当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • Rush,增加感HIV风险!

  • 手上有水泡破了,接触艾滋病人血清

  • 中国艾滋病流行的“罪魁祸首”是

  • 当达到“U=U”时,血液会传播HIV吗

  • 中国艾滋病疫情:最严重的十大省市

  • HIV病载检测不到,是不是艾滋病“

ئەيدىز ۋىرۇسى توغىرىسىدىكى خاتا چۈشەنچىلەر-2HIV相关的误解-2

地区:和田市来源:本站原创发布者:网摘时间:2023-08-14 11:02:10点击:
ئالتنچى،خاتا چۈشەنچە: بەزى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بىلگىلى بولامدۇ
 ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن يۇقۇملانغۇچىلار يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە قارىماققا بىنورمال كۆرۈنمەسلىكى مۇمكىن، چۈنكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ كەلگەن تەسىرى ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىتتا ئاندىن كۆرۈلۈشى مۇمكىن. بىردىنبىر يۇقۇملانغان-يۇقۇملانمىغانلىقىنى بېكىتىدىغان ئۇسۇل بولسا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش
يەتتىنچى،خاتا چۈشەنچە: ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەلمەيدۇ
 ئەمەلىيەتتە، ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى داۋالاشنىڭ ياردىمىدە، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارئۆمرى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆمرى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى داۋالاش ۋىرۇسنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ، يۇقۇملانغۇچىلارنى ساغلام تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ
سەككىزىنچى، خاتا چۈشەنچە: ئەيدىز ۋىرۇسى سىېناشتا ئەگەر سىناق نەتىجىسى مەنپىي بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئادەم يۇقۇملانمىغان بولىدۇ 
ئەمەلىيەتتە،ئەيدىز ۋىرۇسى سىنىقنىڭ بىر ئاتالمىش «كۆزنەك مەزگىلى» بار بولۇپ، بۇ، يۇقۇملانغاندىن تارتىپ بەدەن ئىچىدە يېتەرلىك ئانتىتېلا ھاسىل بولغىچە سىناقتا ئۆلچەپ چىقىلغان ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر بۇ كۆزنەك مەزگىلىدە سىناق ئېلىپ بېرىلسا، گەرچە يۇقۇملانغان بولسىمۇ نەتىجىسى مەنپىي بولۇشى مۇمكىن 
توققۇزىنچى،خاتا چۈشىنىش :ئاشكارلىنىشتىن بۇرۇن توسىدىغان دورىلارنى ئىستېمال قىلسىلا ( ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش ) قاپچۇق تاقىمىسىمۇ بولىدۇ 
ئەمەلىيەتتە، گەرچە ئاشكارلىنىشتىن بۇرۇن توسۇش دورىلىرى يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولسىمۇ ( يۇقۇملىنىش نىسبىتى %90 تىن كۆپرەك ئازايغان )، لېكىن ئۇ سۆزنەك، سىفلىس ۋە ئۇچلۇق ھۆل سۆگەل قاتارلىق ئىككىلەمچى جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ. شۇڭا، ئىستېمال قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، گاندون ئىشلىتىش يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ تېخىمۇ ئەتراپلىق قوغداش بىلەن تەمىنلەيدۇ 
ئونىنچى، خاتا چۈشەنچە :ساقايماس كېسەل
ئەمەلىيەتتە،گەرچە ھازىرغا قەدەر، بىز تېخى پۈتۈنلەي داۋالاپ ساقايتىش ئۇسۇلىنى تاپالمىغان بولساقمۇ، لېكىن نۇرغۇن ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇللىرىئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ساغلام تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بېرەلەيدۇ. مەسىلەن، ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى داۋالاش ئارقىلىق ۋىرۇسنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىپ،ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ۋىرۇس مىقدارىنى تەكشۈرگىلى بولمايدىغان سەۋىيەگە چۈشۈرگىلى بولىدۇ

【责任编辑:于心何忍 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|