特别强调 由于暴露前后预防用药为处方药,
建议去暴露预防门诊
进行风险评估和医学评估后,
在医生的指导下使用。
- ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئالدىنى ئېلىش
- دوختۇر، مەن مەسلىھەت سورايمەن. مېنىڭ ھەمراھىم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، مەن دائىم ۋىرۇسنى كونترول قىلىدىغان دورا يەۋاتىمەن. بىزنىڭ مۇناسىۋىتىمىز ياخشى، يېقىن ئۇچراشقان، شۇڭا مەن دائىم تەشۋىشلىنىمەن، بولۇپمۇ يۇقۇملىنىپ قېلىشتىن قورقىمەن. ئاڭلىسام ئالدىن ئالدىنى ئېلىش دورىسى بارئىكەن، شۇڭا بۇ دورىلار ماڭا ماس كېلەمدۇ؟
- ياخشىمۇ سىز دوختۇر، ئالدىنقى كۈنى كەچتە مەن مەست بولۇپ بىپەرۋالىق قىلىپ، ناتونۇش كىشىلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزدۈم. بۈگۈن خەتەرنى ھېس قىلدىم. ئەمدى قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ قېلىشىم مۇمكىنمۇ؟ ھازىر تەكشۈرۈتسەم بولامدۇ؟
- ئاشكارلىنىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى (PrEP): ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان كىشىلەرنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش ئۇچۇن يۇقۇملۇنۇشتىن بۇرۇن ئالاھىدە ۋىرۇسقا قارشى دورىلار (مەسىلەن، ئېمتىرىسىتابىن/تېنوفوۋىر تابلېتكىسى، ئوكۇل قىلىنغان كاربوتېۋىر قاتارلىقلار) يېيىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ
- ئىشلىتىشكە ماسكىلىدىغان كىشىلەر: ئەرلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ئەرلەر، يالغۇز تەرەپ يۇقۇملانغان لارنىڭ جىنسىي ھەمراھى، جىنسىي خىزمەتچىلەر، تومۇرغا زەھەرلىك چېكىملىك ئوكۇل ئۇرۇپ چەككۈچىلەر، يېقىندا جىنسىي كېسەل بىلەن يۇقۇملانغانلار، كۆپ جىنسىي ھەمراھى بارلار قاتارلىقلار
- ئاشكارلانغاندىن كېيىنكى توسۇش (PEP): ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان كىشىلەرنىڭ يۇقۇملىنىش خەتىرى يۇقىرى (مەسىلەن، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بىلەن سۇيۇقلۇق ئالماشتۇرۇش) بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن ئالاھىدە ۋىرۇسقا قارشى دورىلارنى بالدۇر (ئەڭ كۆپ بولغاندا 72 سائەتكىچە) ئىستىمال قىلىش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىدۇ
- ئىشلىتىشكە ماسكىلىدىغان كىشىلەر: ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بولغان بارلىق كىشىلەر PEP نى بالدۇرراق ئىشلىتىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ، مەسىلەن، ئەرلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن ئەرلەر، جىنىس ئۆزگەرتكەن ئاياللار، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مەنپىي ھەمراھى، زەھەر چەككۈچىلەر، يۇقۇملىنىش خەۋپى يۇقىرى بولغان باشقا يات جىنىسلىق ھەمراھلار ۋە جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغۇچىلار. يۇقۇملىنىش مەنبەسى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى بارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ
- بىرىنجى ، ئاشكارلىنىشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىش دورىسى (PrEP)نى ئىشلىتىش ئۇسۇلى
- 1.كۈندىلىك دورا ئىشلىتىش
- ھەر كۈنى بىر تال دورا ئىچىش كېرەك
- جىنسىي پائالىيەت كۆپ بولغانلار ياكى خەتەرلىك ۋاقتىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان كىشىلەرگە ماس كېلىدۇ
- 2.ئېھتىياج بويىچە دورا ئىشلىتىش «2+1+1» پىلانى
- جىنسىي مۇناسىۋەتتىن بۇرۇنقى 2 سائەتتىن 24 سائەتكىچە، بىرىنچى قېتىم يىگەندىن كېيىن 24 سائەتتىن كېيىن 1 تابلېت، بىرىنچى قېتىم يىگەندىن كېيىن 48 سائەتتىن كېيىن يەنە 1 تابلېتكا ئىچىش كېرەك
- پەقەت ئەرلەرگىلا تەۋسىيە قىلىنىدۇ
- ئىككىنجى ، ئاشكارلانغاندىن كېيىنكى توسۇش (PEP)دورىسىنى ئىشلىتىش ئۇسۇلى
- دورا ئىشلىتى ئۇسۇلى
- (TDF ياكى TAF، بىرنى تاللاڭ) + (FTC ياكى 3TC، بىرنى تاللاڭ) + (DTG ياكى RAL، بىرنى تاللاڭ) قاتارلىق ئۈچ خىل ۋىرۇسقا قارشى دورىنى بىرىكتۈرۇپ يىيىش .
- مۇھىم نۇقتا
- ئاشكارلانغاندىن كىينكى دورىنى 2 سائەت ئىچىدە ئىستېمال قىلغاندا ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ، لېكىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 72 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك، چوقۇم 28 كۈن ئۇدا ئىستېمال قىلىش كېرەك!
- ئەڭ كۆپ ۋاقتى 72 سائەت بولۇپ، چوقۇم 28 كۈن ئۇدا ئىشلىتىش كېرەك!
- ئالاھىدە تەكىتلەش
- ئۇچرىشىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئالدىنى ئېلىش رېتسىپى بولغاچقا،
- ئۇچرىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئامبۇلاتورىيەسىگە بېرىپ كۆرۈشنى تەۋسىيە قىلىمىز
- خەۋپ-خەتەرنى باھالاش ۋە سالامەتلىكنى باھالاش ئارقىلىق،
- دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلىتىش كېرەك.






