ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يولى، ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى چۇشەندۇرۇلىشى
ئەيدىز كېسىلىنىڭ تولۇق نامى " ئېرىشىش خاراكتېرلىك ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك سىندرومى " دەپ ئاتىلىدۇ ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەجەللىك يۇقۇملۇق كېسەللىك . 1981-يىلى تۇنجى قېتىم دوكلات قىلىنغاندىن بۇيان، دۇنيادا 40 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئەيدىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئۆلگەن. گەرچە ھازىرچە تۈپ يىلتىزىدىن تۈزەش ئۇسۇلى بولمىسىمۇ ، بىراق ئىلمىي تونۇش ۋە ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ئارقىلىق ، بىز يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تامامەن ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرەلەيمىز . بۇ ماقالە ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يوللىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى سىستېمىلىق ئانالىز قىلىنىپ، كۆپچىلىكنىڭ توغرا تونۇشى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىلىدۇ
01
ئەيدىز كېسىلى ئادەم بەدىنىنى قانداق ۋەيران قىلىدۇ؟
ئەيدىز ۋىرۇسى مەخسۇس ئادەم بەدىنى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ يادروسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ س د 4 +ت لىمفا ھۈجەيرىسى يۇقۇملانغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ۋىرۇس كۆپ مىقداردا كۆپىيىپ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى" ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى "بىرىدۇ، بىماردا قىزىش، تەمرەتكە قاتارلىق زۇكامغا ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، لېكىن بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى دائىم سەل قارىلىدۇ. ۋىرۇسنىڭ ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرىنىڭ داۋاملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىغا ئەگىشىپ، ئادەم بەدىنى كېسەللىك قوزغىغۇچىلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ، ئاخىرىدا ئەيدىز مەزگىلىگە كىرىدۇ. بۇ چاغدا ئادەتتىكى زۇكامدىمۇ كاپوسسى گۆش ئۆسمىسى، ئۆپكە سپورا باكتېرىيەسى ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن
02
ئۈچ چوڭ تارقىتىش يولى: ئىلمىي تونۇش بىر تەرەپلىمە قاراشنى تۈگىتىش
- جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىتىش: دۇنيادىكى ئاساسلىق تارقىتىش شەكلى
قوغداش تەدبىرى بولمىغان جنسىي قىلمىشلار (جىنسىي يول ، مەقئەت ، ئاغزاكى قاتارلىق جىنسىي مۇناسىۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئەيدىزنىڭ تارقىلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق يول بولۇپ، نىسبىتى ٪80تىن ئاشىدۇ. مەقئەت ئارقىلىق جنىسي مۇناسىۋەتنىڭ خەتىرى ئەڭ يۇقىرى، تۈز ئۈچەي شىللىق پەردىسى ئاجىز بولغاچقا ئاسان بۇزۇلۇپ، ۋىرۇسنى بىۋاستە كىرىش ئېغىزى بىلەن تەمىنلەيدۇ. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى، جىنسىي تارقىتىش جىنسى ، جىنسىي قىزىقىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز، قوغداش تەدبىرىنى قوللانمىغان ھەرقانداق جىنسىي قىلمىشتا خەۋپ-خەتەر مەۋجۇت
- قان ئارقىلىق تارقىتىش:قاتتىق كونتىرول قىلىش ئاستىدىكى تۆۋەن خەتەرلىك شەكىل
بۇلغانغان قان ياكى قان بۇيۇملىرىنى كىرگۈزۇش، شىپرىسنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق زەھەر چېكىش، دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى (مەسىلەن بەدىنى چېكىش، تۆشۈك تېشىش ئەسۋابلىرى)نى ئىشلەتكەندە يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەمما ئېلىمىز 1998-يىلى «قان تەقدىم قىلىش قانۇنى»نى يولغا قويغاندىن كېيىن، قان تارقىتىش مىسالى ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. كۈندىلىك ئۇچرىشىشتا مەسىلەن ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان قاچا-قۇچىلار، قۇچاقلاش، پاشا چىشلەش قاتارلىقلاردا ئەيدىز تارقىمايدۇ
- ئانىلار بىلەن بوۋاقنىڭ تارقىلىشى: توسقىلى بولىدىغان تىراگىدىيە
ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان ئانا بەلكىم ھامىلدارلىق ، تۇغۇتلۇق ياكى بالا ئېمىتىش ۋاقتىدا ۋىرۇسنى بوۋاققا تارقىتىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەمما ئانىلار-بوۋاقلارئارىسىدا تارقىلىشنى توسۇش تېخنىكىسى (مەسىلەن ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ۋىروسقا قارشى داۋالاش، بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغۇشنى تاللاش، سۈنئىي ئۇسۇلدا بېقىش) ئانا-بالىلار ئارىسىدا تارقىلىشنى٪30تىن ٪1تىن تۆۋەنگە چۈشۈرگىلى بولىدۇ. 2021-يىلى ئېلىمىزدە ئانىدىن بوۋاققا تارقىلىش نىسبىتى 3.0 غا چۈشۈپ، ئىلمىي توسۇپ داۋالاش ئۈنۈمىنى نامايەن قىلدى
03
ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش: بەش دانە قوغداش كۈنلۈكى ئارقىلىق ساغلاملىقنى قوغداش
