- 血液传播:输入HBV污染血液/制品、共用污染注射器、使用未消毒器械(如纹身、牙科治疗),或破损皮肤/黏膜接触患者血液可感染。
- 母婴传播:感染HBV母亲在怀孕、分娩(尤其接触血液体液时)或哺乳可能传给胎儿/新生儿,需有效阻断措施降低风险。
- 性接触传播:与HBV感染者无防护性行为可感染(病毒存在于精液、阴道分泌物中),多性伴侣或不规范使用安全套会增加风险。
- 其他少数传播途径:医源性传播(医护接触患者血液/体液)及间接接触(如共用污染牙刷、剃须刀),后者因HBV体外抵抗力有限,概率极低。
- 接种乙肝疫苗:新生儿按“0-1-6个月”程序全程接种,成人、青少年及时补种,高危人群优先接种并定期检测抗体,不足时加强接种。
- 避免血液传播风险:不共用注射器,输血选正规机构,有创操作(纹身、牙科等)确保器械消毒或一次性使用。
- 做好性接触防护:与HBV感染者性行为时全程使用安全套,保持单一性伴侣,减少不洁性行为。
- 加强母婴阻断:孕产妇规范监测干预,新生儿24小时内接种乙肝疫苗及免疫球蛋白,全程接种后定期检测抗体。
- 注重个人卫生:不与乙肝感染者共用牙刷、剃须刀等可能接触血液或体液的个人物品,避免交叉感染。
ساغلاملىقنى ئومۇملاشتۇرۇش: ب تىپىق جىگەر كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يولىدا جىگەرنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدايلى
01
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى تونۇش:بۇ بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان جىگەر يۇقۇملۇق كېسەللىكى
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ تولۇق نامى " ئاستا خاراكتېرلىك ب تىپلىق ۋىروس خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغى " دەپ ئاتىلىدۇ ، بۇ ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىگەر كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى ئاساس قىلغان يۇقۇملۇق كېسەل . ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ يۇقۇملىنىشچانلىقى ۋە كېسەل پەيدا قىلىشچانلىقى كۈچلۈك بولۇپ، ئاساسلىقى جىگەر ھۈجەيرىلىرىگە دەخلى-تەرۇز قىلىدۇ، ئۇزاق مۇددەت يۇقۇملانسا جىگەر ياللۇغى، تالالىشىش، جىگەر قېتىشىش ھەتتا جىگەر راكى پەيدا قىلىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن كېسەللىك مۇساپىسىدە پەرق چوڭ، قىسمەن بىمارلار تىپىك قوزغىلىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، قىسمەنلىرى يوشۇرۇن يۇقۇملىنىشنى باشتىن كەچۈرىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىلدە كۆپىنچە ۋىروس بەدەنگە كىرگەندىن بىر ئايدىن ئالتە ئايغىچە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن ماغدۇرسىزلىق، ئىشتىھاسى ئاجىزلىشىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىقلار، قىسمەن بىمارلارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى يېنىك ياكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئاسان سەل قارىلىدۇ. ئەگەر جىددىي خاراكتېرلىك مەزگىل ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنمىسا، ئاستا خاراكتېرلىك ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا ئايلىنىپ قالسا، بۇ باسقۇچتا بىمارلار ئۇزۇن مۇددەت بىئارام بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ۋىروس جىگەر ھۈجەيرىلىرىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ زەخمىلەندۈرىدۇ، كېسەللىك ئەھۋالىدا جىگەر تالالىشىش، جىگەر قېتىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، ئېغىر بولغاندا جىگەر راكى ياكى جىگەر زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قىسمەن كىشىلەر يۇقۇملانغاندىن كېيىن ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئېلىپ يۈرگۈچى بولۇپ ، كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمىسىمۇ بەدەندە يەنىلا ۋىروس بولۇپ ، يۇقۇملىنىشچانلىقى بار بولۇپ، ئۇزۇن مۇددەت داۋالانمىغاندا جىگەرنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىش خەۋپىنى ئاشۇرۋىتىدۇ
02
تارقىلىش يولىنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۇشى
