当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

【双语】艾滋病自愿咨询检测(VCT) ئەيدىزنى  ئىختىيارىي مەسلىھەت بىرىش (VCT) ۋە تەكشۈرۈش

发布日期:2026-11-01 点击:次
  •  

(一)什么是VCT
艾滋病自愿咨询检测(VCT)是指人们在经过咨询后,在知情和保密的情况下,对是否做艾滋病检测自愿做出选择的过程。VCT不仅是一个检测,更是一个咨询和支持的过程。它包括检测前咨询、检测和检测后咨询三个部分。通过VCT,人们可以了解自己的艾滋病感染状况,获得必要的信息和心理支持,从而做出有利于自己健康的选择。
VCT是艾滋病防治工作的重要组成部分。通过自愿咨询检测,可以发现更多的感染者,使他们尽早获得治疗和关怀;可以帮助有高危行为的人了解自己的感染状况,采取预防措施,避免继续传播;可以减少艾滋病带来的社会影响和个人心理负担。
我国在各级疾控中心、妇幼保健机构、综合医院设立了自愿咨询检测门诊,为群众提供免费、保密的咨询和检测服务。有些地方还设立了快速检测点、尿液检测点等,方便群众就近获得检测服务。

(二)哪些人应该做检测
建议以下人群主动接受艾滋病检测:有过无保护性行为者,特别是与非固定性伴或不了解对方感染状况的人发生性行为者;艾滋病病毒感染者的配偶或性伴;静脉吸毒者,特别是共用针具者;患有梅毒、淋病等性传播疾病者;曾输入未经检测的血液或血制品者;HIV阳性母亲所生的子女;在手术、内镜检查等医疗操作中可能接触血液者;其他有高危行为者。
此外,为了自身健康和安全,建议以下人群也常规进行艾滋病检测:准备结婚的情侣,可以在婚检时同时检测;准备怀孕的夫妇,孕前检查时同时检测;术前患者,医疗机构常规筛查;孕妇,孕期保健时常规检测。这些常规筛查有助于早期发现感染者,及时采取干预措施。
特别需要提醒的是,如果最近有过无保护性行为,即使没有任何症状,也应该及时检测。因为在窗口期后检测阴性,才能确认没有感染。不要因为没有症状就认为自己没有感染——艾滋病在很长一段时间内是没有症状的。

(三)检测是保密的
艾滋病检测严格遵守保密原则。检测机构和检测人员对受检者的个人信息和检测结果严格保密,未经本人同意,不得向任何单位和个人泄露。检测可以用真实姓名,也可以匿名检测,受检者可以根据自己的意愿选择。
具体来说,保密包括以下几个方面:检测时登记的个人信息(姓名、身份证号、联系方式等)严格保密,不得随意查阅和泄露;检测结果只有受检者本人和检测医生知道,不会通知单位、家属或其他人;检测记录单独存放,专人管理;如果检测阳性,医生会与受检者单独沟通,商讨后续的治疗和随访方案,不会在公开场合宣布。
受检者可以放心地去做检测,不需要担心自己的隐私会被泄露。如果发现有泄露隐私的情况,可以向卫生健康行政部门投诉。