- بىخەتەرلىك قاپچۇقى: جىنسىي قىلمىش ئىچىدىكى «يوشۇرۇن قالقان»
سۈپەتتە لاياقەتلىك بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلەتكەندە، جىنسىي تارقىتىش خەۋپ-خەتىرىنى ٪98 تىن ئارتۇق تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، پۈتۈن مۇساپىدە تاقاش، سىيرىلىپ كېتىش ياكى بۇزۇلۇپ كېتىشتىن ساقلىنىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە تەكرار ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. كۆپ جىنىسلىق ھەمراھ ياكى قارشى تەرەپنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئېنىق بىلمىگەنلەر بىخەتەرلىك قېپى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش ئەڭ مۇھىم مۇداپىئە سېپى
- يىڭنىسى تازىلاش: زەھەر چەككۈچىلەرنىڭ ھاياتلىق سىزىقى
شپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەر چېكىش قان تارقىلىشنىڭ خەتەرلىك قىلمىشى . يىڭنە ئالماشتۇرۇش تۈرى ئارقىلىق مىكروبسىز يىڭنە سايمانلىرىغا ئېرىشكەن ياكى مېيشاكتوننى داۋالىغاندا يۇقۇملىنىش خەتىرىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئېلىمىز بىرقانچە ئۆلكىدە يىڭنە سايمانلىرى ئالماشتۇرۇش مەركىزى قۇرۇپ، زەھەر چەككۈچىلەرنى بىخەتەرلىك ياردىمى بەردى
- ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىش: خەتەرلىك كىشىلەرنىڭ «ۋاكسىنا ئورنىغا ئىشلىتىش لايىھىسى»
ئەيدىز ئانتىتلاسى مەنپىي ئەمما خەتەرلىك كىشىلەر (مەسىلەن ئەرلەرنىڭ ئوخشاش جىنىسلىق ھەرىكىتى يۇقىرى كىشىلەر توپى) ھەر كۈنى ئالاھىدە ۋىروسقا قارشى دورىلارنى ئىچسە، يۇقۇملىنىش خەتىرىنى ٪90تىن ئازايتقىلى بولىدۇ. دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلىتىش ھەمدە جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارىنى قەرەللىك تەكشۈرۈش كېرەك
- ئاشكارىلانغاندىن كېيىن توسۇش: 72 سائەت ئىچىدىكى «جىددىي ئۆزىنى قۇتقۇزۇش»
ئەگەر قوغداش خاراكتېرى بولمىغان جىنسىي قىلمىش ياكى كەسىپي ئاشكارىلانغان بولسا (مەسىلەن، تىببى خادىملار يىڭنە سانجىلىپ يارىلانسا) ئىككى سائەت ئىچىدە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن توسۇپ داۋالاشنى توسۇش كېرەك، ئەڭ كېچىككەندىمۇ 72 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. 28 كۈن ۋىروسقا قارشى دورىلارنى ئۇدا ئىستېمال قىلغاندا، يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. ئېلىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرى ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى توسۇش مەسلىھەت سوراش ئامبولاتورىيىسى تەسىس قىلىپ، كېچە-كۈندۈز مۇلازىمەت بىلەن تەمىللەيدۇ
- قەرەللىك تەكشۈرۈش: بالدۇر بايقاش بالدۇر داۋالاشنىڭ مۇھىم ھالقىسى
ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشتا « كۆزنەك مەزگىلى» مەۋجۇت بولۇپ، (ئادەتتە 2-6ھەپتە) مەۋجۇت، بۇ چاغدا ئانتىتېلا تەكشۈرۈش مەنپىي چىقىشى مۇمكىن. خەتەرلىك قىلمىشلاردىن كېيىنكى ئۈچ ئايدىن كېيىن قايتا تەكشۈرتۈش تەكلىپى بېرىلىدۇ. ئېلىمىز بارلىق پۇقرالارنى ھەقسىز ئەيدىز تەكشۈرۈش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ، شۇ جايدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ، مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ياكى مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ
04
كەمسىتىشنى تۈگىتىش: ئەيدىزغا تاقابىل تۇرۇش سەددىچىن سېپىلىنى ئورتاق قۇرايلى
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىمار بولۇپلا قالماستىن، جەمئىيەتنىڭ قوللىشىغا مۇھتاج بولغان شەخس. كۈندىلىك ئۇچرىشىشلار مەسىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، تەڭ تاماق يېيىش، تازىلىق ئۆيى قاتارلىقلار ئارقىلىق تارقالمايدۇ . ئېلىمىزنىڭ «ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش نىزامى»دا ھەرقانداق ئىدارە ۋە شەخسنىڭ يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتىشىگە بولمايدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەندى. ئىلمىي ئومۇملاشتۇرۇش ۋە ئادىمىيەت غەمخورلۇقى ئارقىلىق بىز " كەمسىتىش بولمىغان " ئەيدىزگە تاقابىل تۇرۇش مۇھىتى بەرپا قىلالايمىز
ئاخىرقى سۆز
ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمىسىمۇ، تارقىلىش يوللىرىنى توسۇش، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، بالدۇر دىئاگنوز قويۇش ئارقىلىق بالدۇر داۋالاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق، بىز ئۇنى "ساقايماس كېسەل"دىن ئۇزاق مۇددەت باشقۇرىدىغان سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەلگە ئايلاندۇردۇق. ھەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ساغلاملىقىنىڭ بىرىنچى مەسئۇلى ـ ئىلىم- پەن بىلىملىرىنى چۈشىنىپ، قوغداش تەدبىرىنى قوللىنىپ، بىر تەرەپلىمە قاراشلىق كەمسىتىشنى تۈگىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئەيدىزنىڭ تارقىلىشچانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرايلى!