ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ يۇقۇملىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئوقۇشلۇقى
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يوللىرى
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى قان ياكى بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ بىۋاسىتە ئۇچرىشىشىغا باغلىق بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يول بىلەن تارقىلىدۇ:
- ئانىدىن بوۋاققا تارقىلىش
- قان ئارقىلىق تارقىلىش
- قاتتىق تەكشۇرۇپ تاللاپ بولالمىغان قان ياكى قان بۇيۇملىرىنى كىرگۈزۈش
- ئۆلچەمسىز داۋالاش مەشغۇلاتى (مەسىلەن ئوكۇل سېلىش، ئوپېراتسىيە، ئېغىز بوشلۇقىنى داۋالاش، قان تازىلاش قاتارلىقلار)
- تۇرمۇشدا زىچ ئۇچرىشىش (پۇت ياسىتىش، گۈل چېكىش، قۇلاق تۆشۈكى تىشىش، ئورتاق ئىشلىتىدىغان ساقال ئالغۇچ/چىش سايمانلىرى قاتارلىقلار تېرە شىللىق پەردىسى بۇزۇلۇپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەشغۇلاتلار )
- كەسپىي ئاشكارىلىنىش ( داۋالاش خادىملىرى بىمارنىڭ قېنى بىلەن ئۇچرىشىش )
- جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىش
★ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى
كۈندىلىك ئۇچرىشىش مەسىلەن ئورتاق مۇھىتتا ئىشلەش( ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېر ) ، قول ئېلىشىش ، قۇچاقلاش ، بىرلىكتە غىزالىنىش ، ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ھاجەتخانا قاتارلىق قان ئاشكارىلىنىش يوق ئەھۋالاردا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى يۇقمايدۇ
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى نەپەس يولى، ھەزىم يولى ئارقىلىق يوللار ئارقىلىق تارقىلىپ كەتمەيدۇ
ھالقىلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى
- ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش: ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. ئەملەنمىگەن ياكى ئانتىتېلا يېتىشمەيدىغان كىشىلەرگە ۋاقتىدا ئەملەش تەكلىپى بېرىلىدۇ
- شەخسىي بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلىتىدىن ساقلىنىش: مەسىلەن چىش چوتكىسى، ساقال ئالغۇچ، گۈل چېكىش قورالى قاتارلىق قان بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىماللىقى بار بۇيۇملار نى ئورتاق ئىشلىتىدىن يىراق تۇرۇش
- بىخەتەربولغان جىنسىي قىلمىش: بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلەتكەندە جىنسىي تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ
- ئانا-بوۋاقلارئارىسىدا تارقىلىشنى توسۇش: يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە داۋىلىشىشى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ۋاقتىدا ۋاكسىنا+ ئىممۇنىتېتلىق شارسىمان ئاقسىل ئەملىشى كېرەك






