当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • Rush,增加感HIV风险!

  • 手上有水泡破了,接触艾滋病人血清

  • 中国艾滋病流行的“罪魁祸首”是

  • 当达到“U=U”时,血液会传播HIV吗

  • 中国艾滋病疫情:最严重的十大省市

  • HIV病载检测不到,是不是艾滋病“

【双语】(下)艾滋病常见20问ئەيدىز كېسىلى كۆپ ئۇچرايدىغان 20 سوئال

地区:喀什市来源:发布者:时间:2024-11-01 12:15:31点击:
11
目前我国艾滋病预防控制的总体形势如何?
 
近年来,我国持续加大艾滋病防治力度,经注射吸毒传播、输血传播和母婴传播已得到有效控制,重点地区疫情快速上升势头得到基本遏制,全国整体疫情控制在低流行水平,受艾滋病影响人群生活质量不断提高,社会歧视进一步减轻。
目前,我国艾滋病流行形势依然严峻。尚有一定数量的感染者和病人未被检测发现,性传播成为最主要传播途径,男性同性性行为人群感染率较高,青年学生感染人数总体上呈增加趋势,卖淫嫖娼等违法犯罪活动、合成毒品滥用及不安全性行为等诸多因素加大了艾滋病传播风险,社交新媒体的普遍使用增强了易感染艾滋病行为的隐蔽性,防控形势十分艰巨复杂。
نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش
ئومۇمىي ۋەزىيەت قانداق؟
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش سالمىقىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش ئارقىلىق تارقىلىش، قان سېلىش ئارقىلىق تارقىلىش ۋە ئانىدىن بالىغا تارقىلىش ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى، نۇقتىلىق رايونلاردا يۇقۇم تېز كۆپىيىش ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن تىزگىنلەندى، مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي يۇقۇم ئەھۋالى تۆۋەن تارقىلىش سەۋىيىسىدە تىزگىنلەندى، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ئىجتىمائىي كەمسىتىش يەنىمۇ يېنىكلىدى.
ھازىر ئېلىمىزدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن. يەنە مەلۇم ساندىكى يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلار تېخى تەكشۈرۈپ بايقالمىغان بولۇپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش ئەڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولۇپ قالغان، ئەر ھەمجىنىسلارنىڭ جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇملىنىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى، ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇقۇملىنىش سانى ئومۇمىي جەھەتتىن كۆپىيىشكە يۈزلەنگەن، ئىپپەت - نومۇسىنى سېتىش، پاھىشىۋازلىق قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەر، بىرىكمە زەھەرنى قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە بىخەتەر بولمىغان قىلمىشلار قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋەتكەن ئىجتىمائىي ئالاقە يېڭى تاراتقۇلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىشى ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغان قىلمىشلارنىڭ يوشۇرۇنچانلىقىنى كۈچەيتتى، ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ۋەزىيىتى ئىنتايىن مۈشكۈل ۋە مۇرەككەپ.
12
目前我国艾滋病流行呈现哪些特点?行呈现哪些特点?
 
