当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • Rush,增加感HIV风险!

  • 手上有水泡破了,接触艾滋病人血清

  • 中国艾滋病流行的“罪魁祸首”是

  • 当达到“U=U”时,血液会传播HIV吗

  • 中国艾滋病疫情:最严重的十大省市

  • HIV病载检测不到,是不是艾滋病“

بالىلارغا جىنسىيەت تەربىيەسى بىرىشتە ئاتا-ئانىلار قانداق قىلىشى كېرەك

地区:托克逊县来源:本站原创发布者:高翔时间:2023-03-15 21:40:00点击:

بالىلارغا جىنسىيەت تەربىيەسى بىرىشتە ئاتا ئانىلار قانداق قىلىشى كېرەك

بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئاتا-ئانىلارنىڭ مەسئۇليىتى بار، بالىلارغا ئۆز ساغلاملىقىنىڭ مەسئۇلچىسى بولۇشنى ئۆگتىش لازىم. 
جىنسىيەت تەربىيسىگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆگىنىپ ئەيدىزدىن يېراق تۇرايلى
ئەيدىزدىن يېراق تۇرۇش ئۈچۈن، بالىلارغا جىنسىيەت تەربىيەسى بەرگەندە بالىلارغا قايسىلارنى بىلدۈرۈش لازىم؟ 
بىرىنچىدىن،ھەر قېتىم جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا پۈتۈن جەرياندا سۈپىتى ياخشى بولغان بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىشنى بىلدۈرۈش لازىم
بىخەتەرلىك قاپچۇقىغا كەلسەك، كۆپچىلىكنىڭ ھەمممىسىنىڭ، بىخەتەرلىك قاپچۇقىنىڭ ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش رولى بارلىقىنى بىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، لىكىن ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىشتىن باشقا قانداق ياخشى تەرىپى بارلىقىنى بىلەمسىز؟ بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئەيدىز كىسىلى ۋە باشقا جىنسى كىسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ، بىخەتەرلىك قاپچۇقى بولسا ھەم ئەرزان ھەم ئەڭ ئۈنۈملۈك ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالىدىنى ئالالايدىغان ياخشى ئوسۇلنىڭ بىرى. 
ئىككىنچىدىن، مۇناسىۋەت قىلغان تەرەپنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلىقى ئاشكارلانغاندىن كېين، دەرھال توسقۇچى دورىلارنى يېيىش كېرەك. 
يىقىنقى بىر نەچچە يىللاردىىن بۇيان ئەڭ يېڭى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن توسقۇچى دورا چىقىتى، بۇنى كۆپچىنچە ئادەملەر بىلمەسلىكى مۇمكىن، ئەگەر سىز سەتەڭلەر ھېيلىسىدىن ئۆتەلمەي، خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان بولسىڭىز، ئەڭ تېز سۈرئەتتە شۇ جايدىكى كىسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزىگە بىرىپ، ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورسىنى ئېلىپ ئىستىمال قىلىڭ، شۇ ئىسىڭىزدە بولسۇن، 72سائەت ئېچىدە ئىستىمال قىلغاندا ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ
ئۈچىنچىدى، خەتەرلىك جىنىي قىلمىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا تەكشۈرتۈش قىلىش كىرەك
خەتەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت يۈز بەرگەن بولسىلا، ھەرگىز ئۆزىنى قاچۇرماسلىق، تەلەي سىناش ئويىدا بولماسلىق، ئەڭ ياخشىسى تۆت ھەپتىدىن كېين، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرتۈش قىلىش كېرەك. قانچە بۇرۇن بايقاپ، شۇنچە بۇرۇن داۋالاتسا داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى شۈنچە ياخشى بولىدۇ، ئەگەر قايتا قايتا خەتەرلىك جىنسى قىلمىش يۈز بەرسە ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتا قەرەللىك تەكشۈرتۈش ئادىتى يىتىلدۈرۈش كېرەك. ئۈچ ئايدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈش كېرەك،. ئۆزىنىڭ جىنسىي ھەمراھىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بىلمەي تۇرۇپ جىنسىي مۇناسىۋەت قىلىشنىڭ خەتىرى كۆپ، شۇڭلاشقا ئىكىلى تەرەپ ئەيدىز ۋىرۇسىدىنى تەكشۈرتۈپ ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 
تۆتىنچى، ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرتۈشتە مۇسبەت چىقىپ قالغانلار دۆلەتنىڭ تۆتنى كەچۈرۈم قىلىش، بىردە غەمخورلۇق قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمان بولالايدۇ.
ئەگەر تەكشۈرتۈشتە مۇسبەت چىقىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىپ قىلىش، ئۆلگەنلىكتىن دىرەك بەرمەيدۇ، قانچە بالدۇر بايقاپ شۇنچە بالدۇر داۋالىتىشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ، داۋالاشقا ياخشى ماسلاشسا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغانلارنىڭ كۆزلىمە
ئۆمۈرى ئادەتتىكى كىشىلەردىن جىق پەرقلەنمەيدۇ، 2004-يىلى دۆلەت تۆتنى كەچۈرۈم قىلىش، بىردە غەمخورلۇق قىلىش سىياسىتىنى ئوتتۇرغا قويدى
بىرىنچىسى بولسا سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا ھەقسىز دورا بىلەن تەمنىلىنىدۇ
ئىككىنچسى بولسا پۈتۈن مەملىكەتتە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن مەسلىھەت سورىسا ۋە تەكشۈرتۈشنى خالايدىغانلارغا ھەقسىز مەسلىھەت بىرىلىدۇ ھەمدە تۇنجى قىتىملىق تەكشۈرۈش ھەقسىز
ئۈچىنچىسى بولسا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللارغا قارىتا توسقۇچى دورىلار ۋە سىناق قەغىزى ھەقسىز
تۆتىنچىسى بولسا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىنىڭ يېتىم بالىسى مەكتەپتە ئوقۇشى ھەقسىز
ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان تۇرمۇشتا قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىىرىگە ئاساسەن قۇتقۇزۇش ياردىمى بىرىلىدۇ، ئەمگەك ئىقتىدارى بار ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارغا قارىتا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەپ كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئاكىتىپ ياردەم قىلىپ يۆلەيدۇ.
بەشىنچى، ئەيدىز ۋىرۇسىنى قەستەن يۇقتۇرغانلارنى مەلۇق قىلىش كىرەك. 
دۆلىتىمىزنىڭ ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش قانۇنىدا، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى جۆرىسى ۋە جنسى ھەمراھىغا ئۇقتۇرۇش كىېرەك، ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ باشقىلارغا يۇقۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن، شۇڭلاشقا باشقىلارنىڭ قەستەن ئەيدىز ۋىرۇسىنى يۇقتۇرغانلىقىنى بىلگەن ھامان چوقۇم دەل ۋاقتىدا پاش قىلىشىمىز كېرەك

【责任编辑:于心何忍 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|