(四)检测的意义和后续处理
早检测、早发现、早治疗是艾滋病防治的关键。通过检测,可以及时了解自己的感染状况;如果阴性,可以采取预防措施保护自己,也保护他人;如果阳性,可以尽早接受治疗,延长生命,提高生活质量,同时避免传染给他人。
如果检测结果是阴性:说明目前没有感染艾滋病病毒。但要注意窗口期问题,如果最近有高危行为,建议3个月后复查。同时,要继续保持健康的行为,坚持预防措施,避免今后感染。
如果检测结果是阳性:不要恐慌,艾滋病已经是可防可控的慢性病。医生会向你详细解释病情,告诉你接下来该怎么做。现在有很好的抗病毒治疗药物,只要规范治疗,感染者可以长期存活,生活质量可以接近正常人。同时,要告知自己的性伴侣,让对方也去检测;要采取安全措施,避免传染给他人。
  • ئەيدىزنى  ئىختىيارىي مەسلىھەت بىرىش (VCT) ۋە تەكشۈرۈش
 دىگەن نىمە vct 
ئەيدىزدىن  ئىختىيارىي مەسلىھەت بىرىش  ۋە تەكشۈرۈش دېگىنىمىز، كىشىلەر مەسلىھەت ئالغاندىن كېيىن ، ئۇقتۇرۇش ۋە مەخپىي تۇتۇش ئاساسىدا ، ئەيدىز  تەكشۈرۈش قىلدۇرۇش-قىلدۇرماسلىقنى ئۆزى ئىختىيارىي قارار قىلىش جەريانىدۇر. پەقەت بىر تەكشۈرۈشلا ئەمەس، بەلكى مەسلىھەت ۋە قوللاش جەريانىمۇبار ئۇ ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: تەكشۈرۈشتىن بۇرۇنقى مەسلىھەت، تەكشۈرۈش ۋە تەكشۈرۈشتىن كېيىنكى مەسلىھەت ئارقىلىق كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەيدىز  يۇققان-يۇقمىغانلىقىنى بىلەلەيدۇ ھەمدە زۆرۈر ئۇچۇر ۋە روھىي جەھەتتىن قوللاشقا ئېرىشەلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆز ساغلاملىقىغا پايدىلىق تاللاشنى قىلالايدۇ   .
VCT ئەيدىز نى ئالدىنى ئېلىش-توسۇش خىزمىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىدۇر. ئىختىيارىي مەسلىھەت  بىرىش  ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تېخى بايقالماي قالغان يۇققانلارنى تېخىمۇ كۆپ بايقىغىلى بولىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئۇلارنى بالدۇرراق داۋالاش ۋە كۆيۈنۈش مۇلازىمىتىگە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ؛ يۇقىرى خەۋپلىك ھەرىكەت قىلغان كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇش ئەھۋالىنى بىلىپ، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، داۋاملىق يۇقۇمتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؛ ئەيدىز نىڭ ئىجتىمائىي تەسىرىنى ۋە شەخسىي روھىي يۈكىنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
دۆلىتىمىزدە ھەر قايسى كېسەللىكنى كونتىرول قىلىش مەركەزلىرىدە، ئانا-بالارساقلىقنى ساقلاش ئورگانلىرىدا، ھۆكۇمەت دوختۇرخانىلاردا ئىختىيارىي مەسلىھەت  بىرىش ۋە تەكشۈرۈش كۆزنەكلىرى قۇرۇلۇپ، ئاممىغا ھەقسىز، مەخپىي مەسلىھەت ۋە تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى كۆرسىتىدۇ. بىر قىسم يەرلەردە يەنە تېز تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى، سۈيدۈك تەكشۈرۈش نۇقتىلىرى قاتارلىقلار قۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ يېقىن يەردىن تەكشۈرۈش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىشىگە قولايلىق يارىتىلغان.
 ، قايسى كىشىلەر تەكشۈرۈش قىلدۇرۇشى كېرەك
تۆۋەندىكى كىشىلەرنىڭ ئاكتىپ ھالدا ئەيدىز  تەكشۈرۈشى قىلدۇرۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ: قوغداش تەدبىرى بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارغان كىشىلەر، بولۇپمۇ مۇقىم بولمىغان جىنسىي ھەمراھى ياكى قارشى  تەرەپنىڭ يۇقۇش ئەھۋالىنى بىلمەيدىغان كىشى بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بارغانلار؛ ئەيدىز  ۋىرۇسى يۇققان كىشىنىڭ جۈپتى ياكى جىنسىي ھەمراھى؛ تومۇرغا ئوكۇل ئۇرۇپ زەھەر چەككەنلەر، بولۇپمۇ ئوكۇلنى ئورتاق ئىشلىتىدىغانلار؛ سىفلىس، ،ب تىپلىق قاتارلىق جىنسىي يول بىلەن يۇقىدىغان كېسەللىككە گىرىپتار بولغانلار؛ تەكشۈرۈلمىگەن قان ياكى قان مەھسۇلاتلىرى ئىشلەتكەنلەر ؛ ئەيدىز قا گىرىپتار ئانىدىن تۇغۇلغان بالىلار؛ ئوپېراتسىيە، ئندوسكوپىيە تەكشۈرۈش قاتارلىق داۋالاش مەشغۇلاتلىرىدا قان بىلەن تېگىشىپ قېلىشى مۇمكىن بولغانلار؛ باشقا يۇقىرى خەۋپلىك ھەرىكەت قىلغانلار.
بۇنىڭدىن سىرت، ئۆز ساغلاملىقى ۋە خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن، تۆۋەندىكى كىشىلەرنىڭمۇ نورمال ھالدا  ئەيدىز  تەكشۈرۈشى قىلدۇرۇشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ: توي قىلىدىغان جۈپلەر، توي ئالدى تەكشۈرۈشتە بىرلا ۋاقىتتا تەكشۈرگىلى بولىدۇ؛ ھامىلدار بولماقچى بولغان ئەر-ئايال، ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈشتە بىرلا ۋاقىتتا تەكشۈرۈش قىلدۇرۇشى كېرەك؛ ئوپېراتسىيە قىلىنىدىغان بىمارلار، داۋالاش ئورگانلىرى نورمال ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ؛ ھامىلدار ئاياللار، ھامىلىدارلىق ساغلاملىقىنى ساقلاش مەزگىلىدە نورمال