当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

图文信息

  • 经验贴 | HIV 感染者的分享的~!

  • HIV感染者实现长期生存的“口诀

  • ​吃药过程哪些检测指标最有必要

  • 这些影响HIV感染者寿命的因素,原

  • 诱导HIV潜伏期再激活,Tat-LNP为治

  • 这些影响HIV感染者寿命的因素,原

科普 | 感染艾滋后,早期症状有哪些?پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، دەسلەپكى كېسەللىك ئ

地区:沙雅县来源:发布者:时间:2024-01-16 18:18:47点击:
人们对于艾滋病的畏惧甚至超过癌症,之所以会出现在这种现象,首先是由于大家对于艾滋病有错误的观念,认为感染艾滋病的人都有生活作风问题;
كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىدىن قورقۇشى ھەتتا راك كېسىلىدىن ئېشىپ كېتىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئالدى بىلەن كۆپچىلىكنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە قارىتا خاتا قارىشى بار، ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىدە تۇرمۇش ئىستىلى مەسىلىسى بار دەپ قارايدۇ؛
种种原因导致大家对艾滋病闭口不谈,以至于很多人对于艾滋病缺乏基本了解。但艾滋病越早发现,越容易控制病情。
所以我们要了解其早期症状:
تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كۆپچىلىك ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا ئېغىز ئاچمايدۇ، ھەتتا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەيدىز كېسىلىگە بولغان ئاساسىي چۈشەنچىسى كەمچىل. لېكىن ئەيدىز كېسىلى قانچە بالدۇر بايقالسا، كېسەللىك ئەھۋالىنى شۇنچە ئاسان كونترول قىلغىلى بولىدۇ. شۇڭا بىز ئۇنىڭ دەسلەپكى ئالامەتلىرىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك:
1头痛  باش ئاغرىش
这种症状影响了两分之一的艾滋病病毒感染者,其中四分之一以上的人患有慢性偏头痛。
但也可能是其他问题的结果,如感染,神经系统疾病和药物引起的毒性。
بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتى ئىككى دە بىر بىر نىسبەتتىكى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارغا تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۆتتىن بىر قىسىمدىن كۆپرەك كىشى ئاستا خاراكتېرلىك باشنىڭ يېرىمى ئاغرىشقا گىرىپتار بولغان. لېكىن يەنە باشقا مەسىلىلەرنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن، مەسىلەن، يۇقۇملىنىش، نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى ۋە دورا كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋىروس. 
2发热قىززىش
艾滋病毒最常见的症状之一是发烧。
艾滋病相关的发烧有很多原因,包括对疾病的反应,艾滋病毒药物以及免疫力下降导致的其他感染。
其他症状可伴有发烧,如疲劳,淋巴结肿大和盗汗。医生可根据发烧的严重程度和原因提供多种治疗方案。
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئالامەتلىرىنىڭ بىرى قىزىش. ئەيدىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان قىزىشنىڭ نۇرغۇن سەۋەبلىرى بار بولۇپ، كېسەللىككە بولغان ئىنكاسى، ئەيدىز ۋىرۇسى دورىلىرى ھەمدە ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەشتىن كېلىپ چىققان باشقا يۇقۇملىنىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرىدە قىزىش، مەسىلەن، چارچاش، لىمفا تۈگۈنى ئىششىش ۋە تەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ. دوختۇر قىزىتمىنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى ۋە سەۋەبىگە ئاساسەن كۆپ خىل داۋالاش لايىھىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
3疲劳چارچاش 
在艾滋病毒的许多可能迹象和症状中,疲劳是最微妙的。缺乏能量使人们无法进行社交,活跃和执行日常任务。
有很多方法可以对抗经常伴随艾滋病毒的疲劳和嗜睡,但最重要的还是要了解艾滋病毒可能的原因,然后采取措施尽量减少其影响,因为疲劳可能与抵抗病毒本身的身体直接相关。