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ تارقىلىش يولى ئىلمىي ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇھىم ھالقا، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى يوللار ئارقىلىق تارقىلىدۇ، كۈندىلىك ئادەتتىكى ئۇچرىشىشلار مەسىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلىشىش، ئورتاق غىزالىنىش، ئىشخانا بۇيۇملىرىنى ئورتاق قاتارلىقلار يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ
- قان ئارقىلىق تارقىتىش: ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىروسى باربولغان قان/ياسالما بۇيۇملارنى كىرگۈزگەندە ، بۇلغانغان شىپرىيسى ئورتاق ئىشلەتسە ، دېزىنفېكسىيە قىلمىغان ئەسۋابلار (مەسىلەن گۈل چېكىش، چىش داۋالاش) ياكى بۇزۇلغان تېرىگە شىللىق پەردىسى بىمارنىڭ قېنى بىلەن ئۇچراشسا يۇقۇملىنىدۇ
- ئانىدىن بوۋاققا تارقىلىشى: ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ئانىلار ھامىلدار، تۇغۇت(بولۇپمۇ قان سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇچراشقاندا) ياكى ئېمىتىش قاتارلىقلاردا ھامىلىگە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا يۇقدۇرۇپ قويۇشى مۇمكىن، ئۈنۈملۈك توسۇش تەدبىرلىرى ئارقىلىق خەتەرنى تۆۋەنلىتىشى كېرەك
- جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىش: ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىدىن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن مۇداپىئە خاراكتېرى بولمىغان جىنسىي قىلمىشدا يۇقۇملىنىش يۇزبىرىدۇ (ۋىرۇس ئىسپىرما سۇيۇقلۇقى ، جىنسىي يول ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقلاردا مەۋجۇت) بولۇپ، كۆپ جىنىسلىق ھەمراھ ياكى بىخەتەرلىك قېپىنى ئۆلچەملىك ئىشلەتمىسە يۇقۇملۇنىش خەتىرنى ئاشۇرىدۇ
- باشقا ئاز ساندىكى تارقىلىش يوللىرى: داۋالاش خاراكتېرلىك تارقىلىش ( دوختۇر بىمارلىرىنىڭ قان / بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇچرىشىش ) ۋە ۋاستىلىك ئۇچرىشىش ( مەسىلەن چىش چوتكىسى ، ساقال ئالغۇچنى ئورتاق ئىشلىتىش ) ، كېيىنكىسى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ بەدەن سىرتىدىكى ئىممۇنىتېت كۈچى چەكلىك بولغاچقا ، نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن
03
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى توغرا تونۇش: خاتا چۈشىنىش ۋە كەمسىتىشنى تۈگىتىش
ئەمەلىيەتتە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى ۋە ۋىروس ئېلىپ يۈرگۈچىلەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە جەمئىيەتنىڭ كەمسىتىشى كىشىلەرنىڭ ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى تارقىلىش يولىنى خاتا چۈشىنىشى ۋە جىگەر كېسىلىدىن قورقۇشىدىن كەلگەن. نۇرغۇن كىشىلەر كۈندىلىك ئۇچرىشىش ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىپ ، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا " داۋالاش ئۈنۈم بەرمەس كېسەل " ، " يۇقۇملىنىشچانلىقى كۈچلۈك " قاتارلىق بەلگىلەرنى چاپلاپ ، يەنە ئىشقا ئورۇنلىشىش ، مەكتەپكە كىرىش ، توي قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يۇقۇملانغۇچىلارغا ئادىل بولمىغان ھالدا ئايرىش سىزىقى پەيدا قىلدى
بۇ خىل كەمسىتىشنىڭ زىيىنى چوڭقۇر . پىسخىكا جەھەتتە يۇقۇملانغۇچىلار روھىي بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۆزىنى كەمسىتىش، تەشۋىشلىنىش، خامۇشلۇق قاتارلىق كەيپىياتلارنى پەيدا قىلىپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدۇ ھەتتا داۋالىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، كېسەللىك ئەھۋالىنى كېچىكتۈرىدۇ تۇرمۇشتا ئۇلار ئىشقا ئورۇنلىشىشدا كەمسىتىشكە ئۇچرىشى، ئىجتىمائىي ئالاقىدە چەتكە قىقىشقا ئۇچرىشى مۇمكىن، ئائىلە مۇناسىۋىتىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، " كەمسىتىش- يوشۇرۇش- كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىش" دىگەن يامان خاراكتېرلىك ئايلىنىشقا چۇشۇپ قالىدۇ