截至2018年9月底,我国报告存活感染者85.0万例,死亡26.2万。据中国疾控中心、联合国艾滋病规划署和世界卫生组织联合评估,截至2018年底,我国估计感染者和病人约为125万,全人群感染率为万分之九。
疫情呈现以下几个特点:
从疫情流行水平来看,全国艾滋病总体疫情控制在低流行水平,但流行程度不平衡,部分地区疫情较重。
从传播途径来看,近年来,性传播是我国最主要的传播途径,每年报告发现的艾滋病病毒感染者中,性传播的比例已超过90%。2017年报告病例中,经性传播比例为95.1%(异性性传播为69.6%,同性性传播为25.5%)。
异性性传播是当前影响我国艾滋病流行的最主要因素。
نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى قانداق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە؟
2018 - يىلى 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدە ھايات قالغان يۇقۇملانغۇچىلار 850 مىڭغا، ئۆلگەنلەر 262 مىڭغا يەتكەن. جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى، ب د ت ئەيدىز كېسىلى پىلان مەھكىمىسى ۋە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىرلەشمە باھالىشىغا ئاساسلانغاندا،2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدە تەخمىنەن 1 مىليون 250 مىڭ يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمار بار بولۇپ، پۈتۈن كىشىلەر توپىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى 10 مىڭدىن 9 پىرسەنتكە يېتىدىكەن.
يۇقۇم ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە ئالاھىدىلىككە ئىگە:
يۇقۇمنىڭ تارقىلىش سەۋىيەسىدىن قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئومۇمىي يۇقۇم ئەھۋالى تۆۋەن تارقىلىش سەۋىيەسىدە كونترول قىلىنغان، لېكىن تارقىلىش دەرىجىسى تەكشى ئەمەس، قىسمەن رايونلاردا يۇقۇم ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر.
تارقىلىش يولىدىن قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش ئېلىمىزدىكى ئەڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى بولۇپ، ھەر يىلى دوكلات قىلىپ بايقالغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىچىدە، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش نىسبىتى 90 %تىن ئېشىپ كەتكەن. 2017 - يىلى دوكلات قىلىنغان كېسەللەر ئىچىدە، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىش نىسبىتى %95.1 ( يات جىنسلار ئارقىلىق تارقىلىش %69.6، ئوخشاش جىنسلار ئارقىلىق تارقىلىش %25.5 ) بولغان.
يات جىنسلىق تارقىلىش نۆۋەتتە ئېلىمىزدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئەڭ ئاساسلىق ئامىل.
13
什么是易感染艾滋病的危险行为?
 
艾滋病病毒大量存在于感染者的血液以及精液、阴道分泌物、乳汁等体液中,并具有很强的传染性。暴露在可能含有艾滋病病毒体液的行为都是易感染艾滋病的危险行为。
在进行生殖器-生殖器性交(阴道交)、生殖器-口腔性交(口交)、生殖器-肛门性交(肛交)等性行为时,如果不采取正确保护措施,艾滋病病毒易通过性行为传播,性伴越多,感染艾滋病的危险越大。
与他人共用注射器吸毒感染艾滋病的危险特别大,使用未经严格消毒的器械进行有创操作,如穿耳洞、纹身等也存在感染艾滋病的风险。
使用合成毒品可刺激或抑制中枢神经活动,导致性乱、过度性活跃或遭受性暴力侵害。在性行为中使用合成毒品已成为近年来促进艾滋病传播的高危险行为。
ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغان خەتەرلىك قىلمىش دېگەن نېمە؟
ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ قېنى ۋە ئىسپېرمىسى، جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى، سۈتى قاتارلىق بەدەن سۇيۇقلۇقلىرىدا كۆپ مىقداردا مەۋجۇت بولىدۇ ھەمدە ناھايىتى كۈچلۈك يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولىدۇ. تەركىبىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بەدەن سۇيۇقلۇقى بولۇش ئېھتىمالى بولغان قىلمىشلارنىڭ ھەممىسى ئەيدىز كېسىلى بىلەن ئاسان يۇقۇملىنىدىغان خەتەرلىك قىلمىشتۇر.
جىنسىي ئەزا - جىنسىي ئەزا جىنسىي ئالاقە ( جىنسىي يول جىنسىي ئالاقە )، جىنسىي ئەزا - ئېغىز بوشلۇقى جىنسىي ئالاقە ( ئېغىز ئارقىلىق جىنسىي ئالاقە )، جىنسىي ئەزا - مەقئەت جىنسىي مۇناسىۋەت ( مەقئەت ئارقىلىق جىنسىي مۇناسىۋەت ) قاتارلىق جىنسىي ھەرىكەتلەرنى قىلغاندا، ئەگەر توغرا قوغداش تەدبىرى قوللىنىلمىسا، ئەيدىز ۋىرۇسى ئاسانلا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدۇ، جىنسىي ھەمراھ قانچە كۆپ بولسا، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى شۇنچە چوڭ بولىدۇ.
باشقىلار بىلەن شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چېكىپ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى ئالاھىدە چوڭ بولۇپ، قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان ئەسۋابلارنى ئىشلىتىپ جاراھەتلەنگەن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش، مەسىلەن، قۇلاق تەشمىسى، بەدەن چەكمىسى قاتارلىقلاردىمۇ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى مەۋجۇت.
بىرىكمە زەھەرنى ئىشلەتكەندە مەركىزىي نېرۋا پائالىيىتىنى غىدىقلاپ ياكى تورمۇزلاپ، جىنسىي قالايمىقانلىشىشنى، زىيادە جانلىنىشنى ياكى جىنسىي زوراۋانلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەتتە بىرىكمە زەھەر ئىشلىتىش يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خەتەرلىك قىلمىشقا ئايلاندى.
14
为什么男性同性性行为感染风险更大?
 
