感染艾滋病病毒后,部分人在初期可能出现类似流感的症状(如持续低烧、乏力、体重下降等),随后可能经历无症状期。但这些症状并非艾滋病毒特有,不能作为判断依据。唯一确定是否感染的方法是前往正规机构进行血液检测(如抗体检测、核酸检测等,需在窗口期后进行)。若有过高风险行为,建议主动进行检测。
艾滋病防控,离不开科学的认知与积极的行动。消除歧视,从正确了解开始;保护自己,用知识传递力量。
健康小贴士:定期检测、规范防护、及时治疗,是我们面对艾滋病最有力的武器。如需咨询或检测,可联系当地疾病预防控制中心或定点医疗机构。
【ساغلاملىقنى ئومۇملاشتۇرۇش】
ئەيدىز كېسىلىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنىڭدىن ھەددىدىن زىيادە قورقۇشنىڭ ھاجىتى يوق
ئەيدىز كېسىلىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى " ئېرىشىش خارەكتىلىك ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك سىندرومى " دەپ ئاتىلىدۇ ، بۇ ئەيدىز ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر خىل ئېغىر يۇقۇملۇق كېسەللىك . بۇ ۋىرۇس ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، ئاخىرقى باسقۇچتا ئېغىر يۇقۇملىنىش ياكى ئۆسمە سەۋەبىدىن ھاياتىغا خەۋپ يېتىشى مۇمكىن. نۆۋەتتە ئەيدىز كېسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن داۋالىغىلى بولمىسىمۇ، ۋاكسىنا ئارقىلق ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولمىسىمۇ، لېكىن قېلىپلاشتۇرۇپ داۋالاش ئارقىلىق، بىمارنىڭ ئۆمرى ۋە تۇرمۇش سۈپىتى ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ سەۋىيىسىگە يېقىنلاشتى. شۇڭا، ئالدىنى ئېلىش مۇھىم ھالقا
ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدىكى ئۈچ چوڭ يول
ئەيدىز ۋىرۇسى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئۈچ خىل يول بىلەن تارقىلىدۇ:
قان ئارقىلىق تارقىلىش: بۇلغانغان قان ياكى قان بۇيۇملىرىنى كىرگۈزۈش، دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان شىپرىس، گۈل چېكىش، قۇلاق تېشىش قاتارلىق ئەسۋابلارنى ئورتاق ئىشلەتكەندە يۇقۇملىنىش مۇمكىن
جىنسىي ئۇچرىشىش ئارقىلىق تارقىلىش: ۋىرۇس جىنسىي ئۇچرىشىش (مەيلى يات جىنىس ياكى ئوخشاش جىنىسلاردىن بولسۇن) ئارقىلىق تارقىلىدۇ. بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا، پۈتۈن مۇساپىدە ئىشلەتكەندە يۇقۇملىنىش خەۋپىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ
ئانىدىن بوۋاققا تارقىلىش: ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللار ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە، تۇغۇت ياكى ئېمىتىش جەريانىدا ۋىرۇسنى بالىلارغا تارقىتىشى مۇمكىن. قېلىپلاشقان ئالدىنى ئىلىپ داۋالاش ئارقىلىق بۇ خەتەر زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ
قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟
قاننىڭ تارقىلىشىنى توسۇش
- زەھەردىن يىراق تۇرۇش، يىڭنىنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك
- ئوكۇل سېلىش، چىش تارتقۇزۇش، گۈل چېكىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى مۇنتىزىم داۋالاش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ قىلىش
- باشقىلار بىلەن چىش چوتكىسى، ساقال ئالغۇچ قاتارلىق قان بىلەن ئۇچرىشىش ئېھتىماللىقى بار شەخسىي بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك
- باشقىلارنىڭ قېنى ياكى يارا ئېغىزى بىلەن ئۇچراشقاندا، مۇداپىئەلىنىشكە دىققەت قىلىش كېرەك (مەسىلەن پەلەي ئىشلىتىش قاتارلىق توسۇقلار)
بىخەتەر جىنسىي قىلمىشى
- بىربىرىگە سادىق جىنسىي مۇناسىۋەتنى ساقلاش ھەمدە بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك
- ئەگەر باشقا جىنسىي كېسەلگە گىرىپتار بولسا ، يۇقۇملىنىش خەتىرىنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك
ئانا بوۋاق ئارىسىدا تارقىلىشنى توسۇش
ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلدار ئاياللار دورا ئىچىشنى قېلىپلاشتۇرۇش، بالىياتقۇنى يېرىپ تۇغۇش ۋە ئانا سۈتىدە بېقىشتىن ساقلىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بوۋاقلارنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىشى كېرەك
تۆۋەندىكى بۇ ئەھۋاللار يۇقمايدۇ
