当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • 第25届国际艾滋病大会4大亮点:HIV

  • 【双语】儿童试验表明:越早开始HI

  • “中招”HIV,也不等于得了艾滋病!

  • 最新!猴痘新毒株传入泰国,为亚洲首

  • (双语下)猴痘防控科普知识(2024年

  • (双语上)猴痘防控科普知识(2024年

【双语】什么是猴痘?猴痘的传播途径有哪些?这些关于猴痘的知识你了解吗مايمۇن چېچىكى دېگەن نېمە؟ مايمۇن چېچىكىنىڭ تارقىلىش يوللىرى قايسىل

地区:沙湾县来源:发布者:时间:2024-09-11 23:39:14点击:
01认识猴痘
猴痘是由猴痘病毒(Monkeypox virus,MPXV)感染所致的一种病毒性人兽共患病,临床表现为发热、皮疹、淋巴结肿大。
01
مايمۇن چېچكىنى تونۇش 
مايمۇن چېچىكى مايمۇن چېچىكى ۋىرۇسى ( Monkeypox virus ،MPXV ) دىن يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان بىر خىل ۋىرۇسلۇق ئادەم ۋە ھايۋانلار ئورتاق گىرىپتار بولىدىغان كېسەللىك بولۇپ، كىلىنىكىلىق ئىپادىسى قىزىش، ئەسۋە چىقىش، لىمفا تۈگۈنى ئىششىش.
◀传染源:猴痘病毒的主要宿主为非洲啮齿类(非洲松鼠、树松鼠、冈比亚袋鼠、睡鼠等),灵长类(多种猴类和猿类)由于与感染的啮齿类动物接触偶可感染。感染动物及猴痘病毒感染者是主要传染源。
يۇقۇش مەنبەسى:مايمۇن چېچەك ۋىرۇسىنىڭ ئاساسلىق ماكان ئىگىسى ئافرىقا غاجىلىغۇچى تۈرىدىكىلەر ( ئافرىقا تىيىنى، دەرەخ تىيىنى، گامبىيە كېنگۇرۇسى، ئۇيقۇدىكى چاشقان قاتارلىقلار )، پرىماتلار ( كۆپ خىل مايمۇن ۋە ئادەمسىمان مايمۇنلار ) يۇقۇملانغان غاجىلىغۇچى ھايۋانلار بىلەن ئۇچراشقانلىقتىن بەزىدە يۇقۇملىنىدۇ. يۇقۇملانغان ھايۋانلار ۋە مايمۇن چېچەك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسلىق يۇقۇش مەنبەسى.
◀ 传染源:猴痘病毒的主要宿主为非洲啮齿类(非洲松鼠、树松鼠、冈比亚袋鼠、睡鼠等),灵长类(多种猴类和猿类)由于与感染的啮齿类动物接触偶可感染。感染动物及猴痘病毒感染者是主要传染源。
يۇقۇش مەنبەسى:
مايمۇن چېچەك ۋىرۇسىنىڭ ئاساسلىق ماكان ئىگىسى ئافرىقا غاجىلىغۇچى تۈرىدىكىلەر ( ئافرىقا تىيىنى، دەرەخ تىيىنى، گامبىيە كېنگۇرۇ، ئۇيقۇدىكى چاشقان قاتارلىقلار ) بولۇپ، پرىماتلار ( كۆپ خىل مايمۇن ۋە ئادەمسىمان مايمۇنلار ) يۇقۇملانغان غاجىلىغۇچى ھايۋانلار بىلەن ئۇچراشقانلىقتىن بەزىدە يۇقۇملىنىدۇ. يۇقۇملانغان ھايۋانلار ۋە مايمۇن چېچەك ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئاساسلىق يۇقۇش مەنبەسى.
◀ 传播途径:
病毒经黏膜和破损皮肤侵入人体。主要通过接触感染动物的呼吸道分泌物、病变渗出物、血液、其它体液,或被感染动物咬伤、抓伤而感染。
人与人之间主要通过密切接触传播,亦可在长时间近距离接触时通过飞沫传播,接触病毒污染的物品也有可能感染。病毒还可通过胎盘从孕妇传播给胎儿。
تارقىلىش يوللىرى:
ۋىرۇس شىللىق پەردە ۋە بۇزۇلغان تېرە ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرىدۇ. ئاساسلىقى يۇقۇملانغان ھايۋانلارنىڭ نەپەس يولىدىكى ئاجرالمىلار، كېسەللىك ئۆزگىرىشىدىن سىرغىپ چىققان ماددىلار، قان، باشقا بەدەن سۇيۇقلۇقلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ياكى يۇقۇملانغان ھايۋانلارنىڭ چىشلىشى، تاتىلىشى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ.
ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا ئاساسلىقى قويۇق ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ، ئۇزۇن ۋاقىت يېقىن ئارىلىقتا ئۇچراشقاندا تۈكۈرۈك چاچراندىلىرى ئارقىلىق تارقىلىدۇ، ۋىرۇس بىلەن بۇلغانغان بۇيۇملار بىلەنمۇ يۇقۇملىنىشى مۇمكىن. ۋىرۇس يەنە بالا ھەمراھى ئارقىلىق ھامىلدار ئايالدىن ھامىلىگە تارقىلىدۇ.
人群易感性:
既往接种过天花疫苗者对猴痘病毒存在一定程度的交叉保护力,因此,未接种过天花疫苗的人群对猴痘病毒普遍易感。