艾滋病性传播的几种情况中,以无保护肛交传播艾滋病的风险最大。
肛交是男性同性间常见的性行为方式,在肛交过程中,因生理结构,肛周黏膜非常容易出现损伤,艾滋病病毒等可直接通过这些微小的伤口进入血液造成感染。
同时,男性同性性行为人群感染率高,更加大了感染风险。
نېمە ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ ئوخشاش جىنسلىق جىنسىي مۇناسىۋەت بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ؟
ئەيدىز كېسىلى، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان بىر نەچچە خىل ئەھۋال ئىچىدە، مەقئەتنى قوغدىماي تۇرۇپ ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش خەۋپى ئەڭ چوڭ بولىدۇ.
مەقەت ئارقىلىق جىنسىي ئالاقە قىلىش ئەرلەرنىڭ ئوخشاش جىنىسلىقلار ئارىسىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان جىنسىي ھەرىكەت ئۇسۇلى بولۇپ، مەقەت ئارقىلىق جىنسىي ئالاقە قىلىش جەريانىدا، فىزىيولوگىيەلىك قۇرۇلما سەۋەبلىك مەقەت ئەتراپى شىللىق پەردىسى ناھايىتى ئاسانلا زەخىملىنىدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسى قاتارلىقلار بۇ ئۇششاق يارا ئېغىزلىرى ئارقىلىق بىۋاسىتە قانغا كىرىپ يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەر ئوخشاش جىنسلىق جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىدىغانلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
15
合成毒品有哪些?
 
合成毒品是相对鸦片、海洛因等传统毒品而言的,主要是指人工化学合成的毒品,俗称新型毒品。
因为这些新型的毒品是人工合成化学品,种类很多,名称、形状、颜色也层出不穷。加上有的不法行为者将毒品混入食品、饮料中,单靠肉眼很难分辨。
合成毒品主要作用于人体中枢神经系统,主要分为中枢兴奋作用为主的兴奋剂,以及中枢抑制作用为主的麻醉剂和致幻剂。
常见的合成毒品包括冰毒、摇头丸、K粉、rush、0号胶囊等。
بىرىكمە زەھەردىن قايسىلار بار؟
بىرىكمە زەھەر ئەپيۈن، خروئىن قاتارلىق ئەنئەنىۋى زەھەرلەرگە نىسبەتەن ئېيتىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى سۈنئىي خىمىيەلىك بىرىكتۈرۈلگەن زەھەرنى كۆرسىتىدۇ، ئادەتتە يېڭى تىپتىكى زەھەر دەپ ئاتىلىدۇ.
چۈنكى، بۇ يېڭى تىپتىكى زەھەرلىك بۇيۇملار سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن خىمىيەلىك بۇيۇملار بولۇپ، تۈرى ناھايىتى كۆپ، نامى، شەكلى، رەڭگىمۇ ئارقا - ئارقىدىن پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى قانۇنسىز قىلمىش سادىر قىلغۇچىلار زەھەرنى يېمەكلىك، ئىچىملىككە ئارىلاشتۇرۇۋالغاچقا، كۆز بىلەنلا پەرق ئەتكىلى بولمايدۇ.
بىرىكمە زەھەر ئاساسلىقى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئاساسلىقى مەركىزىي نېرۋىنى قوزغىتىش رولىنى ئاساس قىلغان روھلاندۇرغۇچى دورا، شۇنىڭدەك مەركىزىي نېرۋىنى تورمۇزلاش رولىنى ئاساس قىلغان ناركوز دورىسى ۋە خىيالىي سېزىم پەيدا قىلغۇچى دورا دەپ ئايرىلىدۇ.
كۆپ ئۇچرايدىغان بىرىكمە زەھەر كرىستال زەھەر، باش گىلدىڭلىتىش كومىلىچى ،K تالقىنى ،rush ،0 نومۇرلۇق كاپسۇل قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
16
为什么合成毒品和艾滋病感染有密切关系?
 
