当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • Rush,增加感HIV风险!

  • 手上有水泡破了,接触艾滋病人血清

  • 中国艾滋病流行的“罪魁祸首”是

  • 当达到“U=U”时,血液会传播HIV吗

  • 中国艾滋病疫情:最严重的十大省市

  • HIV病载检测不到,是不是艾滋病“

HIV感染者死去的原因ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى

地区:麦盖提县来源:本站原创发布者:高翔时间:2024-04-07 13:29:59点击:
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆلۈش سەۋەبى
يۇقۇملانغۇچىنى ئەندىشىگە سالىدىغان مۇنداق بىر ئىشتىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ:نېمە ئۈچۈن يۇقۇملانغانلىقىنى بايقىغاندىن كېيىن دورا ئىچىشكە باشلسىمۇ يەنە ئۆلۈپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؟
ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش تور بېكىتىدە ئەيدىز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ داۋالانغاندىن كېيىنكى ئۆلۈش نىسبىتى توغرىسىدىكى بىر پارچە دوكلاتنى ئېلان قىلغان. ئاساسلىق سەۋەبلەردىن تۆۋەندىكىدەك ئۈچى بار
بىرىنچىدىن.ئانالىز قىلىنغان سانلىق مەلۇمات پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئېلىپ بولغان بىر تەتقىقاتتىن كەلگەن. بۇ دوكلاتنىڭ سانلىق مەلۇماتى 2020 - يىلى 10 - ئايدىن 2022 - يىلى 9 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، يەر شارىدىكى 28 دۆلەتتىكى تەخمىنەن 18 مىليون ئەيدىز كېسىلى بىمارى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئامېرىكىنىڭ ئەيدىز كېسىلى قۇتقۇزۇش پىلانى ئارقىلىق ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلغان. دوكلات سانلىق مەلۇمات ئالدى بىلەن ياش بويىچە ئايرىش، ئۆلۈم ئېھتىماللىقىغا ستاتىستىكا ئېلىپ بىرىلغان
ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن بىر ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى% 4.9 ؛ بىر ياشتىن تۆت ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %2.5 ؛ بەش ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى  %0.5؛ 15 ياشتىن 49 ياشقىچە بولغانلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %0.7 ؛ 50 ياشتىن يۇقىرىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى  %1.4بولغان 
ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ئوتتۇرىغا قويغان سەۋەب ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ دورا ئىچكەندىن كېيىن ئۆلۈپ كېتىش سەۋەبى ئىچىدە، ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار گۇرۇپپىسىدىكى بىردىنبىر ئۆلۈم بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغىنى پەقەت بىرلا:بايقالغان ۋە داۋالانغان ئاخىرقى مەزگىلدىكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش، شۇنداقلا تۇبېركۇليوز كېسىلى ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەر
بۇ ئۆلۈپ كېتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر تۈر ئۈچ قاتلاملىق مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرىنچى قاتلامنىڭ بايقىلىشى ئاخىرقى باسقۇچ. دورا ئىچكەن تەقدىردىمۇ ئۆلۈم ۋەزىيىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. بايقاش يەنى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قېلىشنىڭ مەنىسى قەرەللىك تەكشۈرتمەي، باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلگەنلىكتىن دوختۇرغا كۆرۈنۈش دېگەنلىكتۇر. تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىئاگنوز قويۇلغان . بۇ بىزگە قەرەللىك تەكشۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم  ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ
ئىككىنچى قاتلام مەنىسى ئەگەشمە كېسەللىك. ئەگەشمە كېسەللىكلەر ئىچىدە تۇبېركۇليۇز كېسەللىكىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى تەرىپىدىن بىۋاسىتە ئىسمىنى ئاتاپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ پۈتۈن يەر شارى مىقياسىدا تۇبېركۇليۇز بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بىرلىشىپ تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋالىنىڭ بىر قەدەر ئومۇميۈزلۈك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. دۆلىتىمىزدە تۇبېركۇليوز كېسىلىدىن باشقا، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەگەشمە كېسەللىك بولۇپ، يۈكسەك دىققەت قىلىشقا توغرا كېلىدۇ
ئۈچىنچى قاتلام مەنىسى ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك. ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنىڭ رولى تۈپەيلىدىن، ياغ مېتابولىزمىنىڭ نورمالسىزلىقى بىلەن ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلىدۇ. ئوزۇقلۇقنىڭ ياخشى بولماسلىقى ئوزۇقلۇقنىڭ سۈمۈرۈلۈشى ۋە كېرەكسىز ماددىلارنىڭ مېتابولىزمىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە مەركەزلەشكەن. يەنى بىز ئادەتتە «ئۈچ يۇقىرى» دەپ ئاتايمىز، يەنى قاندا ماي كۆپىيىپ كېتىش، يۇقىرى قان بېسىم، يۇقىرى قان قەنتى ئېشىپ كېتىش. بىز بۇ ئەھۋاللارغىمۇ ئالاھىدە.كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك
شۇڭا، قەرەللىك تەكشۈرۈش، بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاش، يېمەك - ئىچمەكنى كونترول قىلىش، ھەرىكەتنى كۆپەيتىش قاتارلىق كۈندىلىك قارىماققا ئادەتتىكىچە كۆرۈنىدىغان ھەرىكەتلەر دەل بىزنىڭ ھاياتىمىزنى ساقلاش ھەرىكىتىمىزدۇر

【责任编辑:于心何忍 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|