当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • 在CD4较低的情况下,HIV感染者如何

  • 【双语】10 种常见的HIV相关机会

  • 【双语】艾滋病试纸准确吗ئەي

  • 【双语】身在江湖,请拿好这份「性

  • 【双语】“直男”一夜荒唐染艾滋

  • 研究表明:美国青少年HIV感染者的

HIV感染者必须小心猴痘ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار مايمۇن چېچىكىدىن چوقۇم ئېھتىيات قىلىشى كېرەك

地区:托克逊县来源:本站原创发布者:于心何忍时间:2023-07-01 01:24:11点击:
بۇ يىل يەنى 2023-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى كەچتە بېيجىڭ كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىېرول قىلىش مەركىزىنىڭ تەمىنلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، يېقىندا بىيجىڭ شەھەرلىك داۋالاش ئورۇنلىرى مايمۇن چىچىكى كېسىلىدىن يۇقۇملانغان 2 بىمارنى دوكلات قىلغان، بۇنىڭ بىرسى چىگرا سىرتىدىن ۋىرۇس يۇقتۇرۇپ كىرگەن بىمار، يەنە بىرسى چىگرا سىرتىدىن ۋىرۇس يۇقتۇرۇپ كىرگەن بىمارغا مۇناسىۋەتلىك كىسەل، ئىككى كىسەل قويۇق ئۇچىرىشىش ئارقىلىق يۇقۇملانغان
ئىگەللىشىمىزچە ،جىنىسي مۇناسىۋەت بولسا مايمۇن چىچىكىنىڭ تارقىلىش يوللىرىنىڭ بىرى، مايمۇن چىچىكى گەرچە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا خاس كىسەل بولمىسىمۇ، لىكىن ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىممۇنىت كۈچىنىڭ تۆۋەن بولۇش سەۋەبىدىن، چوقۇم ھوشيارلىقنى ئاشۇرۇشى شۇنداقلا ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ۋاقتىدا ئىستېمال قىلىپ بەدىنىڭ ئىممۇنىت سەۋىيسىنى ياخشى ساقلىشى لازىم
مايمۇن چىچىكى بولسا مايمۇن چىچىكى ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر خىل كىسەللىك، بۇ بىر خىل ۋىرۇس خاراكتىرنى ئالغان ، ئادەم ۋە ھايۋانلار ئورتاق گىرىپتار بولىدىغان يۇقۇملۇق كىسەللىك بولۇپ، ئۇ ئاۋۋال ھايۋانلاردىن ئادەملەرگە تارقالغان، ئۇ يەنە ئادەم بىلەن ئادەم ئارىسىدا تارقىلىدۇ، شۇنداقلا يەنە مۇھىتتىن ئادەملەرگە تارقىلىدۇ، ۋىرۇستىن ئەڭ باشتا يۇقۇملانغان ھايۋانلار ۋە يۇقۇملانغان بىمارلار مايمۇن چىچىكىنىڭ يۇقۇش مەنبەسى بولۇپ، ۋىرۇس شىللىق پەردە ۋە بۇزۇلغان تىرە ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ، ئادەم بىلەن ئادەم ئاساسلىقى قويۇق ئۇچىرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ، مەسلەن سۆيۈشۈش، قۇچاقلىشىش ياكى جىنىسي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلار
جىنسىي مۇناسىۋەت پەقەت مايمۇن چېچىكىنىڭ تارقىلىش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. ئىلگىرى مايمۇن چېچىكىنىڭ ئەۋج ئىلىپ كىتىشىدە يۇقۇملانغان ھايۋانات ۋە ھايۋانات مەھسۇلاتلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى تارقىلىش چەكلىك ئىدى. نۆۋەتتە مايمۇن چېچىكىنىڭ ئەۋج ئىلىپ كىتىشىدە مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى ئاساسلىقى قويۇق بولغان ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىۋاتىدۇ. بۇ بەلكىم جىنسىي مۇناسىۋەت مەزگىلىدە يۈز بەرگەن  تېرە بىلەن ئۇچرىشىش ، سۈركىلىش يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى ياكى نەپەس يولى ئاجرالمىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن. ئەمما، مايمۇن چىچىكى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بىلەن ھەر قانداق شەكىلدە  تىرە بىلەن تىرە سۈركەلگەندە ياكى  ئۇچراشقاندا ۋىرۇس تارقىلىدۇ. ئۇچرىشىش شەكلى پۈتۈنلەي قويۇق ئۇسۇلدا ئۇچىرىشىش ياكى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق بولۇشى ھاجەتسىز، بىر ئادەم يۇقۇملانغۇچىنىڭ تىرىسى بىلەن قايتا قايتا سۈركىلىپ ئۇچىرىشىش جەريانىدىمۇ يۇقۇشى مۇمكىن

【责任编辑:高翔 邮箱:freewebmaster@163.com】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|