تەكشۈرۈلىدۇ. بۇ خىل نورمال تەكشۈرۈش يۇققانلارنى بالدۇر بايقاشقا، ۋاقتىدا ئارىلىشىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا ياردەم بېرىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش كېرەككى، ئەگەر يېقىندا  قوغداش تەدبىرى بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت يۈز بەرگەن بولسا ھېچقانداق ئالامەت بولمىسىمۇ، ۋاقتىدا تەكشۈرۈش قىلدۇرۇش كېرەك. چۈنكى پەقەت  كۆزنەك مەزگىلىدىن ئاشقاندىن كېيىن مەنپىي چىققاندىلا، يۇقمىغانلىقنى جەزىملەشتۈرگىلى بولىدۇ. ئالامەت يوق دەپ ئۆزىنى يۇقمىغان دەپ ئويلىماسلىق كېرەك—ئەيدىز  ئۇزاق مەزگىلگىچە ئالامەتسىز بولىدۇ
 ئۇچۇنجى ، تەكشۈرۈش مەخپىي بولىدۇ
ئەيدىز  تەكشۈرۈشى مەخپىي تۇتۇش پرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىنىدۇ. تەكشۈرۈش ئورگانلىرى ۋە تەكشۈرگۈچى خادىملار تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ۋە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى قاتتىق مەخپىي تۇتىدۇ، ئۆزىنىڭ ماقۇللۇقىسىز، ھېچقانداق ئورگان ياكى شەخسكە ئاشكارىالمايدۇ. تەكشۈرۈشنى ئەسلىي ئىسىم بىلەن قىلدۇرغىلى بولىدۇ، يەنە نامسىز قىلدۇرغىمۇ بولىدۇ. تەكشۈرۈلگۈچى ئۆز خاھىشى بويىچە تاللىيالايدۇ.
كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، مەخپىي تۇتۇش تۆۋەندىكى تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: تەكشۈرۈشتە خاتىرىلىنىدىغان شەخسىي ئۇچۇرلار (ئىسمى، كىملىك نومۇرى، ئالاقە نومۇرى قاتارلىق) قاتتىق مەخپىي تۇتۇلىدۇ، خالىغانچە كۆرۈش ۋە ئاشكارىلاشقا بولمايدۇ؛ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى پەقەت تەكشۈرۈلگۈچى ئۆزى ۋە تەكشۈرگۈچى دوختۇر بىلىدۇ، ئىشخانا، ئائىلە ئەزالىرى ياكى باشقىلارغا ئۇقتۇرۇلمايدۇ؛ تەكشۈرۈش خاتىرىلىرى ئايرىم ساقلىنىپ، مەخسۇس كىشى باشقۇرىدۇ؛ ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقسا، دوختۇر تەكشۈرۈلگۈچى بىلەن ئايرىم پاراڭلىشىپ، كېيىنكى داۋالاش ۋە كۆزىتىش پىلانىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ، ئاممىۋىي يىغىندا ئېلان قىلمايدۇ.
تەكشۈرۈلگۈچىلەر خاتىرجەم بولۇپ تەكشۈرۈش قىلدۇرسىمۇ بولىدۇ، شەخسىي مەخپىيىتىنىڭ ئاشكارىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر مەخپىيەتنىڭ ئاشكارىلانغانلىقىنى بايقىسىڭىز، ساغلاملىقنى ساقلاش خادىملىق تارماقلىرىغا شىكايەت قىلسىڭىز بولىدۇ.
 تۆتىنجى ، تەكشۈرۈشنىڭ ئەھمىيىتى ۋە كېيىنكى بىر تەرەپ قىلىش
بالدۇر تەكشۈرۈش، بالدۇر بايقاش ۋە بالدۇر داۋالاش ئەيدىز نى ئالدىنى ئېلىش-توسۇشنىڭ ئاچقۇچىدۇر. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئادەم ئۆزىنىڭ يۇققان-يۇقمىغانلىقىنى ۋاقتىدا بىلەلەيدۇ؛ ئەگەر يۇقمىغان بولسا، ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپلا قالماي، باشقىلارنىمۇ قوغدىيالايدۇ؛ ئەگەر يۇققان بولسا، بالدۇر داۋالىنىپ، ئۆمرىنى ئۇزارتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنالايدۇ.
ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى مەنپىي چىقسا: دېمەك ھازىر ئەيدىز  ۋىرۇسى يۇقمىغانسىز. لېكىن ئېچىۋېتىش مەزگىلى مەسىلىسىگە دىققەت قىلىش كېرەك. ئەگەر يېقىندا يۇقىرى خەۋپلىك ھەرىكەت يۈز بەرگەن بولسا، 3 ئايدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈش قىلدۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ساغلام ھەرىكەتنى داۋاملىق ساقلاش كېرەك، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، كەلگۈسىدە يۇقۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى مۇسبەت چىقسا: قورقۇپ كەتمەڭ  ئەيدىز  ئەمدى ئالدىنى ئالغىلى ۋە كونتىرول قىلغىلى بولىدىغان  كېسەللىككە ئايلاندى. دوختۇر سىزگە كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ، كېيىن نېمە قىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بېرىدۇ. ھازىر ناھايىتى ياخشى ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش دورىلىرى بار، نورمال داۋالىسىڭىز، يۇققانلار ئۇزۇن مۇددەت ياشىيالايدۇ، تۇرمۇش سۈپىتى نورمال كىشىلەرنىڭكىگە يېقىن بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىنسىي ھەمراھىڭىزغا ئېيتىپ، ئۇنىڭمۇ تەكشۈرۈش قىلدۇرۇشىنى تەۋسىيە قىلىش كېرەك؛ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

信息发布:【阿卜杜米吉提】

项目支持:【伊宁县】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
疫情期间HIV药品借药援助
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆融爱健康版权所有