当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • Rush,增加感HIV风险!

  • 手上有水泡破了,接触艾滋病人血清

  • 中国艾滋病流行的“罪魁祸首”是

  • 当达到“U=U”时,血液会传播HIV吗

  • 中国艾滋病疫情:最严重的十大省市

  • HIV病载检测不到,是不是艾滋病“

ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن جىنسىي ئىقىتىدار تەسىرگە ئۇچرامدۇ؟

地区:鄯善县来源:本站原创发布者:高翔时间:2023-07-01 00:23:48点击:
ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ جىنىسي ئاجىزلىق مەسىلىسىدە نۇرغۇن سەۋەبلەر بولۇشى مۇمكىن، مەسلەن ئۆزىگە بولغان تەلەپنىڭ ناھايتى يۇقىرى بولۇشى، ھەددىن زىيادە ئېغىر بىسىم قاتارلىق پىسخىك ئامىللىرىمۇ ئەرلەرنىڭ ئەرلىك ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئەلۋەتتە، پىسخىك مەسىللىرىدىن باشقا بەزى ئەيدىز بىمارلىرى كىسەللىك ئەھۋالىغا قارىتا ئىستىمال قىلىۋاتقان 
يەنى كى لىي جى  ۋىرۇسقا قارشى دورىمۇ ئەرلىك ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ  洛匹那韦利托那韦片
قالغان ئەھۋالنى سىز دوختۇردىن مەسلىھەت سوراپ سىزنىڭ جىنسىي ئاجىزلىق مەسىلىڭىز مۇشۇ خىل دورا بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ئەمەسمۇ سوراپ بىقىپ، شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولسا دوختۇربىلەن  دورا ئالماشتۇرۇش لايىھىسىنى مەسلىھەتلىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ، 
  چۈنكى ئىلگىرىكى تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشىچە،كى لى جى ئەرلەرنىڭ ئەرلىك ئىقتىدارنىڭ ئاجىزلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ئەيدىز ۋىرۇسى جىنسىي ئىقتىدارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
 ئەرلەرنىڭ  ئەرلىك ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەر بار، مەسلەن ياغ ماددىسىنىڭ نورمالسىزلىقى، قان بسىمىنىڭ ئۆرلىشى، قان ئايلىنىشنىڭ نورمال بولماسلىقى، ئەرلەر جىنسى ئاجىزلىق خەۋپىنى ئاشۇرىدىغان دورىلار( تەشۋىشلىنىشكە ، خامۇشلۇققا، تۇتقاقلىق كىسىلىگە قارىتا ئىستىمال قىلغان دورىلار، قان بىسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار)، پىسخىك ئامىلى، ئەر خوتۇنلۇق ھىسيات ئىناق بولماسلىق قاتارلىق ئامىللار ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ قايىم بولۇش ئىقتىدارىنى توسالغۇغا ئۇچىرىتىدۇ
يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق سەۋەبىمۇ يۇقىرىقى ئامىللارنىڭ تەسىر كۆرسىتىش دائىرىسىدە بولىدۇ. بىرىنچىدىن، پىسخىكىلىق ئامىل:يۇقارقىلارغا سېلىشتۇرغاندا، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ پىسخىكىلىق بېسىمى بىر قەدەر چوڭ بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، ئەيدىز كېسىلىنىڭ يەنىلا نۇرغان ياخشى بولمىغان نامى بار، بىر قىسىم يۇقۇملانغۇچىلار ھەمراھىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ئەنسىرەيدۇ. ئەگەر پىسخىكىلىق ئامىل كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق بولسا، پىسخىكا دوختۇرىدىن ياردەم سوراپ باقسا بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىلىرى:ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش دورىلىرى جىنسىي ئىقتىدارغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، مەسىلەن، نۇكلېئوزىد تۈرىدىكى تەتۈر كۆچۈرگۈچى فېرمېنتنى تورمۇزلىغۇچى دورىلار ۋە ئاقسىل فېرمېنتىنى تورمۇزلىغۇچى دورىلار. مەسىلەن، كاشى ( ئىندىنناۋې )، كىرىج قاتارلىقلار. ئۈچىنچىدىن، تۆۋەن تېستوستېرون سەۋىيەسى:تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، مەيلى ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلسۇن ياكى قىلمىسۇن، ئەر يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تېستوستېرون سەۋىيەسى ھەمىشە نور
مال سەۋىيەدىن تۆۋەن بولىدىكەن. بۇ بەلكىم يۇقۇملانغان ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۇرۇقداننى زەخىملەندۈرگەنلىكىدىن ياكى شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ياللۇغدىن بولۇشى مۇمكىن
ئۇنداقتا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار جىنسىي ئاجىزلىق مەسىلىسىدىن قانداق قۇتۇلۇشى كېرەك، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز سالونىمىزنى قوشۇۋىلىپ، يېڭىلانغان ساغلاملىق ئۇچۇرلىرىمىزغا دىققەت قىلىڭ

【责任编辑:于心何忍 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|