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ نۇرغۇن ئالامەتلىرى ۋە كېسەللىك ئالامەتلىرى ئىچىدە، چارچاش ئەڭ نازۇك بولىدۇ. ئېنېرگىيە كەمچىل بولۇش كىشىلەرنى ئىجتىمائىي ئالاقە قىلىشقا، كۈندىلىك ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىشقا ئامالسىز قالدۇرىدۇ. نۇرغۇن ئۇسۇللار دائىم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن بىللە بولىدىغان چارچاش ۋە ئۇيقۇغا خۇمار بولۇشقا قارشى تۇرىدۇ، لېكىن ئەڭ مۇھىمى يەنىلا ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى چۈشىنىپ، ئاندىن تەدبىر قوللىنىپ ئۇنىڭ تەسىرىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىش كېرەك، چۈنكى چارچاش ۋىرۇسقا قارشى تۇرىدىغان بەدەن بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
4淋巴结肿大لىمڧا تۈگۈنى ئىششىماق 
艾滋病另一个早期症状是淋巴结肿大。
健康的淋巴结是不可见的,但一旦感染,它们就会肿胀,看起来和感觉就像硬疙瘩。随着感染的进展,更多的淋巴结可能会在全身肿胀。
如果淋巴结肿大超过两到四周,请就医。
ئەيدىز كېسىلىنىڭ يەنە بىر دەسلەپكى كېسەللىك ئالامىتى لىمفا تۈگۈنى ئىششىش. ساغلام لىمفا تۈگۈنلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، لېكىن يۇقۇملانغان ھامان ئۇلار ئىششىپ، قارىماققا ۋە تۇيغۇ خۇددى قاتتىق مونەكتەك كۆرۈنىدۇ. يۇقۇملىنىشنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ لىمفا تۈگۈنلىرى پۈتۈن بەدىنى ئىششىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر لىمفا تۈگۈنى ئىششىپ ئىككى ھەپتىدىن تۆت ھەپتىگىچە ئېشىپ كەتسە، دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ.
5咽喉痛يۇتقۇنچاق ئاغرىش
感染艾滋病毒的人可能会感染喉咙痛,无论是慢性还是反复发作。
艾滋病病毒感染者也会发生鹅口疮,这是一种继发感染,这种情况并不少见。念珠菌是一组生活在皮肤和口腔上的酵母菌,当它们不受免疫系统保护时会引起鹅口疮。
真菌受免疫系统控制,当免疫系统受到损害时,念珠菌就会繁殖。
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ئادەم مەيلى ئاستا خاراكتېرلىك ياكى تەكرار قوزغالغان بولسۇن، گال ئاغرىقى بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردىمۇ جاۋغاي ياللۇغى پەيدا بولىدۇ، بۇ بىر خىل ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىش بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال كۆپ ئۇچرايدۇ. تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ تېرە ۋە ئېغىز بوشلۇقىدا ياشايدىغان بىر گۇرۇپپا ئېچىتقۇ زەمبۇرۇغى بولۇپ، ئۇلار ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ قوغدىشىغا ئېرىشەلمىگەندە جاۋغاي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. زەمبۇرۇغلار ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ كونتروللۇقىدا بولىدۇ، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى زىيانغا ئۇچرىغاندا تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغلار كۆپىيىدۇ.
6皮疹ئەسۋە 
艾滋病毒的另一个早期症状是皮疹。
像其他HIV症状一样,很容易被误认为是另一种病毒感染的症状。大约百分之九十的艾滋病病毒感染者在某些时候会出现皮肤病变。由于艾滋病毒引起的病症或服用艾滋病毒药物的副作用,皮疹可能会发展。