使用合成毒品和艾滋病感染有非常紧密的关系。与传统毒品比较,合成毒品直接作用于人体中枢神经系统,持续使用更容易使人产生依赖性,合成毒品名称繁多,甚至伪装成跳跳糖、饮料等形式,更具欺骗性,危害更具有隐蔽性。
根据使用品种不同,可能表现狂躁,机能亢进;也可能浑身无力,出现幻觉,自身控制能力严重降低,受到性侵害。自我防护意识差,减少安全套使用,极大地增加感染艾滋病的风险。
نېمە ئۈچۈن بىرىكمە زەھەر ۋە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش
زىچ مۇناسىۋىتى بار؟
بىرىكمە زەھەر ئىشلىتىش ۋە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئەنئەنىۋى زەھەرلەرگە سېلىشتۇرغاندا، بىرىكمە زەھەر ئادەم بەدىنىنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، داۋاملىق ئىشلەتكەندە ئادەمدە ئاسانلا بېقىندىلىق پەيدا بولىدۇ، بىرىكمە زەھەرنىڭ نامى كۆپ بولىدۇ، ھەتتا دىكى - دىكى شېكەر، ئىچىملىك قاتارلىق شەكىللەردە نىقابلىنىدۇ، تېخىمۇ ئالدامچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە، زىيىنى تېخىمۇ يوشۇرۇن بولىدۇ.
ئىشلىتىش تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، سەپرا بولۇپ، ئىقتىدارى كۈچىيىپ كېتىشى مۇمكىن؛ پۈتۈن بەدىنى ماغدۇرسىزلىنىپ، خىيالىي تۇيغۇ پەيدا بولۇپ، ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، جىنسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى مۇمكىن. ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ناچار بولسا، گاندوننى ئىشلىتىشنى ئازايتىپ، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
17
性病感染和艾滋病感染有什么关系?
 
性病即性传播疾病,主要的性病包括梅毒、淋病、尖锐湿疣、生殖器疱疹等。
性病是通过性接触传播为主的传染病,而这也是艾滋病的主要传播途径。性病患者或患有生殖器脓疮、溃疡、炎症的人更容易感染艾滋病,也容易将病毒传染给他人。
جىنسىي كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىش ۋە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟
جىنسىي كېسەللىك جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئاساسلىق جىنسىي كېسەللىكلەر سىفلىس، سۆزنەك، ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل، جىنسىي ئەزا قاپارتقۇسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
جىنسىي كېسەللىك جىنسىي ئالاقە ئارقىلىق تارقىلىشنى ئاساس قىلغان يۇقۇملۇق كېسەللىك بولۇپ، بۇمۇ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى ھېسابلىنىدۇ. جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ياكى جىنسىي ئەزا يىرىڭلىق يارىسى، يارىسى، ياللۇغى بار كىشىلەر ئاسانلا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ، شۇنداقلا ۋىرۇسنى باشقىلارغا ئاسانلا يۇقتۇرۇپ قويىدۇ.
18
外表健康是判断感染艾滋病的依据吗?
 
不能通过外表判断一个人是否感染艾滋病,唯一的手段是接受艾滋病检测。从感染病毒到出现艾滋病相关症状,通常需要数年的时间,这段时间为艾滋病的无症状期(潜伏期)。
在这段时期内,感染者外表与健康人一样,可以没有任何症状地生活和工作许多年,但具有传染性。
感染者自己也可能根本不了解自身的感染状态。目前,我国约有30%左右的感染者和病人不知晓自身感染状况,会造成病毒在不知情感染状况的情况下传播。
تاشقى ساغلاملىق ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشقا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسىمۇ؟
تاشقى قىياپىتى ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ، بىردىنبىر ۋاسىتە ئەيدىز كېسىلىنى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش. ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندىن تارتىپ ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنگە قەدەر، ئادەتتە نەچچە يىل ۋاقىت كېتىدۇ، بۇ مەزگىل ئەيدىزنىڭ ئالامەتسىز مەزگىلى ( يوشۇرۇن مەزگىلى ) بولىدۇ.
بۇ مەزگىلدە، يۇقۇملانغۇچىنىڭ سىرتقى قىياپىتى ساغلام ئادەملەرگە ئوخشاش بولۇپ، ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بولمىغان ھالدا نۇرغۇن يىل ياشىيالايدۇ ۋە خىزمەت قىلالايدۇ، لېكىن يۇقۇمچانلىققا ئىگە بولىدۇ.
يۇقۇملانغۇچىلار ئۆزىمۇ ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ھالىتىنى ئەسلا چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزدە تەخمىنەن %30 ئەتراپىدىكى يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمار ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بىلمەيدۇ، ۋىرۇسنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بىلمىگەن ئەھۋالدا تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
19
感染艾滋病病毒后有哪些特异性症状?
 
