当前位置:首页 > 各地疾控 > 鄯善县疾控 > 性病

图文信息

  • 【双语】健康科普|乙肝防控健康知

  • 【双语】丙肝可治愈!关于它,你必须

  • 【双语】【健康科普】梅毒这 “

  • 【双语】梅毒合并HIV感染怎么办

  • HPV男女都会感染,男性更隐秘,关键

  • HIV感染相关的皮肤病多达22种,如

【双语】健康科普|乙肝防控健康知识宣传 ساغلاملىقنى ئومۇملاشتۇرۇش|ب  تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلى

地区:梦想健康来源:发布者:时间:2026-03-01 15:58:24点击:

 

 
 

      乙肝防控健康知识

 
 
图片
 
 

 

 
 

 

ساغلاملىقنى ئومۇملاشتۇرۇش|ب  تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش ساغلاملىق تەشۋىقات بىلىملىرى  
 
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى دېگەن نېمە
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ب  تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان، جىگەرنىڭ بۇزۇلۇشىنى ئاساسلىق كېسەللىك ئۆزگىرىشى قىلغان يۇقۇملۇق كېسەللىك. ئاسان يۇقۇملانغان كىشىلەر ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ۋىرۇس قان ئارقىلىق جىگەرگە كىرىپ، جىگەر ھۈجەيرىسىدە كۆپەيتىلىدۇ. ئادەم بەدىنىدە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، يەككە پەرق تۈپەيلىدىن ئىككىلەمچى كىلىنىكىلىق يۇقۇملىنىش ياكى كېسەللىك ئالامەتلىرى يوق يۇقۇملىنىش، جىددىي خاراكتېرلىك ئۆزىگە چەك قويۇلىدىغان جىگەر ياللۇغى ياكى قوزغىلىش تىپىدىكى جىگەر ياللۇغى ئىپادىلىنىدۇ. ئاسان يۇقۇملانغان كىشىلەر ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا ئىممۇنىتېت كۈچى كەمچىل، ئاسانلا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ
 
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ يۇقۇملىنىش مەنبەسى
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ يۇقۇم مەنبەسى كىشىلەر ئارىسىدا كەڭ مەۋجۇت بولىۋاتقان ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر، جىددىي، ئاستا خاراكتېرلىك ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى، ئىككىلەمچى جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملانغانلار ھەمدە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋە جىگەر راكىغا گىرىپتار بولغانلار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئاستا خاراكتېرلىك ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر ئاساس قىلىنغان
 
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ تارقىلىش يولى
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى قان ۋە بىخەتەر بولمىغان ئوكۇل قاتارلىقلار ئارقىلىق تارقىلىدۇ
  1. ئېلىمىز قان تەقدىم قىلغۇچىلارنى قاتتىق ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىروسى يۈزىدىكى ئانتىگېن تاللاپ تەكشۈرىدۇ، مۇنتىزىم قان سېلىش ياكى قان بۇيۇملىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش بىر قەدەر ئاز يۈز بىرىدۇ، قان سېلىشتا مۇنتىزىم ئورگانلارغا بېرىش تەكلىپى بىرىلىدۇ
  2. قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى، كىرىش خاراكتېرلىك دىئاگنوز قويۇش مەشغۇلاتى ۋە ئوپېراتسىيە، بىخەتەر بولمىغان ئوكۇل سېلىش بولۇپمۇ زەھەرلىك چېكىملىككە ئوكۇل سېلىش قاتارلىقلارنى ئىشلەتكەندە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى تارقىلىشى مۇمكىن
  3. خىزمەتتىكى تاسادىپىي ئاشكارىلىنىش، ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ساقال ئالغۇچ ۋە چىش چوتكىسى قاتارلىقلارمۇ ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى تارقىلىشى مۇمكىن
 