كىشىلەر توپىنىڭ ئاسان يۇقۇملىنىشچانلىقى:
ئىلگىرى چېچەك ۋاكسىنىسى ئەملەنگەنلەر مايمۇن چېچەك ۋىرۇسىنى مەلۇم دەرىجىدە گىرەلەشمە قوغداش كۈچىگە ئىگە بولغاچقا، چېچەك ۋاكسىنىسى ئەملەنمىگەن كىشىلەر مايمۇن چېچەك ۋىرۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملىنىدۇ.
02
临床表现
潜伏期5~21天,多为6~13天。发病早期出现发热、寒战、头痛、嗜睡、乏力、背部疼痛和肌痛等前驱症状。90%患者出现明显的浅表淋巴结肿大,如颈部、腋窝、腹股沟等。
发病后1~3天出现皮疹。首先出现在面部,逐渐蔓延至四肢,手心和脚掌均可出现皮疹。
皮疹经历从斑疹、丘疹、疱疹、脓疱和结痂几个阶段,不同形态的皮疹可同时存在。疱疹和脓疱疹多为球形,直径约 0.5~1厘米,质地较硬,可伴明显痒感和疼痛。疱疹数量从几个到数千个不等,多呈离心性分布。可累及口腔黏膜、消化道、生殖器、结膜和角膜等。病程约 2~4 周。
结痂脱落后可遗留红斑或色素沉着,甚至瘢痕,瘢痕持续时间可长达数年。
部分患者可出现并发症,包括皮损部位继发细菌感染、呕吐和腹泻引起的严重脱水、支气管肺炎、脑炎、角膜感染等。
02
كىلىنىكىلىق ئىپادىسى
يوشۇرۇن مەزگىلى 21 ~ 5 كۈن، كۆپ بولغاندا 13 ~ 6 كۈن بولىدۇ. كېسەللىك قوزغالغان دەسلەپكى مەزگىلدە قىزىش، تىترەش، باش ئاغرىش، ئۇيقۇغا خۇمار بولۇش، ماغدۇرسىزلىنىش، دۈمبە ئاغرىش ۋە مۇسكۇل ئاغرىش قاتارلىق دەسلەپكى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. 90 بىماردا يۈزە لىمفا تۈگۈنى ئىششىش كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن، بويۇن، قولتۇق، يىرىق قاتارلىقلار.
كېسەل قوزغىلىپ 1 ~ 3 كۈندىن كېيىن ئەسۋە چىقىدۇ. ئالدى بىلەن يۈز قىسمىدا پەيدا بولۇپ، تەدرىجىي ھالدا پۇت - قوللارغىچە كېڭىيىدۇ، ئالقان ۋە تاپاندا ئەسۋە پەيدا بولىدۇ.
ئەسۋە ئەسۋە، دۆڭچە ئەسۋە، قاپارتما، يىرىڭلىق قاپارتما ۋە قاقاچ تۇتۇشتىن ئىبارەت بىر قانچە باسقۇچنى باشتىن كەچۈرىدۇ، ئوخشاش بولمىغان شەكىلدىكى ئەسۋە بىرلا ۋاقىتتا مەۋجۇت بولىدۇ. قاپارتما ۋە يىرىڭلىق قاپارتما كۆپىنچە شارسىمان بولۇپ، دىئامېتىرى تەخمىنەن 0.5 ~ 1 سانتىمېتىر كېلىدۇ، سۈپىتى بىر قەدەر قاتتىق، روشەن قىچىشىش ۋە ئاغرىش ئەگىشىپ كېلىدۇ. قاپارتمىنىڭ سانى بىر نەچچىدىن نەچچە مىڭغىچە بولۇپ، كۆپىنچىسى مەركەزدىن قاچما ھالەتتە تارقالغان. ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسى، ھەزىم قىلىش يولى، كۆپىيىش ئەزاسى، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ۋە مۈڭگۈز پەردە قاتارلىقلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. كېسەللىك جەريانى تەخمىنەن 4 ~ 2 ھەپتە بولىدۇ.
قاقاچ چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن قىزىل داغ ياكى پىگمېنت ئولتۇرۇشۇپ قالىدۇ، ھەتتا تاتۇق قالىدۇ، تاتۇقنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى نەچچە يىلغا يېتىدۇ.
قىسمەن بىمارلاردا ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ، بۇلار تېرىدىكى زەخمىلەنگەن ئورۇندا ئىككىلەمچى باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش، قۇسۇش ۋە ئىچى سۈرۈش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېغىر سۇسىزلىنىش، كانايچە ئۆپكە ياللۇغى، مېڭە ياللۇغى، مۈڭگۈز پەردە يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
03预防
(一)宣传教育
出入境人员和涉疫地区人员需关注所在国的猴痘疫情信息。
在猴痘地方性流行地区,尽量避免与啮齿类动物和灵长类动物(包括患病或死亡的动物)发生接触,不直接接触动物的血和肉,必须彻底煮熟后才能食用。屠宰或处理染病动物或感染组织时,应配戴手套及其他适当的防护用品。
 
