接吻会传播艾滋病病毒吗?سۆيۈشسە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالامدۇ؟
地区:
库车市来源:
本站原创发布者:
高翔时间:
2023-11-15 19:11:33点击:
سۆيۈشسە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالامدۇ؟
بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشتىن بۇرۇن، بىز ئالدى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ قانداق تارقىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ باقايلى. ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشتا مۇنداق ئۈچ شەرتنى ھازىرلىشى كېرەك: يەنى ئالاھىدە بەدەن سۇيۇقلۇقى مۇھىتى، يېتەرلىك مىقداردىكى ۋىرۇس، مۇۋاپىق تارقىلىش يولى بولۇشى
كېرەك. ئەمەلىيەتتە، پەقەت ئالاھىدە بەدەن سۇيۇقلۇقىدىلا ئەيدىز ۋىرۇسى ياخشى ئاكتىپلىقنى ساقلاپ قالالايدۇ، بۇ قان، ئىسپېرما، جىنسىي يول ئاجراتمىلىرى، سۈت قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
يۇقىرىقى بەدەن سۇيۇقلۇقلىرىدا شۆلگەي يوق، چۈنكى شۆلگەي ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئاكتىپلىقىنى ساقلاپ قالالمايدۇ، شۇڭا، ئادەتتىكى ئەھۋالدا، سۆيۈشكەندە يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئېغىز بوشلۇقى ياكى شۆلگىيى بىلەن ئۇچرىشىش سەۋەبىدىن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمايدۇ
يۇقىرىقى بايانلارنى كۆرگەندىن كېيىن، سىز بەزى ئەھۋاللاردا سۆيۈشۈش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالامدۇ؟دەپ سورىشىڭىز مۇمكىن؟ شۇنداق، گەرچە چېكىدىن ئاشقان ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش ئىنتايىن زۆرۈر:ئەگەر ئىككىلا تەرەپتە ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ياكى چىش مىلىكى قاناش بولسا، بولۇپمۇ چوڭقۇر سۆيۈشۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن. بىراق، مۇشۇنداق چەكتىن ئاشقان ئەھۋالدىمۇ، قائىدە - يوسۇن خاراكتېرلىك «ئىجتىمائىي ئالاقە» دە سۆيۈشۈش بىخەتەر بولۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى يۈز بەرمەيدۇ
شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەككى، بۇنداق چەكتىن ئاشقان ئەھۋالدا يۈز بەرگەن يۇقۇملىنىشتا، ئەيدىز ۋىرۇسى شۆلگەي ئارقىلىق تارقالمايدۇ، بەلكى قان ئارقىلىق، تارقىلىش يولى قان ئارقىلىق تارقىلىدۇ
يۇقىرىقى چېكىدىن ئاشقان ئەھۋالنى بىلگەندىن كېيىن، سىز نېمىنى ئويلىدىڭىز؟ توغرا، مۇنتىزىم داۋالاش ئورۇنلىرىغا بېرىپ ئېغىز بوشلۇقىنى داۋالىتىشنىڭ داۋلىسى يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالمايدىغان باشقا يوللار:تەرلەش ياكى كۆز يېشى قىلىش، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن قۇچاقلىشىش، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، تەرەت قاچىسى ياكى مۇنچىنى ئورتاق ئىشلىتىش، پاشا چېقىش قاتارلىقلار
ئەگەر ئۆزىنى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قالدىم دەپ قارىسا، قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۇچراشقانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلسە، يۇقۇملىنىش خەۋپى بار دەپ باھالانسا، بالدۇرراق دورا ئىچىپ يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بۇ خىل ئەيدىز ۋىرۇسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئالدىنى ئېلىش پى ئى پى دورىلىرىنى ئىشلىتىشنى ۋىرۇس بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىنكى 72 سائەت ئىچىدە بالدۇرراق باشلاش، داۋاملىشىش ۋاقتىنى بىر ئاي قىلىش كېرەك، ئەلۋەتتە، دورا ئىشلىتىشتىن بۇرۇن ۋە كېيىن ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ تۇرۇش كېرەك. ئارقىلىق، ئەيدىز ۋىرۇسى ئادەم بەدىنىگە تارقىلىشتىن بۇرۇن ئۇنى يوقىتىش، خەتەرلىك ھەرىكەت يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش تەدبىرى قوللىنىش لازىم
【责任编辑:于心何忍 】
本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|