يۇقۇملانغۇچىلار ئۆزىنى ئەيىبلىمەسلىك كېرەكباھار پەسلى يېتىپ كەلگەندە، خامۇشلۇق كەيپىياتى ئاسانلا قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىدۇ. 3 - ئاي كىرگەندىن بۇيان، ئارقا - ئارقىدىن بىر نەچچە دوستۇمنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل قىلدىم، ئەھۋال ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ئەڭ ئاساسلىقى دىققىتىنى يىغالماسلىق، كېچىدە ياخشى ئۇخلىيالماسلىق، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن كەيپىياتىمۇ ياخشى بولماسلىق، دائىم خۇشال بولالماسلىق، ئۇنىڭ ئۈستىگە نېمە ئىش قىلسا ئۈنۈمى ناھايىتى تۆۋەن بولۇش قاتارلىقلار
ئۇنداقتا مۇنداق ئويلاپ قالىسىز، بەدىنىمدىن بىرەر مەسىلە چىقتىمۇ؟، كېسەللىك ئەھۋالىم ئېغىرلاشقان ئوخشايدۇ، دورا يېيىشىم كىرەكمۇ ؟» دېگەندەكلەرنى ئويلايسىز، پىسخىكا مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەسلىدە بۇ پەسىل ئالمىشىدىغان كۈنلەردە، نۇرغۇن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەڭ ئاسان پەيدا بولىدىغىنى ھەر خىل كۆڭۈلسىزلىكلەر بولۇپ، شۇڭا بۇنىڭلىق بىلەن ھەرگىز ئۆزىڭىزنى ئەيىبلىمەڭ، چۈنكى سىزدە مەسىلە يوق، پەقەت پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دورىنىڭ ئەكس تەسىرى قوشۇلۇپ، بەدەن ۋە كەيپىياتتا مۇناسىپ ئىنكاس پەيدا بولىدۇ، خالاس