ئەيدىز ۋىرۇسى تۆۋەندىكىدەك كۈندىلىك يوللار ئارقىلىق تارقىمايدۇ:
- بىرلىكتە غىزالىنىش، ئورتاق ئىشلىتىدىغان ئىشخانا بۇيۇملىرى، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، قۇچاقلىشىش
- ئوخشاش بوشلۇقتا ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ياكى قاتناش قورالىغا ئولتۇرۇش
- پاشا چىقىش
- ئاممىۋىي تەرەت تۇڭى ، سۇ ئۈزۈش كۆلچىكى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئىشلىتىش
- ۋىرۇس بەدەن سىرتىدىكى مۇھىتتا ناھايىتى تېزلا ئاكتىپلىقىنى يوقىتىدۇ، كۈندىلىك ئىجتىمائىي ئالاقە ئۇچرىشىشدىن يۇقمايدۇ
ناۋادا خەتەرلىك ئۇچرىشىش يۈز بەرسە قانداق قىلىش كېرەك؟
جىددىي توسۇش: ئەگەر ئۆزىڭىزنىڭ ۋىروس بىلەن ئۇچراشقانلىقىدىن گۇمانلانسىڭىز(مەسىلەن خەتەرلىك جىنسى قىلمىشلار،يىڭنە سايمانلىرىنى ئورتاق ئىشلىتىش قاتارلىقلار يۇزبەرسە ) تېزدىن مەسلىھەت سوراڭ. خەتەرلىك قىلمىشلار يۈز بېرىپ 72 سائەت ئىچىدە توسۇپ ئالدىنى ئىلىش دورىسىنى ئىستېمال قىلغان ھەمدە ئۇدا 28 كۈن ئىچكەندە يۇقۇملىنىش خەتىرىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ
ئەگەر دىئاگنوز قويۇلسا،بۇ ھاياتلىقنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ: ھازىر ئەيدىز كېسىلى بىر خىل كونترول قىلغىلى بولىدىغان سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەلگە تەۋە بولۇپ. ۋىرۇسنى قېلىپلاشتۇرۇش، سىجىل داۋالاش ئارقىلىق نۇرغۇن يۇقۇملانغۇچىلار ۋىروسنى تەكشۈرگىلى بولمايدىغان سەۋىيەگە تىزگىنلەپ، ئۇزۇن مۇددەت ساغلام ھالەتنى ساقلىيالايدۇ. يەر شارىدا يولغا قويۇلغان "90-90-90" نىشانى (يەنى ٪90 يۇقۇملانغۇچىغا ئۆزىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى بىلدۈرۈپ، ٪90نى بىلگۈچىلەرگە داۋالاشنى قوبۇل قىلدۇرۇپ ، ٪90 داۋالىغۇچىنى ۋىروسنى تىزگىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش)، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشنى ئىلگىرى سۈرمەكتە
كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن ھۇشيار بولۇڭ، لېكىن بىردىنبىر جەزىملەشتۇرۇش تەكشۈرۈشتە
ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغاندىن كېيىن، بىر قىسىم كىشىلەردە دەسلەپكى مەزگىلدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تارقىلىشچان زۇكامنىڭ ئالامەتلىرى (مەسىلەن، ئۇدا تۆۋەن قىززىش، ماغدۇرسىزلىق، بەدەن ئېغىرلىقى تۆۋەنلەش قاتارلىقلار) كۆرۈلگەن بولۇپ، ئارقىدىنلا كېسەللىك ئالامەتلىرى يوق مەزگىللەرنى باشتىن كەچۈرۈشى مۇمكىن. لېكىن بۇ كېسەللىك ئالامەتلىرى ئەيدىز ۋىرۇسىغا خاس ئەمەس، ھۆكۈم قىلىش ئاساسى قىلىشقا بولمايدۇ. يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانماسلىقنى بېكىتىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل مۇنتىزىم ئورگانلارغا بېرىپ قان تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش (مەسىلەن ئانتىتېلا تەكشۈرۈش، يادرو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار كۆزنەك مەزگىلىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىش كېرەك). ئەگەر خەتەرلىك قىلمىشلار بولسا تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈش تەكلىپى بېرىلىدۇ
ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ئىلمىي تونۇش ۋە ئاكتىپ ھەرىكەتتىن ئايرىلالمايدۇ . كەمسىتىشنى تۈگىتىش ، توغرا چۈشىنىشتىن باشلىنىدۇ ، ئۆزىنى قوغداپ، بىلىم ئارقىلىق كۈچ يەتكۈزۈش كېرەك
ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى: قەرەللىك تەكشۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇپ مۇداپىئەلىنىش، ۋاقتىدا داۋالاش ئەيدىز كېسىلىگە يۈزلىنىشتىكى ئەڭ كۈچلۈك قورال ،مەسلىھەت سورىماقچى ياكى تەكشۈرمەكچى بولسىڭىز، شۇ جايدىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- كونترول قىلىش مەركىزى ياكى بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