当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • 你知道HIV什么时候传染性最强吗?

  • 我感染了HIV/艾滋病,要告诉家人和

  • 经验贴 | HIV 感染者的分享的~!

  • HIV感染者实现长期生存的“口诀

  • ​吃药过程哪些检测指标最有必要

  • 这些影响HIV感染者寿命的因素,原

保持身体健康的七大秘诀ساغلاملىقنىڭ يەتتە چوڭ كۆۋرۈكى

地区:高昌区来源:互联网发布者:高翔时间:2024-01-17 19:29:55点击:
دون كولبېرت دوختۇر ساغلاملىقنىڭ يەتتە چوڭ تۈۋرۈكىنى كۆرسەتكەن. ئۇلار ئاددىي، ئادەتتىكى ئىشلار ، بىراق ئۇنى ساغلام تۇرمۇش ئادىتىگە ئايلاندۇرساقلا ، ئۇ بىزنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتەلەيدۇ.
بىرىنچى،سۇنى كۆپ ئىچىڭ. سۇ ماددا ئالماشتۇرۇشنى ياخشىلايدۇ. بۇ ئورۇقلىشىمىزغا ياردەم بېرىپلا قالماي ، بەلكى ئېنېرگىيە تولۇقلايدۇ.سۇنى قانچە كۆپ ئىچكەنسېرى، شۇنچە ئىچكىمىز كېلىدۇ. ئەگەر بۇرۇن بەك ئاز ئىچسىڭىز ھازىردىن باشلاپ ئىچىشنى كۆپەيتىڭ. سۇ ئىچىشنى يېتىلدۈرۈشتە ئەڭ ياخشى ئۇسۇل قولىڭىزنى سۇدىن نېرى قىلماڭ، سۇنى ئۆيىڭىزدىكى ئەڭ ئاساسلىق نەرسە دەپ قاراڭ، توڭلاتقۇدا سوغۇق ئىچىملىكلەرنى قانچە ئاز ساقلىسىڭىز ، سۇ ئىچىش ئېھتىماللىقىڭىز شۇنچە كۆپىيىدۇ .  نۇرغۇن كىشىلەر <سۇ ئىچىشنى ياخشى كۆرمەيمىز> دەيدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ سۇ ئىچىش ئادىتىنى يېتىلمىگەنلىكىدىن بولىدۇ، شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇن، نېمە بەرسىڭىز بەدىنىڭىز شۇنى تەلەپ قىلىدۇ. سۇ ئادەم بەدىنىدىكى زەھەرنى تازىلاشقا ياردەم بېرىدىغان بىردىنبىر نەرسە. بەدىنىمىزنىڭ كۆپ قىسمىنى سۇ تەشكىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ توختىماي پارغا ئايلىنىپ تۇرىدۇ، شۇڭا سۇنى چوقۇم تولۇقلىشىمىز كېرەك
ئىككىنچى، قېنىپ ئۇخلاڭ ۋە ياخشى دەم ئېلىڭ. مەن كىشىلەرنىڭ خىلمۇ-خىل باھانىلەرنى كۆرسىتىپ سەككىز سائەت ئۇخلاشقا ۋاقتىمىز چىقمايدۇ دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمەن . بىراق ئەمەلىيەتتە، سىز مۇشۇنداق قىلمىسىڭىز ۋاقتىڭىز تەسەۋۋۇرىڭىزدىكىدىنمۇ تېز ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. بەزىلەر باشقىلارغا ئوخشاش ئۇيقۇغا يۇقىرى تەلەپ قويمايدۇ ، ئەمما كۆپ ساندىكى كىشىلەر قانچىلىك ئۇخلىيالىسا شۇنچىلىك ئۇخلايدۇ ، ئەگەر سىز بەك ھېرىپ چارچاپ كەتكەندەك ھېس قىلسىڭىز ، ئاۋۋال ئۆزىڭىزدىن <ئۇيقۇم يېتەرلىك بولدىمۇ-يوق؟> دەپ سوراڭ. ئۇخلىمايدىغان دەم ئالمايدىغان كىشىلەرنىڭ ئۆمرى قىسقا بولىدۇ. قېنىپ ئۇخلىمىسىڭىز تەپەككۇرىڭىز گاللىشىپ كېتىدۇ، ئىممۇنىتېت سىستېمىڭىز ئاجىزلاپ ئاسانلا كېسەل بولۇپ كېتىسىز . بىز بارلىق ئىشلارنى بىر ياققا ئايرىپ قويۇپ، ياتقان ھامان ئۇخلايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى ئۇيقۇ بىلەن بىزنىڭ بەدىنىمىز يېڭىلىنىدۇ ۋە ئەسلىگە كېلىدۇ. روھىمىز تېتىكلىشىپ، ھېسسىياتىمىز ئۇرغۇپ، ئەتىنى تولۇپ- تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالىمىز. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسى ياخشى ئەمەس ، بۇلار روھىي جەھەتتە غەمخورلۇققا مۇھتاج، ئۇيقۇنىڭ ياخشى بولماسلىقىنى بېسىم كەلتۈرۈپ چىقارغان. باشقىلار دائىم ماڭا ئۆزىنىڭ ھېرىپ- چارچاپ كەتكەنلىكىنى، دەم ئېلىش كېرەكلىكىنى ياكى بەزى ۋاقىتلارنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇشىنى ئېيتىدۇ ، ئەمما ئېغىزدا ئېيتىلغان بۇ گەپلەر ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ، بىزگە كېرىكى ھەرىكەت. قانۇنىيەتلىك مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش بىزنى كېيىنكى تۇرمۇشتىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن قىلدۇرىدۇ
ئۈچىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك يېمەكلىكلەرنى يەڭ. دون كولبېرت دوختۇر يۇقىرى سۈپەتلىك يېمەكلىكلەرنى <ھاياتىي كۈچكە ئىگە يېمەكلىكلەر> دەپ ئاتايدۇ ، ئەگەر بىز ئورگانىزىمغا كېرەكلىك ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېرىشمەكچى بولساق، يۇقىرى سۈپەتلىك يېمەكلىكلەر ئىنتايىن مۇھىم . تۇپراقتا تەبىئىي ئۆسكەن يېمەكلىكلەرنى يېيىش ، مەسىلەن : يېتەرلىك مېۋە -چېۋە ۋە كۆكتاتلار ساغلام تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ ئەڭ ياخشى باشلىنىش نۇقتىسى. بۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە يېمەكلىكلەرنىڭ ئوزۇقلۇق ئېلېمېنتى ۋە تالالىق تەركىبى ناھايىتى يۇقىرى ، يۇقىرى سۈپەتلىك يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ يېسىڭىز ، بارغانچە يېگۈڭىز كېلىدىغان بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىقى، نۇرغۇن ئورالما يېمەكلىكلەر تەبىئىي ئوزۇقلۇق قىممىتىنى يوقاتقان بولىدۇ، ھەمدە بۇلارغا  ساغلام بولمىغان چىرىشتىن ساقلىنىش دورىسى قېتىلغان بولغاچقا،ئۇزاق مۇددەت تۇرۇپ قالغان بولىدۇ. ساغلام يېمەك- ئىچمەكتىكى مۇھىم بىر پرىنسىپ ، مەيلى نېمىنى يەڭ ، مۇۋاپىق يەڭ ، ھەم يېمەك-ئىچمەكنىڭ  تۈرىنى كۆپەيتىڭ ، شۇنداقلا يېگەن يېمەكلىكلىرىڭىزدىن ھۇزۇر ئېلىڭ .
تۆتىنچى، ھەرىكەت. نۇرغۇن ئادەملەر ئۆزىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىدىن ۋايسايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئورۇقلاش ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. مەنمۇ سېمىزلىكنىڭ دەردىنى نۇرغۇن يىل تارتتىم، تاماقنى ئازايتىش ھەققىدە ھەرخىل پىلانلارنى تۈزۈپ باقتىم ، بىراق بۇلار تازا دېگەندەك ئەسقاتمىدى. ئاخىرى ماڭا زۆرۈر بولغىنى تاماقنى ئازايتىش توغرىسىدىكى پىلان ئەمەس ، بەلكى بىر خىل ساغلام تۇرمۇش شەكلى ئىكەن ، دەپ ھېس قىلدىم ، ئەگەر سىزمۇ زىلۋا بەدەن بولۇشنىلا ئەمەس  ساغلاملىقنى كۆزدە تۇتسىڭىز ، ئاخىرى كۆڭۈلدىكىدەك بەدەن ئېغىرلىققا ئېرىشىسىز. ھەرىكەتنىڭ شەكلى خىلمۇ-خىل، مەن سىزگە ئۆزىڭىزگە مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر خىل ھەرىكەتنى تاللاپ، بۇنىڭدىن خۇشاللىق تېپىپ ئۇنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەسىلەن: پىيادە مېڭىش ، ۋېلسىپىت مىنىش . سۇ ئۈزۈش، كۈچ-قۇۋۋەتنى تەلەپ قىلىدىغان ھەرىكەتلەرگە قاتنىشىش دېگەندەك .تاللايدىغان ھەرىكەت تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ ، شۇڭا، ھازىردىن باشلاپلا بىر تۈرنى تۇتۇپ ھەرىكىتىڭىزنى باشلاڭ. پىلان بويىچە ھەرىكەت قىلالمىغان تەقدىردىمۇ ، ئەمما بۇھەرىكەت قىلمىغاندىن مىڭ ئەۋزەل 
بەشىنچى، ئادەمنىڭ ۋىتامىن ۋە باشقا ئوزۇقلۇقلارنى ئىستېمال قىلىشنى ياخشى كۆرۈشى ناتايىن ، ئەمما بۇلارنى مۇۋاپىق ئاساستا تولۇقلاپ تۇرسىڭىز بولىدۇ ، مەسىلەن : بەزى ئادەملەر تۆمۈر ماددىسى تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق بولسا، بەزىلەر ئېھتىياجلىق بولمايدۇ. ئەگەر سىز ۋىتامىن تولۇقلايمەن دەپ دائىم ئۇنتۇپ قالسىڭىز ، ئۇنداقتا بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆزىڭىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇڭ، بولسا ئوزۇقلۇق بۇيۇملارنى كۆزگە ئاسان چېلىقىدىغان يەرگە قويۇڭ، ياكى قەغەزگە يېزىپ كۆرۈنىدىغان يەرگە چاپلاپ قويۇڭ، ياكى بولمىسا يان تېلېفونىڭىزنىڭ ئەسكەرتىش قوڭغۇرىقىنى توغرىلاپ قويۇڭ.

