قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش | قەستەن ئەيدىز كېسىلى تارقاتقان مەي فامىلىلىككە ئالتە يىل ئالتە ئاي جازا ھۆكۈم قىلىندى
يېقىندا ئاۋات ناھىيەلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئەيىپلىگەن قەستەن ئەيدىز تارقىتىش دېلوسىغا سوت مەھكىمىسىنىڭ قاراپ چىقىشى بىلەن مەي فامىلىلىك نىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەنلىكىگە ھۆكۈم چىقىرىپ، ئالتە يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
ئ2011-يىلى 4-ئايدا، مەي فامىلىلىككە ئاۋات ناھىيەلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزى ئارقىلىق ئەيدىز ئانتىتېلاسى مۇسبەت دەپ دىئاگنوز قويۇلغان. 2020-يىلى 1-ئايدىن 2022-يىلى 1-ئايغىچە بولغان مەزگىلدە، ئۇ كۆپ قېتىم ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ئۇقتۇرمىغان، بىخەتەر قوغدىنىش تەدبىرىنى قوللانمىغان ئەھۋالدا، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى مى فامىلىلىك بىلەن جىنسىي قىلمىش يۈز بەرگەن. مى فامىلىلىكنىڭ سالامەتلىكى بىئارام بولغاندىن كېيىن، ئەيدىز كېسىلى دەپ دىئاگنوز قويۇلغان، ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىچە، مەي فامىلىلىكنىڭ يۇقۇم مەنبەسى ئىكەنلىكىنى بېكىتكەن
مەي فامىلىلىك كېسەللىك ئەھۋالىنى قەستەن يوشۇرۇپ، ۋىروسنى تارقىتىش قىلمىشىنى ئىقرار قىلدى
دېلونى تەكشۈرۈپ ئىنىقلاش باسقۇچىدا، تەپتىش ئەمەلدارى ئېھتىياتچان، ئىنچىكە پوزىتسىيە بىلەن دەلىل-ئىسپاتلارنى قايتا-قايتا تەكشۈردى ۋە رەتلىدى. دېلو بىر قەدەر مۇرەككەپ بولغاچقا، ئاۋات ناھىيەلىك تەپتىش مەھكىمىسى تەپتىش ئەمەلدارى بىرلەشمە يىغىنى ئېچىپ، دېلو پاكىتى ۋە قانۇننىڭ تەدبىقلىنىشىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ۋە دەلىللەپ، جىنايەت گۇماندارى مەي فامىلىلىكنىڭ قىلمىشىنىڭ قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى قانۇن بويىچە بېكىتتى
سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمى قانۇننىڭ ھەيۋىسىنى نامايەن قىلىپلا قالماي يەنە جەمئىيەتكە ئېنىق سىگنال يەتكۈزدى: قەستەن يۇقۇملۇق كېسەلنى تارقاتسا قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ! ن
تەپتىش ئەمەلدارى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى
ئەيدىز كېسىلى ئاممىۋى سەھىيە ساھەسىدىكى مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، يەنە پۈتۈن جەمئىيەت تاقابىل تۇرۇشتىكى بىر چوڭ خىرىس، ئەيدىزدىن مۇداپىئەلىنىش بىلىملىرىنى پەننى ئومۇملاشتۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدۇ، ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋەزىپىسى ئېغىر، يول ئۇزۇن. يامان نىيەتتە تارقىتىش قىلمىشى چوقۇم قانۇننىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرايدۇ. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن جىنسىي كېسەللىك بىلەن يۇقۇملانسا، چوقۇم ئىسپات توپلاشنى ۋە ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ، قانۇن بويىچە ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشىڭىز كىرەك
ئۇزارتىلغان ئوقۇشلۇق
قەستەن ئەيدىز كېسىلىنى تارقىتىش جىنايەت شەكىللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ «پايىشېازلىق قىلىپ نۇمۇسىنى سېتىش جىنايى ئىشلار دېلولىرىنى بېجىرىشتە تەشكىللەش، مەجبۇرلاش، ئازدۇرۇش، سىغدۇرۇش، قالدۇرۇش، سېتىشقا تونۇشتۇرۇشدا قوللىنىلىدىغان قانۇنلار توغرىسىدىكى ئىزاھات»نىڭ 12-ماددىسى، 2-ماددىسى تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنى ئادەمنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشىغا سەۋەبچى بولسا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 95- ماددىسىنىڭ 3– ماددىسىدىكى «جىسمانىي سالامەتلىككە ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن» دەپ بېكىتىلگەن«ئېغىر زەخمىلەندۇرۇش» جىنايىتى دەپ بېكىتىلىپ، جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 234- ماددىسىنىڭ 2-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قەستەن زىيانكەشلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن جىنايەت بېكىتىپ جازا بېرىلىدۇ:ئ
ئ(1) ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلىپ نومۇسىنى سېتىپ پاھىشىۋازلىق قىلغان بولسا
ئ(2) ئۆزىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېنىق بىلگەن، قەستەن ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانماي باشقىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن بولسا
ئەيدىزبىلەن يۇقۇملانمىغان دوستلارغا ئىللىق ئەسكەرتىش
ن1. ئەگەر ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەتىرى يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن بولسا، 72 سائەت ئىچىدە جىددىي توسۇش تەدبىرىنى قوللىنىڭ، قانچە تېز بولسا شۇنچە ياخشى
ن2. جىنسىي قىلمىش يۈز بېرىشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈشتە مەنپىي بولسىمۇ قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللانماسلىققا بولمايدۇ، ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى يەنىمۇ تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