加强个人手卫生。海关、卫生健康等部门可采取多种形式,积极、广泛地宣传猴痘病毒病防治知识,使公众及时、有效地采取预防手段,同时正确引导舆论,避免社会恐慌。
03
ئالدىنى ئېلىش
1 ) تەشۋىق - تەربىيە
چېگرىدىن كىرىپ-چىقىدىغانلار ۋە يۇقۇمغا چېتىشلىق رايونلاردىكى خادىملار شۇ دۆلەتنىڭ مايمۇن چېچىكى يۇقۇم ئەھۋالىغا دائىر ئۇچۇرلىرىغا دىققەت قىلىشى كېرەك.
مايمۇن چېچىكى يەرلىك خاراكتېرلىك تارقالغان رايونلاردا، غاجىلىغۇچى ھايۋانلار ۋە پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلار ( كېسەل بولغان ياكى ئۆلگەن ھايۋانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىمكانقەدەر ساقلىنىش، ھايۋانلارنىڭ قېنى ۋە گۆشى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشماسلىق، چوقۇم ئۈزۈل - كېسىل پىشۇرغاندىن كېيىن ئاندىن ئىستېمال قىلىش كېرەك. يۇقۇملانغان ھايۋانلار ياكى يۇقۇملانغان توقۇلمىلارنى سويغاندا ياكى بىر تەرەپ قىلغاندا، پەلەي ۋە باشقا مۇۋاپىق قوغدىنىش بۇيۇملىرىنى كىيىش كېرەك.
شەخسىي قول تازىلىقىنى كۈچەيتىش. تاموژنا، سەھىيە، ساغلاملىق قاتارلىق تارماقلار كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، مايمۇن چېچىكى ۋىرۇس كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرىنى پائال، كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جامائەت پىكرىنى توغرا يېتەكلەپ، جەمئىيەتتە ۋەھىمە پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
(二)疫苗接种
由于既往猴痘流行地区局限,且是一种自限性疾病,临床症状通常较轻,猴痘预防一般采取以管理传染源为主的综合性防治措施,但亦有疫苗可以对特定人群进行预防。
由于存在交叉免疫,接种天花疫苗可预防猴痘,我国既往的天花疫苗为复制型组织培养痘苗,暴露前接种可有效保护人群免受感染,而暴露后2周内,尤其是最初4天内接种者,约 85%可产生免疫力,减轻症状严重性。
2 ) ۋاكسىنا ئەملەش
ئىلگىرى مايمۇن چېچىكى تارقالغان رايونلار چەكلىك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر خىل ئۆزىنى چەكلەش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولغاچقا، كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى ئادەتتە يېنىكرەك بولىدۇ، مايمۇن چېچىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئادەتتە يۇقۇش مەنبەسىنى باشقۇرۇشنى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ، لېكىن ۋاكسىنا ئارقىلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
گىرەلەشمە ئىممۇنىتېت مەۋجۇت بولغاچقا، چېچەك ۋاكسىنىسىنى ئەملىگەندە مايمۇن چېچىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ، دۆلىتىمىزدە ئىلگىرىكى چېچەك ۋاكسىنىسى كۆپەيتىش تىپىدىكى توقۇلما ئارقىلىق چېچەك ۋاكسىنىسى يېتىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئاشكارىلىنىشتىن بۇرۇن ئەملىگەندە كىشىلەر توپىنى يۇقۇملىنىشتىن ئۈنۈملۈك قوغدىغىلى بولىدۇ، ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئىچىدە، بولۇپمۇ دەسلەپكى تۆت كۈن ئىچىدە ئەملىگەنلەرنىڭ تەخمىنەن %85 ئى ئىممۇنىتېت كۈچى ھاسىل قىلىپ، كېسەللىك ئالامىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.
(三)主动就医和及时报备