ئالتىنچى، توكسىنلارنى ھەيدەڭ. ھەممىمىزنىڭ بەدىنىدە توكسىن بولىدۇ، ئۇنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ھەيدەپ تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ ، چۈنكى توكسىن دېگەن ناھايىتى نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ دۈشمىنى. بەزى توكسىنلارنى نەپەس ئارقىلىق چىقىرىۋەتكىلى بولسا ، ئەمما نۇرغۇن توكسىنلارنى بۆرەك،ئۈچەي ئارقىلىق ھەيدەشكە توغرا كېلىدۇ. ئادەم ھەرىكەت قىلغاندا تەرلەيدۇ، بۇمۇ  توكسىننى ھەيدەشتىكى بىر خىل ياخشى ئۇسۇل . ئەلۋەتتە، سىز ئائىلىڭىزدە پارمۇنچا ياكى باشقا ئۇسۇللارنى قوللانسىڭىزمۇ بولىدۇ
يەتتىنچى،بېسىمغا تاقابىل تۇرۇڭ. بۇمۇ دون كولبېرت دوختۇر ئېيتقان ساغلاملىق توغرىسىدىكى يەتتە چوڭ تۈۋرۈكنىڭ بىرى. مەن يەنە بىر قېتىم تەكىتلەي: تۇرمۇش بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئىنتايىن مۇھىم . سىز ساغلاملىق توغرىسىدىكى كۆپ خىل ئادەتلەرنى يېتىلدۈرسىڭىز، ئاندىن ياخشى ساغلاملىق ھالىتىگە يەتكەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىسىز. مۇشۇنداق قىلماقچى بولسىڭىز بۇنى ھەرگىز ئېغىر يۈك دەپ قارىماڭ، دەسلەپتە، سىز ئىلگىرى جىق يەيدىغان مەلۇم يېمەكلىكنى يېيىشنى تاللىسىڭىز ئەمدى ئۇنى ئۇنداق يەۋەرمەڭ ياكى يېيىشنى تىزگىنلەڭ. باشتا ھەر كۈنى دەم ئېلىپ، بىرەر سائەت سىناپ بېقىڭ، قانداق نەتىجە يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈڭ. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ پىيادە يول مېڭىڭ. ھەرىكىتىڭىزنى بۈگۈندىن باشلاڭ! ساغلام ھاياتىي كۈچكە تولغان كىشىلىك ھاياتنى قۇچاقلاڭ

【责任编辑:于心何忍 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|