ئەمەلىيەتتە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچى كېسەللىكنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىسى بولۇپ، ئوخشاشلا باراۋەر ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى ۋە داۋالاش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. مىدىتسىنانىڭ ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ ، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ، كېسەللىك ئەھۋالىنى كونترول قىلىپ ، يۇقۇملىنىشچانلىقىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ . كۈندىلىك ئۇچرىشىشتا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى يۇقۇملانمايدۇ، بىز بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە كەمسىتىشتىنى تۇگۇتۇپ، يۇقۇملانغۇچىلارغا ئىلمىي، ئەقىلىلىي، كەڭ قورساق پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمىز، ھۆرمەت قىلىشىمىز، چۈشىنىشىمىز ۋە غەمخورلۇق قىلىشىمىز كېرەك، بۇ يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقىغا ھەم ئىجتىمائىي مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ نامايەندىسى
04
ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش: ساغلاملىق مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەش كېرەك
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ يادروسى مۇداپىئە ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، بۇنىڭ ئىچىدە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش ئەڭ بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ۋاستە
- ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش: يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار "0-1-6 ئاي" تەرتىپى بويىچە پۈتۈن جەرياندا ئەمىلەش، چوڭلار، ياشلار-ئۆسمۈرلەر ۋاقتىدا تولۇقلاپ، خەتەرلىك كىشىلەر ئاۋۋال ئەمىلەش ھەمدە ئانتىتېلانى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، يېتەرلىك بولمىغاندا ئەملەشنى كۈچەيتىش
- قاننىڭ تارقىلىش خەۋپىدىن ساقلىنىش: شىپرىسنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، قان سېلىشتا مۇنتىزىم ئورگانلارنى تاللاش، ئىجادىي مەشغۇلات (گۈل چېكىش، چىش داۋالاش قاتارلىقلار) ئەسۋابلارنى دېزىنفېكسىيە قىلىش ياكى بىر قېتىمدىلا ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك
- جىنسىي ئۇچرىشىشتا مۇداپىئە كۆرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش: ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغاندا بىخەتەرلىك قېپىنى پۈتۈن مۇساپىدە ئىشلىتىپ، يەككە جىنىسلىق ھەمراھنى ساقلاپ، پاكىز بولمىغان قىلمىشلارنى ئازايتىش كېرەك
- ئانىدىن بالىغا تارقىلىشنى توسۇشىنى كۈچەيتىش: ھامىلدار ئاياللارنى قېلىپلاشتۇرۇپ تەكشۈرۈپ ئالدىنى ئىلىش ۋە داۋالاش، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا 24 سائەت ئىچىدە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ۋە ئىممۇنىتېتلىق شارسىمان ئاقسىل ئەملەپ، پۈتۈن مۇساپىدە ئەملەنگەندىن كېيىن ئانتىتېلانى قەرەللىك تەكشۈرۈش كېرەك
- شەخسىي تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىش: ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن چىش چوتكىسى، ساقال ئالغۇچ قاتارلىق قان ياكى بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇچرىشىشدىن ساقلىنىپ، گىرەلىشىپ يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك
قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاش: جىگەر ئىقتىدارىنى قوغداش
