✅ 温馨提醒:
- 梅毒可防、可治,关键是要及早发现、及早治疗;
- 如果有过不安全性行为,尤其是多性伴行为,一定要定期做性病筛查;
- 怀孕期间的孕妇也应常规筛查梅毒,保护胎儿健康;
- 使用安全套是非常有效的预防手段!
سىفلىس زادى قانداق كېسەل
سىفلىس ئاڭلىماققا " بىرئاز ناتونۇش ھەم قورقۇنچلۇق " بۇ ئىسىم ئەمەلىيەتتە سىفلىس بۇرمىسىمان تەنچىسى دەپ ئاتىلىدىغان باكتېرىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملۇق كېسەل . ئۇ ئاساسلىقى جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ، ئانىلار بىلەن بوۋاقلار ۋە قان ئارقىلىقمۇ تارقىلىدۇ
سىفلىس قانداق يۇققان؟
- جىنسىي ئۇچرىشىش: ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تارقىتىش ئۇسۇلى بولۇپ، ٪90 تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ
- ئانىدىن بوۋاق تارقىلىش: ئەگەر ھامىلدار ئاياللار سىفلىس بىلەن يۇقۇملانسا ۋاقتىدا داۋالانمىسا، ھامىلىمۇ يۇقۇملىنىشى مۇمكىن
- قان ئارقىلىق تارقىلىش: مەسىلەن دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان شىپرىس، بۇلغانغان قاننى ئورتاق ئىشلىتىش قاتارلىقلار
سىفلىس سالامەتلىككە قانداق تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
سىفلىس زەھەرلىك باكتېرىيە بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن، نۇرغۇن ئەزالارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، يېنىك بولسا تېرىگە ئەسۋە چىقىپ، جىنسىي ئەزالار يارلىنىپ كېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا نېرۋا، چوڭ مېڭە، يۈرەككە زىيان يەتكۈزىدۇ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن!
سىفلىس قانچە باسقۇچقا بۆلىنىدۇ؟
سىفلىسنىڭ تەرەققىياتى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ، ئوخشىمىغان دەۋردىكى كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە يۇقۇملىنىش خاراكتېرى ئوخشىمايدۇ:
ن✅ بىرىنچى باسقۇچلۇق سىفلىس : ئەڭ دەسلەپكى سىگنال يۇقۇملانغاندىن كېيىن تەخمىنەن 2 ھەپتىدىن 4 ھەپتىگىچە ، بەدەندە ( بولۇپمۇ جىنسىي ئەزا قىسمى ) قىزىل جاراھەت ياكى شەلۋەرەش يۈزى كۆرۈلىشى مۇمكىن ، تىبابەتتە " قاتتىق قوقاق بەز يارىسى " دەپ ئاتىلىدۇ ، بۇ چاغدا لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ قېلىشى مۇمكىن . بۇ يارا ئېغىزى ئاغرىمايدۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزى ساقىيىشى مۇمكىن، ئەمما سىفلىس بۇرمىسىمان تەنچىسى بەدەندە يەنىلا مەۋجۇت
ن✅ 2ئىككىنجى باسقۇچلۇق سىفلىس : تەمرەتكە مەزگىلىدىكى كېسەللىك باكتېرىيەسى قانغا كىرگەندىن كېيىن، پۈتۈن بەدەنگە يامراپ كېتىدۇ تېرىدە سىممېترىك قىزىل داغ، بارخان ئەسۋە پەيدا بولىدۇ، ھەتتا ئالقاننىڭ پۇت ئاستىدىمۇ بولىدۇ. بەزىلەردە يەنە باش ئاغرىش، قىزىش، بوغۇم ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. ئەگەر داۋالانمىسا، بۇ تەمرەتكە ئۆزى يوقىلىشى مۇمكىن، ئەمما كېيىن قايتا-قايتا كۆرۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قېتىملىق كۆرۇلۇش ئارىلىق ۋاقتى تېخىمۇ ئۇزۇن بولىدۇ
ن✅ ئۈچىنچى باسقۇچلۇق سىفلىس : ئېغىر بۇزغۇنچىلىق مەزگىلى ئادەتتە ئىككى يىلدىن كۆپرەك يۇقۇملانغاندىن كېيىن كۆرۈلىدۇ، گەرچە باشقىلارغا ئاسان يۇقۇپ كەتمىسىمۇ، لېكىن يۈرەك، نېرۋا، چوڭ مېڭە قاتارلىق ئەزالارغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. مەسىلەن، يۈرەك قان تومۇر مەسىلىسى ( مەسىلەن ئائورتا ئۆسمىسى ) ، نېرۋا زەخمىسى ( مەسىلەن پالەچ ، دېۋەڭلىك دېۋەڭلىك ) كۆرۈلىدۇ ، ئەگەر يەنە داۋالانمىسا ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر بولىدۇ ، ھەتتا ھاياتىغا خەۋپ يېتىدۇ
بوۋاقمۇ سىفلىسگە گىرىپتار بولامدۇ؟
شۇنداق ئەگەر ھامىلدار ئانىلار سىفلىس بىلەن يۇقۇملىنىپ، ۋاقتىدا داۋالانمىسا، بوۋاق ئانىسىنىڭ تېنىدە يۇقۇملىنىشى مۇمكىن، بۇ تۇغما سىفلىس دەپ ئاتىلىدۇ.
دەسلەپكى مەزگىلدىكى تۇغما سىفلىس: كېسەللىك ئالامەتلىرى چوڭلاردىكى سىفلىس بىلەن پەرقلەنمەيدۇ، مەسىلەن، ئۇزۇن تەمرەتكە بولۇش، قىزىش قاتارلىقلار
ئاخىرقى باسقۇچتىكى تۇغما سىفلىس : يۈرەك ، نېرۋاغا تەسىر يەتكۈزگەندىن باشقا ، يەنە بالىلارنىڭ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ، مەسىلەن " ھەرە چىشى " ( ساڭ يوڭ چىش ) ، بۇرنى ئولتۇرۇشۇپ كېتىش ( ئات ئېگەر بۇرنى ) ، ئاڭلاش ئىقتىدارى توسالغۇسى ، پۇت شەكلى ئەگرى بولۇپ قىلىش قاتارلىقلار
ن✅ ئىللىق ئەسكەرتىش :
- سىفلسنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، داۋالىغىلى بولىدۇ، مۇھىمى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش كېرەك
- ئەگەر بىخەتەر بولمىغان قىلمىشلار بولۇپمۇ كۆپ جىنىسلىق ھەمراھلىق قىلمىشى بولسا، چوقۇم قەرەللىك جىنسىي كېسەللەرنى تاللاپ تەكشۈرتۈش
- ھامىلدارلىق مەزگىلىدىكى ھامىلدار ئاياللارمۇ ئادەتتىكىدەك سىفلىسنى تاللاپ تەكشۈرۈپ، ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىنى قوغدىشى كېرەك
- بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋاسىتىسى !
(جۇڭگو يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش مەركىزى جىن سوڭ)
(中国疾控艾防中心 金聪)