当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • Rush,增加感HIV风险!

  • 手上有水泡破了,接触艾滋病人血清

  • 中国艾滋病流行的“罪魁祸首”是

  • 当达到“U=U”时,血液会传播HIV吗

  • 中国艾滋病疫情:最严重的十大省市

  • HIV病载检测不到,是不是艾滋病“

ئەيدىز پەقەت بىر خىل كىسەللىك

地区:高昌区来源:发布者:时间:2023-04-01 00:41:38点击:

ئەيدىز پەقەت بىر خىل كىسەللىك 

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئەيدىز كېسەللىكى بىر خىل« ئەسىلا ساقايماس كېسەللىك» بولۇپ، ساقايماس كېسەل بولغانىكەن، داۋالاش بىلەن داۋالىنىشنىڭ ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ
لېكىن، ئەمەلىيەت شۇكى، بۇ خىل قاراشقا نىسبەتەن، نۇرغۇن مۇتەخەسسىسلەر ئامالسىز ۋە ئەپسۇسلىنىدۇ، ھازىرقى خەلقئارا جەمئىيەتتە ئەيدىز كېسىلى ساقايماس كېسەل دەپ قارالمايدىغان بولۇپ قالدى، پەقەت داۋالاش مۇۋاپىق بولسىلا، ئۇ پەقەت بىر خىل ئاستا خاراكتېرلىك ۋىرۇسلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىك خالاس
بىز كىلىنىكىلىق داۋالاش جەريانىدا بۇ تۈردىكى نۇرغۇن بىمارلارنى ئۇچراتتۇق، بۇرۇنلا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچى ياكى ئەيدىز بىمارى دەپ دىياگنوز قويۇلغان بولۇپ، تونۇش كەمچىل بولغاچقا، دائىم بۇ كېسەلنى داۋالايدىغان دورا يوق دەپ قاراپ، داۋالاشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان، ئەڭ ئاخىرىدا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا تەرەققىي قىلىپ، نۇرغۇن ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن ئاندىن دوختۇرغا كۆرۈنگەن. بۇ ئاقىلانە بولمىغان ئۇسۇللار بىمارنىڭ داۋالاش ئۈنۈمى ۋە ياشاش سۈپىتىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ
ئەمەلىيەتتە، ئەيدىز كېسىلىنى بايقىغاندا، مەيلى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بولسۇن ياكى ئەيدىز بىمارلىرى بولسۇن، بالدۇرراق كۆزىتىش، كونترول قىلىشنى باشلاپ، ئەڭ ياخشى پەيتنى تاللاپ داۋالاشنى باشلىسا، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ
ئادەتتە، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغاندىن تارتىپ كېسەللىك قوزغالغانغا قەدەر  ئالتە يىلدىن سەككىز يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ، كېسەللىك قوزغالغاندىن كېيىن ئاكتىپ داۋالانمىسا، ئادەتتە پەقەت بىر يىل ئەتراپىدا ياشىيالايدۇ
ئامېرىكا ۋاسكېتبول چولپىنى جونسون ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، ۋىرۇسقا قارشى ئاكتىپ داۋالىنىپ، ھازىرغىچە ئون نەچچە يىل ياشىدى ھەمدە ب د ت نىڭ ئەيدىز باش ئەلچىسى سۈپىتىدە پۈتۈن دۇنيادا سەييارە زىيارەتتە بولدى. بۇنداق كېسەللىك مىسالى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۆپ ئۇچرايدۇ
ئەيدىز كېسىلىدىن قورقۇپ كەتمەي، ئۇنى ئاستا-ئاستا چۈشىنىش ۋە تونۇشنى ئۆگىنىۋېلىش، ئەڭ ئاخىرىدا ئۇنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوغداش ياكى كونترول قىلىش كېرەك
سىزنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە بولغان چۈشەنچىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئۆلچەپ بېقىڭ
بىرىنچى، كۈندىلىك ئۇچرىشىش ئەيدىز كېسىلىنى تارقىتامدۇ؟
ئۇنداق بولمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى خىزمەت، ئۆگىنىش، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلىشىش ياكى ئەدەپ-قائىدە بويىچە سۆيۈشۈش قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرنىڭ ئۇچرىشىشى ئارقىلىق تارقالمايدۇ؛ ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ھاجەتخانا سېلىنچىسى، ئىشىك تۇتقۇچىسى، قاچا-قۇچا، ئىستاكان ئارقىلىق تارقىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس
ئىككىنچى، ئەيدىز كېسەللىكى يۆتىلىش ۋە چۈشكۈرۈش ئارقىلىق تارقالامدۇ؟
ئۇنداق بولمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئادەم بەدىنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ھاۋادا ياشاش ۋاقتى ناھايىتى قىسقا بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چاچراندىلارنىڭ تەركىبىدە ۋىرۇس ئىنتايىن ئاز بولىدۇ
ئۈچىنچى، پاشا چېقىۋېلىش ئەيدىز كېسىلىنى تارقىتامدۇ؟
ئۇنداق بولمايدۇ. تەجرىبىلەردىن ئىسپاتلىنىشىچە، پاشا چاققاندا سۈمۈرۈلگەن ئالدىنقى ئادەمنىڭ قېنىنى ئۇنىڭ تېنىگە ئوكۇل قىلمايدۇ، ئۇ پەقەت شۆلگەينى سىلىقلىغۇچى قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ پاشا تېنىدە ياشاش ۋاقتى ناھايىتى قىسقا بولۇپ، پاشا تېنىدە كۆپىيەلمەيدۇ. تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى تەتقىقاتىمۇ پاشا چېقىۋالسا ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلىدۇ دېگەن قاراشنى قوللىمايدۇ
تۆتىنچى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ياكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كۆز يېشى ۋە قان تەرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئەيدىز ۋىرۇسى تارقىلامدۇ؟
