ئ3.1 دۇنيا ئەيدىز كېسىلىنى كەمسىتىشنى تۈگۈتۈش كۈنى - ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىپ كەمسىتىشنى تۈگىتىش
ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشھەر يىلى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى "دۇنيا ئەيدىز كېسىلىنى كەمسىتمەسلىك كۈنى" بولۇپ، ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى يولغا قويغان بۇ يەر شارى تەشەببۇسى كىشىلەرنى ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ۋە خەتەرلىك كىشىلەرنى كەمسىتىش، بىر تەرەپلىمە قاراشنى تۈگىتىپ، باراۋەر، كەڭ قورساق ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشقا مۇراجىئەت قىلىشنى مەقسەت قىلغان
نېمە ئۈچۈن ئەيدىز كېسىلىنى كەمسىتمەسلىك كۈنىگە مۇھتاج ؟1981-يىلى تۇنجى قېتىم ئەيدىز كېسىلى بايقالغاندىن بۇيان، دۇنيادا 40 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم ئەيدىز ياكى مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەر بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. گەرچە مېدىتسىنانىڭ ئىلگىرلىشى ئەيدىز كېسىلىنى " ساقايماس كېسەللىك"تىن ئۇزۇن مۇددەت كونترول قىلغىلى بولىدىغان سوزۇلما خارەكتىرلىك كېسەلگە ئايلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن يۇقۇملانغۇچىلار يەنىلا ئېغىر ئىجتىمائىي بۇلغىنىش نامىغا دۇچ كەلدى.
نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئەيدىزگە بولغان تونۇشى قورقۇنچ، خاتا چۈشەنچە ئىچىدە توختاپ، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يالغۇز قىلىشى، خىزمەت پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قېلىشىنى ھەتتا داۋالاش مەنبەسىگە ئېرىشەلمەي قالدى ئەيدىز كېسىلىنى كەمسىتىشنى بۇزۇپ تاشلاپ، خاتا قاراشتىنى تۈگۈتۈش دائىم كۆرۈلىدىغان خاتا قاراشكۈندىلىك نورمال ئۇچرىشىش ئەيدىز كېسىلى يۇقۇملىنىدۇ؟ئۇنداق بولمايدۇ!ئەيدىزنىڭ تارقىلىش يولى 3 خىل : قان، ئانىدىن بالىلارغا، جىنسىي ئۇچرىشىش قاتارلىق . قۇچاقلاش، قول ئېلىشىش، بىرلىكتە غىزالىنىش، تازىلىق ئۆيى قاتارلىق كۈندىلىك ئۇچرىشىشلاردا ۋىرۇس تارقىمايدۇ
تەر، شۆلگەي، كۆز يېشى، سۈيدۈك تەركىبى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، ئاسان يۇقۇملانمايدۇ. ئەيدىز ۋىرۇسى پەقەت ئادەمنىڭ قېنىدا پارازىت ياشايدۇ، تاشقى مۇھىتتا ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى ناچار، ٪20 ئىسپىرت، ٪2.5 ئاقارتىش پاراشوكى سۇيۇقلۇقىنى بەش مىنۇت چىلاپ بەرگەندە ئۇنى پۈتۈنلەي ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەيدىز يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ شۆلگەي ۋە كۆز يېشىدا ۋىرۇس بولۇشى مۇمكىن، ئەمما تەركىبى ناھايىتى تۆۋەن. ۋىرۇسنىڭ ھاۋادا ھايات قېلىش ۋاقتى بەك قىسقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە قارشى تەرەپنىڭ يارىسى بىلەن بىۋاستە ئۇچراشقاندىلا ئاندىن يۇقۇملىنىپ قالىدۇ، شۇڭا يۆتەل، چۈشكۈرىدىغان نەپەس يولى ئارقىلىق تارقىلىشى مۇمكىن ئەمەس
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانسا «ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان»غا باراۋەرمۇ؟ئۇنداق ئەمەس ئەمەس!ۋىروسقا قارشى داۋالاش ئارقىلىق، يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بەدىنىدىكى ۋىروسنىڭ مىقدارى تەكشۈرۈلمىگەن سەۋىيەگە چۈشۈرۈلۈپ، يۇقۇملىنىش خاراكتېرىنى ھازىرلىمايدۇ، ئۆمرىمۇ نورمال كىشىلەرگە يېقىنلىشىدۇ
پەقەت « ئالاھىدە كىشىلەر توپى » يۇقۇملىنىپ قالامدۇ ؟ئۇنداق ئەمەس!ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن، ھەر ۋاقىت ھۇشيار بولۇشى كېرەك
كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش ئۇچۇن بىز قانداق قىلىشىمىز كىرەك ئەيدىز كېسىلىنىڭ خىرىسى ئالدىدا بىز مۇنداق قىلىشىمىز كىرەك
- ئىلىم – پەننى بىر تەرەپلىمە قاراشنىڭ ئورنىغا قويۇش: ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاش بىلىملىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، ئۆسەك سۆز تارقاتماسلىق