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يەنە بىر دەسلەپكى كېسەللىك ئالامىتى ئەسۋە. باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئوخشاش، ئاسانلا باشقا بىر خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىشنىڭ كېسەللىك ئالامىتى دەپ خاتا ھۆكۈم قىلىنىدۇ. تەخمىنەن %90 ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا بەزى ۋاقىتلاردا تېرىدە كېسەللىك ئۆزگىرىشى كۆرۈلىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان كېسەللىك ياكى ئەيدىز ۋىرۇسى دورىسىنى ئىچىشنىڭ ئەكس تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئەسۋە تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن.
无论是由疾病本身还是药物引起,皮疹通常表现为皮肤上的红色扁平区域,覆盖着红色肿块。这些皮疹发痒,可以出现在身体的各个部位,包括面部,胸部,手部和脚部。
مەيلى كېسەللىكنىڭ ئۆزى ياكى دورا كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسۇن، ئەسۋە ئادەتتە تېرىدىكى قىزىل رەڭلىك ياپىلاق رايون بولۇپ، قىزىل رەڭلىك مونەك بىلەن قاپلانغان بولىدۇ. بۇ ئەسۋىلەر قىچىشىدۇ، يۈز قىسمى، كۆكرەك قىسمى، قول ۋە پۇت قاتارلىق بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدا پەيدا بولىدۇ.
7肌肉和关节疼痛مۇسكۇل ۋە بوغۇم ئاغرىقى 
HIV感染的其他常见症状是慢性肌肉和关节或身体疼痛,以及风湿性疾病。这些症状都可能由艾滋病毒或其他病毒和细菌引起。
يۇقۇملىنىشنىڭ باشقا دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامەتلىرى ئاستا خاراكتېرلىك مۇسكۇل ۋە بوغۇم ياكى بەدەن ئاغرىش، شۇنداقلا رېماتىزملىق كېسەللىكلەردىن ئىبارەت. بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئەيدىز ۋىرۇسى ياكى باشقا ۋىرۇس ۋە باكتېرىيەلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
由肌肉和关节疼痛引起的慢性疼痛可能是由于单独感染或治疗它的药物。由HIV和药物引起的炎症进入肌肉和关节,在整个身体中产生慢性持续性疼痛。
45%的艾滋病病毒感染者患有关节疼痛。
مۇسكۇل ۋە بوغۇملارنىڭ ئاغرىشىدىن كېلىپ چىققان ئاستا خاراكتېرلىك ئاغرىق بەلكىم ئايرىم يۇقۇملىنىش ياكى ئۇنى داۋالايدىغان دورىلاردىن بولۇشى مۇمكىن. دورا كەلتۈرۈپ چىقارغان ياللۇغ مۇسكۇل ۋە بوغۇملارغا كىرىپ، پۈتۈن بەدەندە ئاستا خاراكتېرلىك سىجىل ئاغرىقنى پەيدا قىلىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ 45 %ئى بوغۇم ئاغرىقىغا گىرىپتار بولغان.
8口腔溃疡ئېغىز بوشلۇقى يارىسى 
口腔溃疡是艾滋病毒的另一种常见症状。
由于免疫系统较弱,大约三分之一的艾滋病患者会出现口腔溃疡。这些疮经常反复发作并极大地影响生活质量,使其难以进食和服用药物。
ئېغىز بوشلۇقى يارىسى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ يەنە بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى. ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، تەخمىنەن ئۈچتىن بىر قىسىم ئەيدىز بىمارلىرىدا ئېغىز بوشلۇقى يارىسى پەيدا بولىدۇ. بۇ يارىلار دائىم تەكرار قوزغىلىدۇ ھەمدە تۇرمۇش سۈپىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىپ، تاماق يېيىش ۋە دورا ئىچىشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
9生殖器溃疡جىنسىي ئەزا ياررىسى
生殖器疱疹的存在也可能是早期和晚期HIV的征兆。患有疱疹也可能是感染艾滋病毒的风险因素。
生殖器溃疡使艾滋病病毒在性交过程中更容易进入人体。由于免疫系统较弱,艾滋病病毒感染者往往会出现频繁和严重的疱疹爆发。
一项研究表明,在获得HIV期间和之后,生殖器溃疡症状都会增加。
PART
جىنسىي ئەزا قاپارتقۇسىنىڭ مەۋجۇت بولۇشىمۇ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى مەزگىلنىڭ ئالامىتى بولۇشى مۇمكىن. قاپارتمىغا گىرىپتار بولۇش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپ - خەتەر ئامىلى بولۇشى مۇمكىن. جىنسىي ئەزا يارىسى ئەيدىز ۋىرۇسىنى جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا ئادەم بەدىنىگە تېخىمۇ ئاسان كىرگۈزىدۇ. ئىممۇنىتېت سىستېمىسى بىر قەدەر ئاجىز بولغاچقا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپ قېتىم ۋە ئېغىر دەرىجىدە قاپارتما پارتلاش كۆرۈلىدۇ. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېرىشكەن مەزگىل ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن، جىنسىي ئەزا يارىسىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆپىيىدىكەن.