感染艾滋病病毒后,约50%的感染者急性期会出现发烧、腹泻等类似感冒、胃肠道感染症状,并没有特异性症状,因而会被忽略或仅作为感冒处理。
一些网友关注的全身痒、出红点红斑、嘴唇白点、黑斑、长痘、水样大便等症状或体征,但都不是判断是否感染艾滋病的依据。如果有相关的健康顾虑,建议立即到当地疾控中心、医院等机构寻求艾滋病咨询检测服务。
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن قانداق ئالاھىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى بار؟
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، تەخمىنەن %50 يۇقۇملانغۇچىدا ئۆتكۈر مەزگىلىدە قىزىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق زۇكام، ئاشقازان - ئۈچەي يولى يۇقۇملىنىشقا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، ئالاھىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمايدۇ، شۇڭا سەل قارىلىدۇ ياكى پەقەت زۇكام قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.
بەزى تورداشلار پۈتۈن بەدەن قىچىشىش، قىزىل چېكىتلىك قىزىل داغ چىقىش، كالپۇكى ئاق چېكىتلىك، قارا داغ، دانىخورەك چىقىش، چوڭ تەرەت سۇدەك كېلىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ياكى بەدەن بەلگىلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدۇ، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسى ئەمەس. ئەگەر ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك ئەندىشىلەر بولسا، دەرھال شۇ جايدىكى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى، دوختۇرخانا قاتارلىق ئورگانلارغا بېرىپ ئەيدىز كېسىلىدىن مەسلىھەت سوراش، تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى ئىزدەش تەكلىپىنى بېرىمىز.
20
艾滋病可以被彻底治好吗?
 
目前艾滋病并没有彻底治愈的方法。但是可以通过抗病毒治疗控制病情发展,提高生活质量。
艾滋病病毒进入人体后,会在体内形成一个病毒存储库,比如潜伏在大脑、骨髓细胞、睾丸、肠道淋巴结细胞里,而我们现在临床当中应用的抗病毒药物都很难清除储存库中的病毒。
不过,目前的艾滋病抗病毒治疗药物能够很好地帮助感染者控制好自己的病情,重要的是早检测,早发现早治疗,延长生命,提高生活质量。
ئەيدىز كېسىلىنى ئۈزۈل - كېسىل ساقايتقىلى بولامدۇ؟
ھازىر ئەيدىز كېسىلىنى ئۈزۈل - كېسىل داۋالاش ئۇسۇلى يوق. ئەمما ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئارقىلىق كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى كونترول قىلىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، بەدەندە بىر ۋىرۇس ساقلاش ئامبىرى شەكىللىنىدۇ، مەسىلەن، چوڭ مېڭە، يىلىك ھۈجەيرىسى، ئۇرۇقدان، ئۈچەي يولى لىمفا تۈگۈنى ھۈجەيرىسىگە يوشۇرۇنغان بولىدۇ، ئەمما بىز ھازىر كىلىنىكىدا ئىشلىتىۋاتقان ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ ساقلاش ئامبىرىدىكى ۋىرۇسلارنى تازىلىشى ناھايىتى تەس.
بىراق، ھازىرقى ئەيدىزنى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىلىرى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆز كېسەللىك ئەھۋالىنى ياخشى كونترول قىلىشىغا ناھايىتى ياخشى ياردەم بېرەلەيدۇ، مۇھىمى بالدۇر تەكشۈرۈپ، بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاپ، ئۆمرىنى ئۇزارتىپ، تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

【责任编辑:开塞尔 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|