ئۇنداق بولمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى ئاساسلىقى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ قېنى، ئىسپېرمىسى، جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى، سۈتى ۋە قان تەركىبلىك باشقا سۇيۇقلۇقلاردا مەۋجۇت بولىدۇ
بەشىنچى، زەھەر چەككۈچىلەر ئوكۇل سايمانلىرىنى ئورتاق ئىشلەتسە ئەيدىز ۋىرۇسىنى تارقىتامدۇ؟
بىلىمەن. قان ئارقىلىق تارقىلىش ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارنىڭ قېنىدا كۆپ مىقداردا ئەيدىز ۋىرۇسى بولىدۇ. ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ياكى زەھەر تەييارلايدىغان ئەسۋابلارنى ئورتاق ئىشلىتىش ئەيدىز ۋىرۇسىنى تارقىتىدۇ
ئالتىنچى، ئەيدىز كېسىلىنى ئۈزۈل-كېسىل داۋالاپ ساقايتقىلى بولامدۇ؟
نۆۋەتتە تېخى ئەيدىزنى پۈتۈنلەي ساقايتىدىغان ئالاھىدە ئۈنۈملۈك دورا يوق. ئەمما، نۆۋەتتە ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ قېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ مىقدارىنى تۆۋەنلىتىپ، بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كېسەللىكنىڭ قوزغىلىشىنى كېچىكتۈرۈپ ياكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى يېنىكلىتىپ، ھاياتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. شۇڭا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ مەسلىھەت سورىشى، تەكشۈرتۈشى ۋە داۋالىشى كېرەك
يەتتىنچى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سىرتقى قىياپىتى نورمال ئادەملەرنىڭكى بىلەن ئوخشاشمۇ؟
شۇنداق. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرى سىرتقى قىياپىتى ساغلام كىشىلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، مېدىتسىنادا ئۇلارنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار دەپ ئاتايدۇ. گەرچە ئۇلارنىڭ تاشقى قىياپىتى ساغلام بولسىمۇ، لېكىن بەدىنىدىكى قان، ئىسپېرما، جىنسىي يول ئاجرالمىلىرى، سۈت قاتارلىقلاردا ئەيدىز ۋىرۇسى بار بولۇپ، باشقىلارغا تارقىلىدۇ
سەككىزىنچى، گاندوننى توغرا ئىشلەتكەندە جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟
بولىدۇ. بىخەتەر بولمىغان قىلمىشلاردىن ساقلىنىش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرى. ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ساداقەتمەن جىنسىي مۇناسىۋەتنى ساقلىشى ئىنتايىن مۇھىم. بىخەتەر جىنسىي قىلمىش ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل
بىخەتەرلىك ھەرىكىتى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: جىنسىي يول، مەقئەت ياكى ئېغىز ئالاقىسىگە چېتىلمايدىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىش؛ ھەر قېتىملىق جىنسىي ھەرىكەتتە سۈپىتى ئىشەنچلىك گاندوننى توغرا ئىشلىتىش؛ ساغلام ئىككى تەرەپ ئۆمۈر بويى ساداقەتمەنلىك مۇناسىۋىتىنى ساقلايدىغان جىنسىي قىلمىش سادىر قىلىش
توققۇزىنچى، ھەر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، جىنسىي ئەزانى سۇيۇق دورا بىلەن يۇيسا ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟
بولمايدۇ. ئاياللارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، جىنسىي يولنى يۇيۇش بەلكىم زىيانلىق بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ جىنسىي يولنىڭ نورمال مۇھىت تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ، ئادەم بەدىنىنى باكتېرىيە قاتارلىقلار بىلەن تېخىمۇ ئاسان يۇقۇملاندۇرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ
ئونىنچى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئايرىۋېتىش كېرەك، داۋاملىق خىزمەت قىلىشقا بولمامدۇ؟
ئۇنداق ئەمەس. ئەيدىز ۋىرۇسى كۈندىلىك ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقالمايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار كېسەل بولۇشتىن ئىلگىرى نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمىتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. شۇڭا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنى ئايرىۋېتىش ھاجەتسىز
ئون بىرىنجى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار ئەڭ ياخشىسى ھامىلىدار بولماسلىقى، بالىلىق بولماسلىقى كېرەك، شۇنداقمۇ؟
ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئاياللار ھامىلىدار بولماقچى بولسا، ئالدى بىلەن سەھىيە تارماقلىرىغا بېرىپ مەسلىھەت سوراپ، ھامىلىدار بولۇش ۋە تۇغۇش مەزگىلىدە داۋالانسا، ھامىلىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ
ئەيدىز كېسىلى، پەقەت بىر خىل كېسەل. ئەيدىز بىمارلىرى بىزنىڭ غەمخورلۇقىمىزغا مۇھتاج. ئەيدىزنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، بۇ بىلىملەرنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ساغلام ھەرىكەت ئۇسۇلىنى پائال قوللانغاندىلا، ئاندىن ئەيدىزنىڭ ئالدىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئالغىلى بولىدۇ

【责任编辑:于心何忍 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|