当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدىكى بۇ 10 يالغان گەپنى بىلەمسىز ؟

发布日期:2023-03-10 点击:
ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدىكى بۇ 10 يالغان گەپنى بىلەمسىز ؟
ئەيدىز كېسىلى 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا تۇنجى قېتىم خەۋەرنىڭ باش بېتىگە چىققاندا، بۇ يېڭىدىن بايقالغان كېسەلنى چۆرىدىگەن ھالدا نۇرغۇن خاتا ئۇچۇرلار بار ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە، گەرچە ئەيدىز كېسەللىكىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن توغرا ئۇچۇرلار بولسىمۇ، يەنىلا نۇرغۇن چوڭقۇر يىلتىز تارتقان خاتا چۈشەنچىلەر مەۋجۇت.
تۆۋەندىكىسى ئەيدىز ۋىرۇسى/ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان 10 خاتا قاراش، سىز پۈتۈنلەي توغرا جاۋاب بەردىڭىزمۇ؟
  1.   ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان  كىشىلەر بىلەن ئۇچراشقۇچىلار ئەيدىزدىن  يۇقۇملىنىدۇ
يالغان. ئەيدىز ۋىرۇسى ھاۋا، سۇ، شۆلگەي، تەر، كۆز يېشى ياكى بىر ھاجەتخانىنى ئورتاق ئىشلىتىش ئارقىلىق تارقالمايدۇ.
ئەيدىز  بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئوخشاش ھاۋادىن نەپەسلەنسە ياكى قۇچاقلاشسا، سۆيۈشسە، قول ئېلىشسا  ۋىرۇس تارقالمايدۇ.
ۋىرۇس پەقەت بەزى بەدەن سۇيۇقلۇقى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، مەسىلەن، قان، ئىسپېرما، جىنسىي يول سۇيۇقلۇقى، تۈز ئۈچەي سۇيۇقلۇقى ياكى ئانا سۈتى قاتارلىقلار. ئېلىمىزدە، نۆۋەتتە ئەيدىز ئاساسلىقى جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدۇ. قوغداش تەدبىرى بولمىغان جىنسىي ھەرىكەت ياكى ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئوكۇل يىڭنىسى ئارقىلىق زەھەرنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن. ئەگەر ئانا تەتۈر كۆچۈرۈلگۈچى ۋىرۇسقا قارشى دورا بىلەن داۋالاشنى قوبۇل قىلمىسا، ۋىرۇس ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانىدىن بالىغا يۇقىشى مۇمكىن.
ئەيدىز ۋىرۇسى مۇسبەت ھەمراھى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى مەنپىي ھەمراھى ئوتتۇرىسىدا جىنسىي مۇناسىۋەت يۈز بەرگەن ئەھۋالدا، ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە ئىنتايىن ئۈنۈملۈك. ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى بىلەن ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى دورىلارنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلەتكەندە، ئۇلار تېخىمۇ كۆپ قوغداش بىلەن تەمىنلەيدۇ.
  1.   ئەيدىز كېسىلى ئۆلۈم جازاسىمۇ
ئەمدى ئەمەس. ئەيدىز كېسىلى تۇنجى قېتىم بايقالغاندا، ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى بولمىغاچقا، ئېنىق دىئاگنوز قويۇش ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمى دەپ قارالدى. ھازىر ئىنقىلاب خاراكتېرلىك داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن، بۇ خىل ئەھۋال مەۋجۇت ئەمەس.
3. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بالىلىق بولماسلىقى كېرەك
خاتا ئەگەر ئەيدىز ۋىرۇسى مۇسبەت بولغان ھامىلىدار ئاياللار پۈتكۈل ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى داۋالاشنى قەتئىي قوبۇل قىلسا، ئۇلار ساغلام بالا تۇغالايدۇ.
4.  ئەيدىز بىر خىل «ئوخشاش جىنىسلىقلار» كېسىلى
يالغان. 20 - ئەسىرنىڭ 80 - يىللىرىدا، ئامېرىكىدا تۇنجى بولۇپ ئەر ھەمجىنىس دەپ خاتىرىلەنگەنگۈچى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان. ئەينى چاغدا HIV بىلەن ئەيدىز نامەلۇم ۋە سىرلىق نەرسە بولۇپ، ۋەھىمە، خاتا ئۇچۇر ۋە كەمسىتىشنىڭ بۇ خىل كېسەلگە « ھەمجىنىس» دېگەن بەلگىنى چاپلىشىغا سەۋەب بولغان. گەرچە ئەيدىز ۋىرۇسى داۋاملىق نىسبەتسىز ھالدا LGBTQ + شەخسكە تەسىر كۆرسەتسىمۇ، لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ بۇ بىر توپ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئەيدىز ۋىرۇسىنى چۆرىدىگەن سېسىق نام بىمارلارنى داۋاملىق ساغلاملىق ۋە ھاياتىنى قامداشقا كېرەكلىك پەرۋىشكە ئىگە قىلالمايدۇ.
5. ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ
سىز بەلكىم بەزى بىمارلارنىڭ كلىنىكىلىق تەجرىبە ئارقىلىق ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقانلىقىنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن. كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ ئىلگىرىلەش ئەيدىز كېسىلىگە تاقابىل تۇرۇش كۈرىشىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىلگىرىلەش بولغانلىقىدىن دېرەك بەرسىمۇ، لېكىن بۇ خىل داۋالاش ئىنتايىن خەتەرلىك دەپ قارىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر تېخى ئومۇملاشقىنى يوق.
ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغانلىقى تېخى ئىسپاتلانمىغان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرقى ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى دورىلار يۇقۇملانغۇچىلارنى ساغلام تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ مۆلچەردىكى ئۆمرى ئەيدىز ۋىرۇسى يوق يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن ئاساسەن ئوخشاش.
6. ئەگەر ئىككى ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى مۇسبەت دەپ دىئاگنوز قويۇلسا،  ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى ئىشلىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.
خاتا. ھەر ئىككى تەرەپ يۇقۇملانغۇچى بولسىمۇ، بىخەتەرلىك ھەرىكىتى يەنىلا ئىنتايىن مۇھىم. ۋىرۇسنىڭ ئوخشاش بولمىغان ۋىرۇس تۈپى بولىدۇ ھەمدە ئوخشاش بولمىغان ئەيدىز ۋىرۇس تۈپىنى ھەمراھىغا يۇقتۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن ھەمدە   ئوخشاش بولمىغان ۋىرۇس تۈپى بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن. ئەگەر بەختكە قارشى دورىغا چىداملىق باكتېرىيە تۈپى بىلەن يۇقۇملانسا، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش لايىسىنى ئالماشتۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ.
7. ئەگەر PrEP   (ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش دورىسى) ئىستېمال قىلغاندا ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى ئىشلىتىش ھاجەتسىز
خاتا PrEP ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىشنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، شۇ ئادەمنى  ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلايدۇ. ئەمما، بۇ خىل دورا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالالمايدۇ، شۇڭا، ئەگەر جىنسىي مۇناسىۋەت يۈز بەرسە، چوقۇم ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى ئىشلىتىش كېرەك.
8. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن چوقۇم تەرەققىي قىلىپ ئەيدىز كېسىلىگە ئايلىنىدۇ.
خاتا. ئەيدىز كېسىلى ئەيدىز ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىممۇنىتېت سىستېمىسى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى. يۇقۇملانغاندىن كېيىن،ئەيدىز ۋىرۇسى شەخسنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىدۇ ھەمدە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئىممۇنىتېت ئىنكاسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ.
1996-يىلىدىن بۇيان، ۋىرۇسنىڭ تەتۈر كۆچۈرۈلۈشىگە قارشى دورىلارنىڭ كىرگۈزۈلۈشى ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىشنىڭ تەبىئىي مۇساپىسىنى زور دەرىجىدە ئۆزگەرتتى. گەرچە ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش يەنىلا تولۇق ساقايمىغان بولسىمۇ، لېكىن يېڭىدىن دىئاگنوز قويۇلغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار داۋالانغاندىن كېيىن، مۆلچەردىكى ئۆمرى تەدرىجىي نورماللاشتى.
باشقا ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە ئوخشاش، بالدۇر بايقاش يۇقۇملىنىشقا تېزدىن دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشنىڭ ئاچقۇچى.
9. بىۋاستە ئەرلەردىن  يۇقۇملىنىش بولمايدۇ  
خاتا. ئەرلەر ئارا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىلار گەرچە ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەۋپ - خەتىرى يۇقىرى كىشىلەر توپىغا تەۋە بولسىمۇ، ئەمما بۇ يات جىنىسلار بىلەن مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئەرلەرنىڭ ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. يات جىنىسلار بىلەن مۇھەببەتلەشكەن ئەرلەر يەنىلا ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن.
10. ئەيدىز مۇسبەت بولغانلار مەنپىي بولغانلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە بولمايدۇ
خاتا.  ئەيدىز مۇسبەت دەپ دىئاگنوز قويۇلغان كىشىلەرنىڭ يەنىلا مۇھەببەتنى ئەركىن تاللاش ھوقۇقى بار، لېكىن مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
ئالدى بىلەن گاندون ئىشلىتىش؛ ئۇنىڭدىن قالسا، مۇسبەت تەرەپ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشنى قوبۇل قىلىپ، ۋىرۇسنىڭ مىقدارىنى داۋاملىق تەكشۈرەلمەسلىك سەۋىيىسىگە يەتسە، ئۇنداقتا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق تارقىلىدىغان ئەيدىز خەۋپ - خەتىرى نۆلگە تۆۋەنلەيدۇ.

排版编辑:【mahsat】

信息发布:【苏力坦】

项目支持:【巴楚县】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
疫情期间HIV药品借药援助
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆男孩版权所有