ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندا جۆرىسى ۋە جىنسى ھەمراھىغا دىيىش كىرەكمۇ؟
ئەلۋەتتە دېيىش كېرەك! ئەيدىز كېسىلى ئاساسلىقى جىنسىي يول ئارقىلىق تارقىلىدۇ شۇڭا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار جۆرىسى ۋە جىنسىي ھەمراھىدا ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ، شۇڭا ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك. «ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش نىزامى» دا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئەيدىز كېسەللىرىنىڭ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەكلىكى ئېنىق بەلگىلەنگەن:ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى كېسەل بولغانلىق پاكىتىنى جىنسىي مۇناسىۋىتى بارلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇپ قويۇش كېرەك. شۇڭا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ھالىتىنى جىنسىي ھەمراھىغا ئۇقتۇرۇپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەندە بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللىنىش مەجبۇرىيىتى بار. مەيلى ئەخلاق قاتلىمى ياكى قانۇن قاتلىمىدىن بولسۇن، ئەيدىز بىمارلىرى يۇقۇملىنىش ياكى كېسەل بولۇش پاكىتىنى جورىسى، ھەمراھى ياكى ئۇنىڭ بىلەن جىنسىي مۇناسىۋىتى بارلارغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار توي قىلسا بولامدۇ؟ توي قىلىشتىن بۇرۇن توي قىلىدىغان لايىقىغا دېمىسە قانۇنىي مەسئۇليەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكمۇ؟
2021 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇنى» نىڭ 1053 - ماددىسىدا:«بىر تەرەپ ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولسا، تويلىنىشنى تىزىملىتىشتىن ئىلگىرى يەنە بىر تەرەپكە ئەينەن ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك؛ ئەينەن ئېيتمىغانلار يەنە بىر تەرەپ خەلق سوت مەھكىمىسىدىن ئۆيلىنىشنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ. ئۆيلىنىشنى بىكار قىلىش تەلىپىنى بىكار قىلىش سەۋەبىنى بىلگەن ياكى بىلىشكە تېگىشلىك بولغان كۈندىن باشلاپ بىر يىل ئىچىدە ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك» دەپ بەلگىلەنگەن. نۆۋەتتە ۋە كەلگۈسى بىر مەزگىل ئىچىدە ئەيدىز كېسىلى يەنىلا «ئېغىر كېسەللىك» ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر يۇقۇملانغۇچى ئۆيلىنىشنى تىزىملىتىشتىن ئىلگىرى قارشى تەرەپكە ئەينەن ئەھۋالنى ئېيتسا، قارشى تەرەپ يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن تىزىملىتىپ توي قىلىشنى خالىسا، ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى ئۆيلىنىش ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىپ ئۆيلىنىشنى كۈچكە ئىگە دەپ بېكىتىدۇ
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى تويدىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئەھۋالىنى توي قىلىش ئوبيېكتىغا ئۇقتۇرۇپ قويۇشى كېرەك. «ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى» نىڭ 1054-ماددىسىدا سەۋەنلىك ئۆتكۈزمىگەن تەرەپ زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق، دەپ بەلگىلەنگەن. شۇڭا، ئەينەن ئېيتمىغان سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن تەرەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، غايەت زور ئىقتىسادىي بەدەل تۆلىشى كېرەك؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەگەر بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپ ئېيتمىغانلىقتىن ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان بولسا، قەستەن تارقىتىش كاتېگورىيەسىگە چېتىلىپ، جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى مۇمكىن