- باراۋەر مۇئامىلە قىلىش: يۇقۇملىنىش يولىنى سۈرۈشتۈرمەسلىك، يۇقۇملانغۇچىلارغا ئەخلاق بەلگىسى چاپلىماسلىق كېرەك
- كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللاش: جامائەت پاراۋانلىقى تەشۋىقاتىغا قاتنىشىپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەزمۇنىنى تارقىتىپ، يۇقۇملانغۇچىلار ئۇچۇن ئاۋاز قوشۇش
- سىياسەت ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش: داۋالاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى كەمسىتىشكە قارشى قانۇن چىقىرىش تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈش
- ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرگە كۆيۈنۈش: ئەتراپتىكى كىشىلەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانسا، يىراقلىشىش ئەمەس، پىسخىكىلىق قوللاش
ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا تۆۋەندىكى بىر قانچە تەرەپلەر بار:
- زەھەر چېكىش قەتئىي مەنئىي قىلىش، باشقىلار بىلەن ئورتاق شىپرىس ئىشلەتمەسلىك كېرەك
- ئۆزىنى پاكىز سۆيۈش، شەھۋانىي، پاھىشىۋازلىق قىلماسلىق، تويدىن بۇرۇن، تويدىن سىرتقى جىنسىي قىلمىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك
- قان سېلىش ۋە قان مەھسۇلاتلىرىنى خالىغانچە ئىشلەتمەسلىك، دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلىتىش كېرەك
- چىش چوتكىسى، ساقال ئالغۇچ، قاتارلىق شەخسىي بۇيۇملارنى ئورتاق ئىشلەتمەسلىك، دېزىنفېكسىيە قىلمىغان ئەسۋابلار بىلەن چىشىڭىزنى يۇيماسلىق كېرەك
- بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلىتىش جىنسىي تۇرمۇشتىكى ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنىڭ بىرى
- ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ قېنى، ئىسپىرمىسى ۋە سۈتى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشماسلىق، ئۇلارنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى ئۈزۈۋېتىش كېرەك
ئانا-بالىلارنىڭ تارقىلىشىنى پائال يوقىتىش كېرەكئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى يوقىتىشنىڭ ئانىدىن بالىدىن تارقىلىشى تۇغۇلغانلارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم تەدبىر. ئەيدىز سىفلىس ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلارنىڭ بوۋاقلارغا تارقىلىشى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلى، تۇغۇش جەريانىدا ياكى تۇغۇتتىن كېيىن ئېمىتىش مەزگىلىدە ئەيدىز ۋىرۇسى، سىفلىس بۇرمىسىمان تەنچىسى ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ھامىلىگە ياكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا يۇقتۇرۇش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ دورا بىلەن داۋالاش، ۋىروس مىقدارىنى ئۆلچەش ۋە بالىلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرىدىكى دورا ئىشلىتىش ھەمدە ئالاقىدار زىيارەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، "ئەيدىز سىفلىس ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى" نىڭ ئانىلار-بوۋاقلارنىڭ تارقىلىشىنىڭ خەتىرىنى تامامەن ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگىلى بولىدۇ. ھالبۇكى، بۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن، بىز ئورتاق تىرىشىپ، ئەيدىز، سىفلىس ۋە ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىدىن ئانىدىن بالىلارنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئائىت ئومۇميۈزلۈك ساغلاملىق مۇلازىمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك
ئەيدىز ،سىفلىس ،جىگەر ياللۇغىنى ئانا – بالىلارنىڭ تارقىلىشىنى تۈگىتىش جەريانىدا، كەمسىتش بولمىغان داۋالاش مۇھىتى يارىتىپ، جىنس باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش قاتارلىقلارنى، يۇقۇملانغۇچىلارنى قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەت كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ ئانا – بالىلارنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىپ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىنى قوغدايلى