جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ئېلان قىلغان يادرولۇق ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز يېڭىدىن دىئاگنوز قويۇلغان ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ٪95تىن كۆپرەكى جىنسىي يول بىلەن يۇقۇملانغان، يات جىنىسلارنىڭ تارقىلىشى ٪70 نى ئىگىلەيدىكەن. بىخەتەر بولمىغان قىلمىش ئەيدىز جىنسىي تارقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەب، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەتىرى بىر قەدەر چوڭ بولغان بىخەتەر بولمىغان قىلمىشلار قوغداش تەدبىرى بولمىغان ئەرلەرنىڭ ئوخشاش جىنىسلىق قىلمىشى، جىنسىي ھەمرايى مۇقىم بولماسلىق قىلمىشلىرى، تەن سىتىش قىلمىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دۆلەتلىك تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئوخشاش جىنىسلىق قىلغۇچى ئەرلەردە ھەر 100 ئادەمنىڭ تەخمىنەن مىڭ8ى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان
نېمە ئۈچۈن ئەرلەر ئوخشاش جىنىسلىق كىشىلەر توپى ئەيدىز كېسىلى بىلەن تېخىمۇ ئاسان يۇقۇملىنىدۇ؟
جىنسىي مۇناسىۋەت ئۇسۇلى
ئەرلەرنىڭ ئوخشاش جىنسىي قىلمىشىدا قوللىنىلغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئۇسۇلى ئاساسلىقى مەقەت ئارقىلىق ئۆتكۇزۇلىدىغان مۇناسىۋەت . تۈز ئۈچەينىڭ شىللىق پەردىسى نېپىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىدا مول تۈكلۈك ئىنچىكە قان تومۇرلار بار، جىنسىي قىلمىشلاردا ئاسانلا بۇزۇلۇپ قان چىقىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ۋىرۇس بۇزۇلغان جايدىن كىرىپ، بىۋاستە قانغا كىرىدۇ
جىنىسىي ھەمراھ كۆپ بولۇش
ئوخشاش جىنىسلىق ئەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ مۇقىم جىنسىي ھەمراھى يوق، جىنىسىي ھەمراھى كۆپ بولۇش ھەمىشە ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىدۇر
بىخەتەرلىك قېپى ئىشلىتىلىش نىسبىتى تۆۋەن
ئەرلەرنىڭ ئوخشاش جىنىسلىق قىلمىشلىرىدا كۆپ قىسىم ئەرلەر ھامىلدار بولمايدۇ دەپ قاراپ بىخەتەرلىك قېپى ئىشلەتمەيدۇ، بىخەتەرلىك قېپى ئىشلىتىش نىسبىتى تۆۋەن بولۇپ، ئاسانلا ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ
سىلىقلاش سۇيۇقلۇقى ئامىلى
ئەرلەرنىڭ ئەزا قۇرۇلمىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى تۈپەيلىدىن جىنسىي ھەرىكەتتە دائىم سىلىقلاش مىيى ئىشلىتىلىدۇ، سىلىقلاش سۇيۇقلۇقى ئاسانلا سۈت يېلىمىنىڭ چۈرۈك بولۇپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىخەتەر قېپى يېرىلىپ، ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش خەتىرىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ
ئەيدىز كېسىلى كۆپچىلىكنى قورقۇتسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدۇ!
ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش
▶ مۇقىم بولغان جىنسىي ھەمراھ
جىنسىي ھەمراھلارنى كۆپ قېتىم ئالماشتۇرۇش ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، جىنسىي ھەمراھنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۆز-ئارا بىلدىغان بولۇش كېرەك
ئۇنى سۆيسىڭىز، ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش دوكلاتىڭىزنى كۆرسىتىڭ
ن▶ بىخەتەرلىك قېپىنى توغرا ئىشلىتىش كېرەك
ھەر قېتىم جىنسىي قىلمىش يۈز بەرگەندە بىخەتەرلىك قېپى پۈتۈن جەرياننى توغرا ئىشلىتىش كېرەك، بىخەتەرلىك قېپى ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماي، يەنە سىفلىس ۋىرۇسى، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ
ن▶ دەل ۋاقتىدا توسۇش
ئەگەر خەتەرلىك قىلمىشلار يۈز بەرسە، 72 سائەت ئىچىدە توسۇش دورىسى ئىچىش ھەمدە ۋاقتىدا مۇنتىزىم داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ تەكشۈرتۇش
ن▶ بالدۇر داۋالاش
بالدۇر ئۈنۈملۈك ۋىروسقا قارشى داۋالاش يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقۇملانغۇچىلارنى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭكىدەك ئۆمرىگە ئېرىشتۈرگىلى بولىدۇ
ئاۋۋال ئۆزىنى سۆيۈشنى،ئۆزىنى قوغداشنى ئۆگەنگەندىلا ئاندىن باشقىلارنى تېخىمۇ ياخشى سۆيگىلى بولىدۇ
先学会爱自己 保护自己 才能更好地爱别人






