىككە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ
【责任编辑:于心何忍 】
本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|