疫区归国人员需注意自我健康监测,出现皮疹等症状时,应主动就医,并告知接诊医生疫区旅行史,以助于诊断和治疗。
若在国外有过接触史和暴露史,尚未出现症状,可主动联系当地疾控中心进行咨询和报备。
3 ) تەشەببۇسكارلىق بىلەن داۋالىنىش ۋە ۋاقتىدا مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرۇش
يۇقۇم رايونىدىن ۋەتەنگە قايتقانلار ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىشى، ئەسۋە چىقىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دوختۇرغا كۆرۈنۈشى ھەمدە كېسەل كۆرگەن دوختۇرغا يۇقۇم رايونىنى ساياھەت قىلىش تارىخىنى ئۇقتۇرۇپ، دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاشقا ياردەم بېرىشى كېرەك.
ئەگەر چەت ئەلدە ئۇچرىشىش تارىخى ۋە ئاشكارىلىنىش تارىخى بولغان، تېخى كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن بولسا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن شۇ جايدىكى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى بىلەن ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت سورىسا ۋە مەلۇم قىلىپ ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.
(四)限制动物贸易
限制非洲啮齿类动物和灵长类动物的进口贸易,减少病毒向我国扩散风险。建议将感染动物与其他动物隔离,并立即实施检疫。对任何可能与感染动物有接触的动物,应进行检疫隔离;根据标准预防措施处理,观察症状30天。
( 4 ) ھايۋانات سودىسىغا چەك قويۇش
ئافرىقىدىكى غاجىلىغۇچى ھايۋانلار ۋە پرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانلارنى ئىمپورت قىلىش سودىسىنى چەكلەپ، ۋىرۇسنىڭ ئېلىمىزگە تارقىلىش خەتىرىنى ئازايتىش كېرەك. يۇقۇملانغان ھايۋانلار بىلەن باشقا ھايۋانلارنى ئايرىۋېتىش ھەمدە دەرھال كارانتىن قىلىش تەكلىپىنى بېرىمىز. يۇقۇملانغان ھايۋانلار بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق ھايۋاننى كارانتىن قىلىپ ئايرىۋېتىش كېرەك؛ ئۆلچەملىك ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىپ، كېسەللىك ئالامىتىنى 30 كۈن كۆزىتىش كېرەك.
04治疗和预后
(一)治疗
目前国内尚无抗猴痘病毒药物。治疗主要包括对症支持治疗和继发性细菌感染的治疗。
(二)预后
猴痘为自限性疾病,大部分预后良好。严重病例常见于年幼儿童、免疫功能低下人群,预后与感染的病毒株、病毒暴露程度、既往健康状况和并发症严重程度等有关。
04داۋالاش ۋە كېسەلنىڭ ئاقىۋىتى
1 ) داۋالاش
نۆۋەتتە دۆلەت ئىچىدە مايمۇن چېچەك ۋىرۇسىغا قارشى دورا يوق. داۋالاش ئاساسلىقى كېسەلگە قاراپ داۋالاش ۋە ئىككىلەمچى باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشنى داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2 ) كېسەلنىڭ ئاقىۋىتى
مايمۇن چېچىكى ئۆزىنى چەكلەش خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، كۆپ قىسمىنىڭ ئاقىۋىتى ياخشى بولىدۇ. ئېغىر كېسەللەر كىچىك بالىلار، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەن كىشىلەر توپىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ، ئاقىۋىتى يۇقۇملانغان ۋىرۇس تۈپى، ۋىرۇسنىڭ ئاشكارىلىنىش دەرىجىسى، ئىلگىرىكى سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

【责任编辑:开塞尔 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|