ئانىسى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ، ھامىلىسى ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدا، تۇغۇلغاندا، تۇغۇتتىن كېيىن ب  تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن
  1. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ھامىلىنىڭ بالىياتقۇدا يۇقۇملىنىش نىسبىتى ئانىنىڭ بەدىنىدىكى ۋىرۇس مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ۋىرۇس مىقدارى قانچە چوڭ بولسا ھامىلىنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ
  2. تۇغۇت ۋاقتىدا يۇقۇملىنىش ئانىلار بىلەن بوۋاقلارنىڭ تارقىلىشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق ئۇسۇل بولۇپ، بارلىق ئانىلاردىن بوۋاقلار يۇقۇملىنىشنىڭ ٪90تىن ٪95كىچە بولۇپ، بوۋاق تۇغۇتتا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى مۇسبەت ئانىنىڭ قان ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن ئۇچراشقانلىقىدىن بولغان
  3. ئانىلار ۋە بوۋاقلار ئارقىلىق تارقىلىدىغان بالىلارنىڭ ئاستا خاراكتېرلىك ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا ئايلىنىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدۇ. ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسىنىڭ بىرلەشمە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئىممۇنىتېتلىق شارسىمان ئاقسىلىنىڭ ئېلىمىزدە ئىشلىتىلىشى، ئانىلار بىلەن بوۋاقلارنىڭ تارقىلىشى زور دەرىجىدە ئازايدى
 
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىدۇ
جىنسىي ئۇچرىشىش جەريانىدا، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى تېرىنىڭ شىللىق پەردىسى ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كۆپ قىسىم تېرە شىللىق پەردىسى ئارقىلىق تارقىلىشى تېرە شىللىق پەردىسى زەخمىلىنىپ، تەركىبىدە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بار بەدەن سۇيۇقلۇقى (قان، شۆلگەي سۇيۇقلۇقى، ئىسپىرما سۇيۇقلۇقى) بىلەن ئۇچراشقانلىقتىن ب  تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدۇ
 
قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلاش، تازىلىق ئۆيى قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشتا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى تارقالمايدۇ
كۈندىلىك خىزمەت تۇرمۇشى ،بىر ئىشخانىدا خىزمەت قىلىش، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلاش قاتارلىق ئىشلاردا، بۇ قىلمىشلاردا قان ۋە بەدەن سۇيۇقلۇقى ئاشكارىلانمىغاچقا، ئادەتتە ب  تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ھازىرچە قان شورىغۇچى ھاشارەت (پاشا، سېسىق قۇرۇت)نىڭ ب  تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى تارقىتىدىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىيال يوق
 
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ كىلىنىكىلىق ئىپادىسى ۋە زىيىنى
چوڭلاردا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئۈچ خىل ئىپادىلىنىشى بار
  1. جىددىي خاراكتېرلىك ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى: كىلىنىكىلىق ئىپادىسى جىددىي خاراكتېرلىك كېسەل بولۇپ، مايدىن بىزار بولۇش، ئىچى سۈرۈش ۋە قورساق كۆپۈش كۆرۈلىدۇ، قىسمەن بىمارلاردا قىزىش بولىدۇ(ئادەتتە 38.5 سېلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمەيدۇ)
  2. سوزۇلما خاراكتېرلىك ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى: ئاساسلىقى چىرايى قاراڭغۇ بولۇپ، جىگەر ئالقان، ئۆمۈچۈك مەڭ پەيدا بولىدۇ، جىگەر، تال چوڭىيىدۇ، جىگەر رايونىغا تېگىپ كەتسە ئاغرىيدۇ
  3. سوزۇلما خاراكتېرلىك ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ھالىتىدە دائىم كىلىنىكىلىق ئىپادىسى يوق، ئەمما بىمارلار قان تەكشۈرۈش ئارقىلىق ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ، ئەمما جىگەر توقۇلمىسىدا كۆرۈنەرلىك بىنورماللىق كۆرۈلمەيدۇ
 
