ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىزگە ئېغىر تەھدىت سالىدىغان كېسەللىك بولۇپ، ئوخشىمىغان كىشىلەردە توپىدا كۆرۈلىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار بۇ كېسەللەر بىلەن يۇقۇملانسا، ئانىلار بىلەن بوۋاقنىڭ تارقىلىش شەكلى ئارقىلىق بوۋاقلار يۇقۇملىنىپ، ئەۋلادلىرىمىزغا چەكسىز ئازاب ۋە ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. شۇڭا ئانىدىن بالىلارنىڭ ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئازايتىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكەت بولۇپ، كېسەللىكلەرنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد يەتكۈزۈشنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، ئانىلار-بوۋاقلارنىڭ ساغلاملىق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئانا – بالىلارنىڭ تارقىلىشىنى تۈگىتىش خىزمىتىدە كەمسىتىش بولمىغان داۋالاش مۇھىتى يارىتىپ، يۇقۇملانغۇچىلارنى قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەئەت كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ ، ئانىدىن بوۋاقنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغدىيالايدۇ
قانداق ئەھۋال « ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى »نى داۋالاشتا كەمسىتىشكە تەۋە ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاشتا كەمسىتىش دېگىنىمىز داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش جەريانىدا، بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە چەتكە قېقىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن " ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى "بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللار ۋە بالىلارغا باراۋەر بولمىغان مۇئامىلە قىلىش قىلمىشىنى كۆرسىتىدۇ. كۈندىلىك دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش مۇلازىمىتىدە داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا ساقلىنىۋاتقان يۇقۇملانغۇچىلارنى كەمسىتىش ئەھۋاللىرى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بىر نەچچە خىل ئەھۋال بولسا تۆۋەندىكىچە
- داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىش
- پەرقلىق مۇئامىلە قىلىش
- ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ھالدا ئەيدىز ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش
- تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى تەكشۇرتكۇچىگە ئۇقتۇرۇشنى رەت قىلىش
- ھەددىدىن زىيادە مۇداپىئەلىنىش تەدبىرىنى قوللىنىش
- تەكشۈرۈپ داۋالاش جەريانىدا ئۇقتۇرۇش ۋە ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇشنىڭ جايىدا بولماسلىقى
- ئوقۇتۇش پراكتىكا جەريانىدا يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا دىققەت قىلماسلىق
- شەخسىي سىرنى قوغداشقا ئالاقىدار تەلەپ بويىچە كېسەللىك تارىخى سۈرۈشتۈرۈش ۋە دوختۇر بىلەن بىمار پىكىر ئالماشتۇرماسلىق
- داۋالىنىش چەكلىمىسى، مەجبۇرىي تۇتۇپ قېلىش ياكى مەجبۇرى ئايرىپ كۆزىتىش
- جىنسىي ھەمراھ ۋە (ياكى) ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ۋە مەخپىيەتلىكنى مەجبۇرىي ئۇقتۇرۇش
نېمە ئۈچۈن كەمسىتىش يۇزبىرىدۇ ، ئەيدىز بىمارلىرىغا قانداق توغرا موئامىلە بولۇش كىرەك
ئاساسلىقى جەمئىيەتتە مەۋجۇت بولغان چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ۋەھىمە ۋە تەشۋىشلىنىش كېسەللىكنى چۈشىنىش كەمچىل بولۇش ۋە ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ تارقىلىشى توغرىسىدىكى تۈرلۈك ئۆسەك سۆز، بىر تەرەپلىمە قاراش ئەيدىز كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولمايدىغان پاكىت كېسەللىك، ئۆلۈمدىن قورقۇش قاتارلىقلار