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالىغىلى بولمىسىمۇ، بىراق داۋالاش ۋىروسنىڭ كۆپىيىشنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەپ، جىگەر ياللۇغىنى يېنىكلىتىپ، جىگەر تالالىشىش ۋە جىگەر قېتىشىش مۇساپىسىنى كېچىكتۈرۈپ، جىگەر راكىنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىپ، بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە ياشاش مەزگىلىنى ئۆستۈرۈپ، كىلىنىكىلىق داۋالاش نىشانىغا يېتىدۇ. يادرولۇق داۋالاش ۋىروسقا قارشى داۋالاش بولۇپ، دائىم يادروسىد(كىسلاتا)غا ئوخشاش ماددا، ئارىفېلېمېن قاتارلىق دورىلار ئىشلىتىلىدۇ، دوختۇرلار جىگەر ئىقتىدارى، ۋىروس مىقدارى ۋە ب چاۋ نەتىجىسىگە ئاساسەن خاس لايىھە تۈزۈپ، بىمارلار " بالدۇر بايقاش، بالدۇر داۋالاش، دورا ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئۇزاق مۇددەت چىڭ تۇرۇش" پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، ئۆز ئالدىغا دورا توختىتىش ياكى دورا ئالماشتۇرماسلىقى كېرەك. داۋالاش مەزگىلىدە جىگەر ئىقتىدارى، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى مىقدارى، جىگەر ب تىپلىق ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش سىستېمىسى ۋە مېتىل بالون ئاقسىلى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى قەرەللىك قايتا تەكشۈرۈش كېرەك، كېسەللىك ئەھۋالىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىمۇ ئۇزاق مۇددەت نازارەت قىلىش كېرەك. ۋىروسقا قارشى داۋالاشتىن باشقا يەنە جىگەرنى ساقلاش، ئېنزىمنى چۈشۈرۈش، سېرىق چۈشۈرۈش قاتارلىق داۋالاشلارغا دىققەت قىلىشى، بىمارلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىشى، تاماكا تاشلاش، ھاراق تاشلاش، مايسىز يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى داۋاملاشتۇرۇش، ئۈمىدۋار پوزىتسىيەنى ساقلىشى كېرەك. ئالاھىدە كىشىلەر ئارىسىدا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللار دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە بىخەتەر دورىلارنى تاللىشى، بالىلار ۋە ياشانغانلارنى داۋالاشتا يېشى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئويلىشىپ، يەككە داۋالاشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشى كېرەك
06
قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ب تىپلىق جىگەرياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئىلىپ: ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئورتاق ئۈستىگە ئېلىش
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتا ھۆكۈمەت، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ئەزالار ئومۇميۈزلۈك سىستېما بەرپا قىلىشى كېرەك. ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىپ سىياسەت تۈزۈپ، ۋاكسىنا ئەملەش ۋە مەبلەغ سېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش، يۇقۇم ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ھەمدە كەمسىتىشنى تۈگىتىش ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار دەل تەشۋىقات ۋە ساغلاملىق مەسلىھەت بېرىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىمارلارنى پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش قاتارلىق كۆپ مەنبەلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ھەمدە سىياسەتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋالاش ئاپپاراتلىرى تاللاپ دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش، ۋاكسىنا ئەملەش ۋە ئانىلار بىلەن بوۋاقلارئارىسىدا يۇقۇشنى توسۇشنى كۈچەيتىپ، بىمارلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش جەمئىيەت ئەزالىرى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، ۋاكسىنا ئەملەپ، كەمسىتىشنى تاشلاپ، تەشۋىقاتقا قاتنىشىپ، ئىلمىي ھالدا ب تىپلىق جىگەرياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كەمسىتىش بولمىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى ئورتاق بەرپا قىلىشى كېرەك






