当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • Rush,增加感HIV风险!

  • 手上有水泡破了,接触艾滋病人血清

  • 中国艾滋病流行的“罪魁祸首”是

  • 当达到“U=U”时,血液会传播HIV吗

  • 中国艾滋病疫情:最严重的十大省市

  • HIV病载检测不到,是不是艾滋病“

ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئاياللار ساغلام بالا تۇغالامدۇ؟

地区:巴楚县来源:本站原创发布者:高翔时间:2023-05-16 02:02:10点击:
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئاياللار ساغلام بالا تۇغالامدۇ؟

ئانىدىن بالىغا يۇقۇش بولسا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۈچ چوڭ يۇقۇش يوللىرىنىڭ بىرى، ئۇنداقتا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئاياللار ساغلام بالا تۇغالامدۇ؟
جاۋابى ئەلۋەتتە ساغلام بوۋاق تۇغالايدۇ، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئاياللار سىستىمىلىق ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئىلىپ بىرىپ، ئانىدىن بالىغا يۇقۇپ قىلىشىنى توسۇشنى ئىشقا ئاشۇرالىسىلا، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانمىغان ساغلام بالا تۇغالايدۇ

بىرىنچىدىن، ھامىلدار بولۇشتىن بورۇن قىلىدىغان ئىشلار
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئاياللار ھامىلدار بولۇشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن شۇ جايدىكى كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونتىرول قىلىش مەركىزىگە بىرىپ دۇختۇرلارغا ئۆزىنىڭ ھامىلدار بولۇش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈش ھەمدە دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئىلىپ بىرىپ، ۋىرۇس مىقدارىنى كونتىرول قىلىپ، ۋىرۇسنىڭ ھامىلىگە يۇقۇپ قىلىشنىڭ خەتىرىنى ئازايتىش كېرەك
ئىككىنچىدىن، ھامىلدار بولغاندىن كېيىن دىققەت قىلىدىغان ئىشلار 
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللار مەخسۇس دوختۇرخانىغا بىرىپ پۈتۈن ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى داۋالاش، تەكشۈرتۈش، سالامەتلىك ئاسراش قاتارلىقلارنى ئىلىپ بىرىش كېرەك، تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنى توسۇش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇشنىڭ نىسبىتىنى بىر پىرسەنىتكە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ
بۇنىڭدىن باشقا توغۇش جەريانىمۇ توسۇش ئۈنۈمىنىڭ مۇھىم ھالقىسى، ھامىلدار ئايالنىڭ توغۇش ئۇسۇلى ئۆزى تۇغۇش ۋە ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرۇشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ،  ئاساسلىقى، ھامىلدار ئايالنىڭ ۋىرۇس مىقارى، سالامەتلىك ئەھۋالى،دوختۇرنىڭ خېيىم خەتەرنى باھالاش ئاساس قىلىنىدۇ، لىكېىن بۇ ئوپراتسىيە قىلىپ تۇغدۇرۇشنىڭ كۆرسەتكۈچى قىلىنمايدۇ، لېكىن تۇغۇش جەريانىدا بوۋاقنىڭ ئانىسىنىڭ قېنى، باش سۈيى ۋە ئاجرالمىلار بىلەن ئۇچىرىشى ۋاقتى ۋە پۇرسىتىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشقا دىققەت قىلىش كېرەك
ئۈچىنچىدىن،تۇغقاندىن كېين دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
 ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئاياللار تۇغقاندىن كېيىن داۋاملىق ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى ئېستىمال قىلىش كېرەك، بالىسىنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىش ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئاياللار ئۈچۈن ئېلىپ ئېيىتقاندا بەلگىلىك خەتىرى بار، شۇڭلاشقا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ئاياللار ئانا سۈتى ئىمىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك
بالا تۇغۇلۇپ 48سائەت ئېچىدە، 6ھەپتە، 3ئايلىق، 6.ئايلىق،9ئايلىق، 12ئايلىق، 18ئايلىق بولغاندا قان ئەۋرىشكىسى ئېلىپ، بالىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا قارىتا تەكشۈرتۈش ئېلىپ بىرىش كېرەك

【责任编辑:于心何忍 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|