ئەگەر ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى ۋاقتىدا داۋالىمىسا، كۆپىنچىسى جىگەر قېتىشىش ۋە جىگەر راكىغا ئايلىنىدۇ
جىددىي خاراكتېرلىك ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىر خىل ئۆزىنى چەكلەش كېسەللىكى . قۇرامىغا يەتكەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر بالدۇر دىئاگنوز قويۇلسا، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، ئوزۇقلۇق ۋە ئادەتتىكى داۋالاشنى قوللانسا، كۆپ ساندىكى بىمارلار ئۈچ ئايدىن ئالتە ئايغىچە ئۆزلىكىدىن ساقايتقىلى بولىدۇ
جىددىي خاراكتېرلىك ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ئالتە ئايدىن ئارتۇق ئاستا خاراكتېرلىك بولىدۇ، سوزۇلما خاراكتېرلىك ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاپ ساقايتىش تەس. ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى كېسەللىك ئەھۋالىغا ئەگىشىپ ئىلگىرلەپ، جىگەر قېتىشىش ۋە جىگەر راكىغا ئايلىنىشى مۇمكىن
 
ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا ، ب  تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار يېشى قانچە كىچىك بولسا ، ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر ياللۇغىغا ئايلىنىش نىسبىتى شۇنچە چوڭ بولىدۇ
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى چوڭلاردا يۇقۇملانغانلارنىڭ ٪5ى ئاستا خاراكتېرلىك ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا ئايلىنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ٪5تىن ٪20كىچە جىگەر قېتىشىشقا ئايلىنىدۇ. ئېلىمىزدە ھەر يىلى تەخمىنەن 300 مىڭ ئادەم ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا مۇناسىۋەتلىك جىگەر كېسىلى بىلەن قازا قىلىدۇ، بۇنىڭ يېرىمى جىگەر راكى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ، كېيىنكىسىنىڭ كۆپىنچىسى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
 
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى قانداق كونترول قىلىش كېرەك؟
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىردىنبىر ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈپ، ئاكتىپ ئالدىنى ئېلىپ، داۋالاشنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جىگەر ياللۇغىنىڭ زىيىنىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلىگىلى بولىدۇ. قەرەللىك ھالدا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈش كېرەك. پائال ئالدىنى ئېلىش ئەملىگەندە، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. دەسلەپكى تاللاش ئارقىلىق ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى يۈزىدىكى ئانتىگېن مۇسبەت بولغاندا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ ھەرقايسى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزى ياكى شىپاخانىلارغا ئۆزى پۇل خەجلەپ ب  تىپلىق جىگەر ياللۇغى قان بەلگىسىدىن بەش تۈرنى قايتا تەكشۈرسە بولىدۇ. ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىگېن، ئانتىتېلا قوش ئەۋرىشىم  مەنپى بولسا، تەۋەلىكىدىكى ئامبولاتورىيەگە بېرىپ ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملەش تەكلىپى بېرىلدۇ. زۆرۈر بولغاندا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى قان بەلگىسى ماددىسىدىن بەش تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئەھۋالىغا ئاساسەن دوختۇرخانىنىڭ مەخسۇس بۆلۈمىگە بېرىپ يەنىمۇ كىلىنىكىلىق دىئاگنوز قويۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاش كېرەك
 

 

【责任编辑:阿卜杜米吉提 】

本文仅代表作者个人观点,与新疆男孩网无关。其原创性以及文中陈述文字和内容未经本站证实,对本文以及其中全部或者部分内容、文字的真实性、完整性、及时性本站不作任何保证或承诺,请读者仅作参考,并请自行核实相关内容。本站转载仅限于非商业性信息传递之用,如无特别声明,本站转载之各种内容之版权均属其著作权人所有。如果我们的转载行为侵犯了您的正当权益,请联系我们,我们将在最短的时间内删除,并致以歉意。
新疆艾滋病检测:13999198395|感染者互助QQ群:5480101|