乙肝病毒(HBV)的传播依赖于血液或体液的直接接触,主要通过以下三种途径传播:
我国最主要的传播途径,母亲在分娩过程中可能将病毒传染给新生儿。
▶ 输注未经严格筛查的血液或血制品;
▶ 不规范的医疗操作(如注射、手术、口腔诊疗、血液净化等);
▶ 生活密切接触(修足、纹身、扎耳洞、共用剃须刀/牙具等导致皮肤黏膜破损);
▶ 职业暴露(医护人员接触患者血液)。
感染者精液或阴道分泌液中含有病毒,和乙肝患者进行无保护性行为有可能会感染。
★需要注意的是:
日常接触如共同办公(共用电脑)、握手、拥抱、共餐、共用厕所等无血液暴露的场景,不会传染乙肝。
乙肝病毒不通过呼吸道、消化道传播。
1. 接种乙肝疫苗: 对于普通人来说,想要预防乙肝,选择接种乙肝疫苗是最有效的方法。建议未接种或抗体不足(抗-HBs <10mIU/mL)的人群及时接种。
2. 避免共用个人用品:如牙刷、剃须刀、纹身工具等可能接触血液的物品。
3. 安全性行为:使用安全套可有效降低性传播风险。
4. 母婴阻断:孕妇感染者需遵医嘱进行孕期干预,新生儿及时接种疫苗+免疫球蛋白。
乙肝并不可怕,可怕的是不了解和忽视它。它是一个可防、可治、可控的疾病。科学认知,消除歧视,规范防治,是我们共同战胜乙肝的有力武器。
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ يۇقۇملىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىش ئوقۇشلۇقى
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يوللىرى
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى قان ياكى بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ بىۋاسىتە ئۇچرىشىشىغا باغلىق بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يول بىلەن تارقىلىدۇ:
- ئانىدىن بوۋاققا تارقىلىش
ئېلىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم تارقىلىش يولى، ئانىلار تۇغۇش جەريانىدا ۋىرۇسنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارغا يۇقتۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن
- قان ئارقىلىق تارقىلىش
- قاتتىق تەكشۇرۇپ تاللاپ بولالمىغان قان ياكى قان بۇيۇملىرىنى كىرگۈزۈش
- ئۆلچەمسىز داۋالاش مەشغۇلاتى (مەسىلەن ئوكۇل سېلىش، ئوپېراتسىيە، ئېغىز بوشلۇقىنى داۋالاش، قان تازىلاش قاتارلىقلار)
- تۇرمۇشدا زىچ ئۇچرىشىش (پۇت ياسىتىش، گۈل چېكىش، قۇلاق تۆشۈكى تىشىش، ئورتاق ئىشلىتىدىغان ساقال ئالغۇچ/چىش سايمانلىرى قاتارلىقلار تېرە شىللىق پەردىسى بۇزۇلۇپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەشغۇلاتلار )
- كەسپىي ئاشكارىلىنىش ( داۋالاش خادىملىرى بىمارنىڭ قېنى بىلەن ئۇچرىشىش )
- جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىش
يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىسپىرما سۇيۇقلۇقى ياكى جىنسىي يول ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇقىدا ۋىروس بار بولۇپ، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى بىلەن قوغداش تەدبىرى بولمىغان جىنسىي قىلمىش يۇزبەرسە يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن
★ دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنى
كۈندىلىك ئۇچرىشىش مەسىلەن ئورتاق مۇھىتتا ئىشلەش( ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان كومپيۇتېر ) ، قول ئېلىشىش ، قۇچاقلاش ، بىرلىكتە غىزالىنىش ، ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ھاجەتخانا قاتارلىق قان ئاشكارىلىنىش يوق ئەھۋالاردا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى يۇقمايدۇ
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى نەپەس يولى، ھەزىم يولى ئارقىلىق يوللار ئارقىلىق تارقىلىپ كەتمەيدۇ
ھالقىلىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى
- ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش: ئادەتتىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. ئەملەنمىگەن ياكى ئانتىتېلا يېتىشمەيدىغان كىشىلەرگە ۋاقتىدا ئەملەش تەكلىپى بېرىلىدۇ
- شەخسىي بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلىتىدىن ساقلىنىش: مەسىلەن چىش چوتكىسى، ساقال ئالغۇچ، گۈل چېكىش قورالى قاتارلىق قان بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىماللىقى بار بۇيۇملار نى ئورتاق ئىشلىتىدىن يىراق تۇرۇش
- بىخەتەربولغان جىنسىي قىلمىش: بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلەتكەندە جىنسىي تارقىلىش خەۋپ-خەتىرىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ
- ئانا-بوۋاقلارئارىسىدا تارقىلىشنى توسۇش: يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ھامىلدارلىق مەزگىلىدە داۋىلىشىشى، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ۋاقتىدا ۋاكسىنا+ ئىممۇنىتېتلىق شارسىمان ئاقسىل ئەملىشى كېرەك
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنۇچلۇق يېرى ئۇنى چۈشەنمەسلىك ۋە سەل قارىماسلىق. ئۇ بىر ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان ، داۋالىغىلى بولىدىغان ، كونترول قىلغىلى بولىدىغان كېسەل . ئىلمىي تونۇش، كەمسىتىشنى تۈگىتىش، ئالدىنى ئېلىشنى قېلىپلاشتۇرۇش بىزنىڭ ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئۈستىدىن ئورتاق غالىب كېلىشىمىزدىكى كۈچلۈك قورال