10盗汗تەرلەش
盗汗是艾滋病毒感染早期的另一种常见症状,约有一半的人患有这种症状。盗汗与运动或房间温度无关。
 تەرلەش ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى يەنە بىر خىل دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامىتى بولۇپ، تەخمىنەن يېرىم ئادەم بۇ خىل كېسەللىك ئالامىتىگە گىرىپتار بولىدۇ. تەر ھەرىكەت ياكى ئۆينىڭ تېمپېراتۇرىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
11腹泻ئىچ سۈرۈش 
腹泻是艾滋病毒最常见的并发症之一。
营养不良会加剧由疾病本身或药物引起的腹泻。艾滋病毒药物的一些副作用也可能是腹泻的原因。但是,除非医生另有说明,否则继续服用药物非常重要。
ئىچ سۈرۈش ئەيدىز ۋىرۇسى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كېسەللىك ياكى دورا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىچ سۈرۈشنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى دورىلىرىنىڭ بەزى ئەكس تەسىرىمۇ ئىچ سۈرۈشنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. لېكىن، دوختۇرنىڭ باشقا چۈشەندۈرۈشى بولمىسا، داۋاملىق دورا ئىچىش ئىنتايىن مۇھىم.
12总结خۇلاسە 
艾滋病的症状和体征并不总是很明显。
事实上,大多数感染艾滋病毒的人并没有表现出这些症状,不知道他们感染了这种病毒。艾滋病毒的体征也可能取决于一个人是处于新(急性)感染阶段还是持续(慢性)感染阶段。
ئەيدىز كېسىلىنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى ۋە بەدەن بەلگىلىرى ھەمىشە ناھايىتى روشەن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كۆپ ساندىكى كىشىلەردە بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرى ئىپادىلەنمىگەن، ئۇلارنىڭ بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ بەدەن بەلگىلىرىمۇ بىر ئادەمنىڭ يېڭى ( جىددىي ) يۇقۇملىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقى ياكى داۋاملىق ( سوزۇلما ) يۇقۇملىنىش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىغا باغلىق بولۇشى مۇمكىن.
温馨提醒سەمىمىي ئەسكەرتىمەك 
唯一能确定你是否感染艾滋病毒的方法就是去做检测,不能依靠症状来判断是否感染了艾滋病毒。
 
永远不要以为没有症状就等于没有感染艾滋病毒。没有感觉不舒服并不意味着病毒是“温和的”,也不意味着你的免疫系统没有受到伤害。
 
如果你有感染艾滋病毒的风险,接受检测和治疗很重要。
سىزنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىڭىزنى بېكىتىدىغان بىردىنبىر ئۇسۇل تەكشۈرۈش، كېسەللىك ئالامەتلىرىگە تايىنىپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىڭىزغا ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ. مەڭگۈ كېسەللىك ئالامىتى بولمىسا ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانمىغان بولىدۇ دەپ قارىماسلىق كېرەك. بىئاراملىق ھېس قىلماسلىق ۋىرۇسنىڭ «مۆتىدىل» ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، شۇنداقلا ئىممۇنىتېت سىستېمىڭىزنىڭ زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر سىزدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش خەۋپى بولسا، تەكشۈرۈش ۋە داۋالاشنى قوبۇل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
 

【责任编辑:开塞尔 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|