当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • Rush,增加感HIV风险!

  • 手上有水泡破了,接触艾滋病人血清

  • 中国艾滋病流行的“罪魁祸首”是

  • 当达到“U=U”时,血液会传播HIV吗

  • 中国艾滋病疫情:最严重的十大省市

  • HIV病载检测不到,是不是艾滋病“

ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار بىلىشكە تېگىشلىك بەش ئىش

地区:阿克苏市来源:互联网发布者:网摘时间:2023-04-01 00:12:44点击:

ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار بىلىشكە تېگىشلىك بەش ئىش 
ھازىر ۋىرۇسقا قارشى ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى بار بولدى، نۇرغۇن ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ساغلام، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. ئەمەلىيەتتە، توغرا داۋالاش ۋە پەرۋىش قىلىش ئارقىلىق، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن يەنىلا ئادەتتىكى ئادەملەردىن ھېچقانچە پەرقلەنمەيدىغان ئۆمۈرگە ئېرىشكىلى بولىدۇ. داۋالانغان تەقدىردىمۇ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئوخشاشلا قېرىشنىڭ نورمال تەسىرىدىن ساقلىنالمايدۇ. لېكىن نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىپ، سالامەتلىكنى قېرىغىچە ساقلىغىلى بولىدۇ.
 بىرىنچى ، قېرىلىشىش ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى
ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ئەيدىز ۋىرۇسى
ئىسپاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگەن ياشانغانلارنىڭ يېشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بەزى كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى تېخىمۇ چوڭ بولىدىكەن، بۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن
يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى
بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش
جىگەر زەئىپلىشىش
راك كېسىلى
 ئىككىنچى تىپلىق دىئابېت كېسىلى
سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى
ئەستە ساقلاش مەسىلىسى
تېز قېرىلىشىش
بەزىدە، ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلاردا بۇ ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ساغلاملىق مەسىلىلىرىنىڭ كۆرۈلۈش ۋاقتى  ئەيدىز  مەنپىيلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭكىدىن بالدۇر بولىدۇ ( «تېزلىشىش» ياكى «بالدۇر قېرىش» دەپ ئاتىلىدۇ )
بۇنىڭ بىر قانچە سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. بىرىنچى، سىزنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىڭىز چوقۇم تېخىمۇ تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ ساغلاملىقنى ساقلىشى كېرەك، گەرچە داۋالاشنى قوبۇل قىلىۋاتقان بولسىمۇ. بەزى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تاللاش، مەسىلەن، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش ياكى ساغلام بولمىغان يېمەك - ئىچمەك ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ كېسەللىكلەرگە تېخىمۇ بالدۇر گىرىپتار بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنداقلا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بەزى كىشىلەر توپىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ
 ئىككىنچى ،سالامەتلىكىڭىزنى ياخشى ئاسراڭ
قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئىنتايىن مۇھىم، ئەگەر سىز ھازىر ھەرقانداق يېڭى كېسەللىك ئالامەتلىرى ياكى كېسەللىكلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمەن دەپ قارىسىڭىز ياكى داۋالاش لايىھەڭىزنىڭ ھەرقانداق ئەكس تەسىرى بار دەپ قارىسىڭىز، ئۇلارنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرۈشىگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن، مەسئۇل دوختۇرىڭىزغا ئېيتىڭ
سىز تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ياش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇ كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتسىڭىز بولىدۇ
تاماكا چەكمەسلىك
بەدەن چېنىقتۇرۇش
تەڭپۇڭ يېمەك - ئىچمەك
ساغلام بەدەن ئېغىرلىقىنى ساقلاش
ئىسپىرتنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى چەكلەش
زەھەرنى رەت قىلىش، جۈملىدىن ھەر خىل روھلاندۇرۇش دورىسى
چوڭ مېڭىنىڭ جانلىقلىقىنى ساقلاش
 ئۈچىنچى ، دورا بېقىنىشچانلىقىدا چىڭ تۇرۇش؛ دورىلارنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ھوشيار بولۇش 20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدىن بۇيان ئىزچىل تەتۈر كۆچۈرۈلگۈچى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ كەلگەن يۇقۇملانغۇچىلار ھازىر بۇ خىل داۋالاشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىرىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، بەزى دورىلار خولېستېرىننى ئاشۇرۇپ، جىگەر ۋە بۆرەككە ئارتۇقچە بېسىم پەيدا قىلىدۇ.ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، شۇنداقلا باشقا ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە يولۇققاندا، تېخىمۇ كۆپ دورا ئىچىش تەكلىپى بېرىلىشى مۇمكىن
 بەزى ئەھۋاللاردا، يەنە بىر خىل كېسەلنى داۋالايدىغان دورىلار ئەيدىز دورىلىرى بىلەن ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل ياكى ئىككى خىل دورىنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكىنى تۆۋەنلىتىۋېتىشى مۇمكىن. ئەگەر باشقا كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان دورىلارنى ئىچىشكە توغرا كەلسە، دوختۇر بىلەن ئەڭ ياخشى دورا ئىچىش لايىھەسىنى مەسلىھەتلىشىش كېرەك
تۆتىنچى ،جىنسىي مۇناسىۋەتسىز؛ بەلكىم يۇقۇملانغان پاكىت سەۋەبىدىن، باشقىلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇشنى رەت قىلىشىڭىز مۇمكىن.بۇ خىل ئەندىشىنى تۈگەتكىلى بولىدۇ، چۈنكى ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى ئۈنۈملۈك داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، بەدەندىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارى ئادەتتە تەكشۈرگىلى بولمايدىغان ھالەتكە يېتىدۇ. بۇ پەقەت داۋاملىق داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ ھەمدە قەرەللىك ھالدا ۋىرۇس مىقدارىنى ئۆلچەپ تۇرسىلا، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىش خەۋپى بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ ( تەكشۈرگىلى بولمايدىغان ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارى ئاز دېگەندە ئالتە ئاي ساقلىنىدۇ ).
 بەشىنچى، ئۆزىنىڭ پىسخىك ساغلاملىقىغا ياخشى كۆڭۈل بۆلۈش
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يېڭىدىن ئەيدىز كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان كىشىلەر كۆپ ھاللاردا ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىدىن نومۇس قىلىدۇ ھەمدە شۇ سەۋەبتىن يېتىم قېلىشى مۇمكىن. يالغۇز ئازابقا بەرداشلىق بېرىشنىڭ تى يوق. ئەگەر كەيپىياتىڭىز چۈشكۈن بولسا، توغرا قوللاشقا ئېرىشسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ پىسخىكا ساغلاملىقىڭىزدىن خەۋەر ئېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ. ئائىلىسىدىكىلەر ياكى پىسخىكا دوختۇرى بىلەن پاراڭلىشىپ باقسا ياكى باشقا ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلار توپىغا قوشۇلۇپ باقسا بولىدۇ. يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى پىسخىك ساغلاملىق ئىنتايىن مۇھىم، ئەگەر پىسخىكىدا مەسىلە كۆرۈلسە، چوقۇم بالدۇر ئارىلىشىپ، روھىي ئالۋاستىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇش كېرەك

【责任编辑:于心何忍 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|