丙肝是由丙型肝炎病毒(HCV) 感染引起的肝脏疾病。病毒主要通过以下途径传播:
①血液传播:如共用注射器、使用未严格消毒的医疗器械、纹身、穿耳洞等。
②母婴传播:感染HCV的母亲可能传给新生儿。
③性接触传播:尤其是多性伴或不使用安全套的情况下。
④其他方式:如共用剃须刀、牙刷等也可引起传播。
但日常接触如拥抱、共餐、咳嗽等不会传播丙肝。
一旦感染丙肝,可以发展为急性或慢性两种状态。
①急性丙肝通常在感染后几周内出现症状,如疲乏、恶心、食欲减退等,但部分人可能不会出现明显症状。
②慢性丙肝则可能持续数年,导致肝脏的慢性炎症,最终可能引发肝硬化和肝癌。
丙肝的威胁在于它的“隐蔽性”,但它的“可治愈性”给了我们强大的武器。打破“隐形”的关键,就是主动进行筛查。一旦确诊,积极规范治疗,绝大多数患者都可以获得临床治愈,重获健康。
ساغلاملىق سوئال-جاۋاپ بىلىملىرى: ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى دېگەن نېمە؟
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بولسا ب تىپتىكى جىگەر ۋىرۇسى يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان جىگەر كېسەللىكى . ۋىرۇس ئاساسلىقى تۆۋەندىكى يوللار بىلەن تارقىلىدۇ
- قان ئارقىلىق تارقىلىش: مەسىلەن ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان شىپرىس، قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، گۈل چېكىش، قۇلاق تېشىش ،بەدەن چىكىش ئۇسكۇنلىرى قاتارلىقلار
- ئانىدىن بوۋاققا تارقىلىش: ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئانىلاردىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا يۇقۇملاندۇرۇشى مۇمكىن
- جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىتىش: بولۇپمۇ كۆپ جىنىسلىق ھەمراھ ياكى بىخەتەرلىك قېپى ئىشلەتمىگەن ئەھۋال ئاستىدا
- باشقا ئۇسۇللار: مەسىلەن ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ساقال ئالغۇچ، چىش چوتكىسى قاتارلىقلارمۇ تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
بىراق كۈندىلىك ئۇچرىشىش مەسىلەن قۇچاقلاش ، بىرلىكتە غىزالىنىش ، يۆتەل قاتارلىقلاردا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى تارقىمايدۇ
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ھامان، جىددىي خاراكتېرلىك ياكى ئاستا خاراكتېرلىك ئىككى خىل ھالەتكە تەرەققىي قىلىدۇ
- جىددىي خاراكتېرلىك ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىدا ئادەتتە يۇقۇملانغاندىن كېيىنكى نەچچە ھەپتە ئىچىدە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن چارچاش، كۆڭلى ئېلىشىش، ئىشتىھاسى ئاجىزلىشىش قاتارلىقلار، ئەمما قىسمەن كىشىلەردە كۆرۈنەرلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەسلىكى مۇمكىن
- سوزۇلما خاراكتېرلىك ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى نەچچە يىل داۋاملىشىپ، جىگەردىكى ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاخىرىدا جىگەر قېتىشىش ۋە جىگەر راكى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ تەھدىتى ئۇنىڭ "يوشۇرۇنلىقى"دا، ئەمما ئۇنىڭ " داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغانلىقى" بىزگە كۈچلۈك قورال ئاتا قىلدى يوشۇرۇنلۇقنى بۇزۇپ تاشلاشنىڭ ئاچقۇچى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تاللاپ تەكشۈرۈش. دىئاگنوز قويۇلسىلا ، داۋالاشنى پائال قېلىپلاشتۇرغان ھامان ، كۆپ ساندىكى بىمارلار كىلىنىكىلىق داۋالاپ ساقايتىپ ، قايتىدىن ساغلاملىققا ئېرىشەلەيدۇ