ئەيدىز ۋە ئۇنىڭ يۇقۇملانغۇچىلىرى تىلغا ئېلىنسا، كۆڭلىمىزدە ئۇلاردىن قورقۇپ كېتىمىز، ھەمدە ئۇلاردىن يۇقۇملۇنىشدىن قېلىشىدىن ئەنسىرەيمىز، ئۇنىڭدىن قالسا ئۇلارنى مۇئەييەن كەمسىتىمىز ، ئۇلارنى پاھىشىۋازلىق قىلىش قاتارلىق بەزى ناچار قىلمىشلار بىلەن يۇقۇملانغان دەپ قارايمىز، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئاساسلىقى جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ، ئانىلار-بوۋاقلارئارىسىدا ۋېرتىكال تارقىلىدۇ، يەنە قان ئارقىلىق تارقىلىدۇ، ئادەتتە تۇرمۇش ئۇچرىشىشى پۈتۈنلەي يۇقۇملانمايدۇ، داۋالاش ئارقىلىق جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق جۇپتىگە يۇقۇشدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ئانىلار-بوۋاقلارئارىسىدا يۇقۇشنى توسۇپ ئارىلىشىپ، ساغلام بوۋاقلارنى تۇغدۇرالايمىز، شۇڭا بىز قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئۇلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە كۆيۈنۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك
ئەيدىز ۋە ئۇنىڭ يۇقۇملانغۇچىلىرى تىلغا ئېلىنسا، كۆڭلىمىزدە ئۇلاردىن قورقۇپ كېتىمىز، ھەمدە ئۇلاردىن يۇقۇملۇنىشدىن قېلىشىدىن ئەنسىرەيمىز، ئۇنىڭدىن قالسا ئۇلارنى مۇئەييەن كەمسىتىمىز ، ئۇلارنى پاھىشىۋازلىق قىلىش قاتارلىق بەزى ناچار قىلمىشلار بىلەن يۇقۇملانغان دەپ قارايمىز، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ئاساسلىقى جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ، ئانىلار-بوۋاقلارئارىسىدا ۋېرتىكال تارقىلىدۇ، يەنە قان ئارقىلىق تارقىلىدۇ، ئادەتتە تۇرمۇش ئۇچرىشىشى پۈتۈنلەي يۇقۇملانمايدۇ، داۋالاش ئارقىلىق جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق جۇپتىگە يۇقۇشدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ئانىلار-بوۋاقلارئارىسىدا يۇقۇشنى توسۇپ ئارىلىشىپ، ساغلام بوۋاقلارنى تۇغدۇرالايمىز، شۇڭا بىز قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئۇلارغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە كۆيۈنۈپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشىغا ياردەم بېرىش كېرەك
داۋالاش ئاپپاراتلىرى داۋالاشتىكى كەمسىتىشنى قانداق قىلىپ ئالدىنى ئالاليدۇ
كەمسىتىش بولمىغان داۋالاش مۇھىتى يارىتىش كېرەك
« ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى » نىڭ ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە بالىلىرىنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش جەريانىدا، « ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى » يۇقۇملانغان ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە بالىلارغا يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىپ، ياخشى داۋالاش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك:
« ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى » نىڭ ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە بالىلىرىنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش جەريانىدا، « ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى » يۇقۇملانغان ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە بالىلارغا يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىپ، ياخشى داۋالاش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك:
- ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى يۇقۇملانغۇچىلارنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلىشقا ياكى ئىتتىرىپ قويۇشقا بولمايدۇ
- كېسەل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ قان، بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇچراشمىغان ئادەتتىكى دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش جەريانىدا، بارلىق كېسەل كۆرسەتكۈچىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان، " ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى " يۇقۇملانغۇچىلىرىنى زۆرۈر بولمىغان زىيادە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللانماسلىق
- ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى يۇقۇملانغۇچىنىڭ تۇغۇت بەلگىلەش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش، ئەگەر تىببىي ئالامەت بولمىسا ياكى تۇغۇتقا ماس كەلمەيدىغانلار بولمىسا، ئۇنىڭ ھامىلدارلىقنى توختىتىش تەكلىپىنى بەرمەسلىك
- يۇقۇملانغان ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ كېسەل كۆرۈش تەرتىپىنى قەستەن ئەڭ ئاخىرقى ئورۇنغا تىزىشقا بولمايدۇ
مۇلازىمەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ شەخسىي سىرىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك
دوختۇرخانا تېببىي خادىملىرى « ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى » نىڭ ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئاياللار ۋە بالىلىرىنى داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش جەريانىدا، « ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى » نىڭ ھامىلىدار-تۇغۇتلۇق ئايال ۋە بالىلارغا توغرا قارىشى، ئۇلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشى، شەخسىي سىرىنى قوغداشقا، ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇپ قوشۇلىشى ۋە كەمسىتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك:
- مۇۋاپىق بولمىغان ۋاقىت، سورۇندا، نامۇۋاپىق ئۇسۇلدا كېسەللىك تارىخىنى سۈرۈشتۈرۈشكە بولمايدۇ
- ئۆزى ياكى ئۇنىڭ ھامىيسىنىڭ ماقۇللىقىنى ئالماي تۇرۇپ، يۇقۇملانغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئىسىم – فامىلىسى، ئادرېسى، خىزمەت ئورنى، پورترېت، كېسەللىك تارىخى ماتېرىياللىرى ۋە ئۇنىڭ كونكرېت سالاھىيىتى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىماسلىق لازىم
- يۇقۇملانغۇچىنىڭ جۆرىسى/ جىنسىي ھەمراھىغا ئۇقتۇرۇشى جەھەتتە، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئويلىغىنىغا ھۆرمەت قىلىپ ئۇقتۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى ۋە ۋاقىت، ئورنىنى تاللاش
- بارلىق تەكشۈرۈش، داۋالاش، ئوقۇتۇش پائالىيىتى ۋە ئىلمىي تەتقىقات تۈرلىرىدە ئالدى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش ھەمدە شۇ جايدىكى ئېتىكا كومىتېتىنىڭ بەلگىلىمىسى بىلەن توقۇنۇش بولمىسا ئاندىن ئېلىپ بېرىلىش
- ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىلگىرىكى ياكى قىلمىشىنى ئۇنىڭ ئىيتقىنىنى باھالاشقا بولمايدۇ، ئاممىۋى سورۇنلاردا يۇقۇملانغۇچىلارنى ئۈنلۈك ئاۋازدا ئەيىپلىمەسلىك ياكى « ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى » يۇقۇملانغۇچىنى چەتكە قاقماسلىق
- ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ مەخپىيەتلىكىنى قوغداش ئالدىنقى شەرتىدە، ئانىلار ۋە بوۋاقلارنىڭ تارقىتىش بىلىملىرى ۋە سىياسىتىنى تولۇق تەشۋىقات تەربىيىسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كىرەك
قاراتمىلىق تەربىيلەشنى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپتە ئاشكارىلىنىپ قېلىش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش
- قەرەللىك ھالدا كەمسىتىشنى تۇگىتىش ۋە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھوقۇق كاپالىتىنى قوغداش بويىچە تەربىيلەشنى قانات يايدۇرۇپ، مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش ھەمدە پىسخىكىلىق قوللاش كېرەك
- كەسپىي قوغدىنىش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيلەشنى كۈچەيتىپ، تولۇق قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تىببى خادىملارنىڭ " ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى "غا مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئاشكارىلىنىش خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك
ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاياللارنىڭ بارلىق شەكىللىرىگە قارىتىلغان ئائىلە زوراۋانلىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، توسۇش ۋە قانۇن بويىچە جازالاش كېرەك
ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. جىنايەت شەكىللەندۈرگەن زوراۋانلارغا قارىتا جىنايى ئىشلار جاۋاپكارلىقىنى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈپ، زور، يامان خاراكتېرلىك دېلولارنى قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك
ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىدىن يۇقۇملانغۇچىلارغا ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تەشۋىقات تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ئائىلە زوراۋانلىقى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئاياللارغا پىسخىكىلىق تەسەللى بېرىش ۋە تۇرمۇش ياردىمىنى كۈچەيتىش كېرەك






