【双语】健康提示丨为什么说丙肝一定要及时治疗?![]()
ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى نېمىشقا س تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى چوقۇم ۋاقتىدا داۋالاش كىرەك
ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى نېمىشقا س تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى چوقۇم ۋاقتىدا داۋالاش كىرەك
ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا سېلىشتۇرغاندا ۋاقتىدا داۋالىسىلا س تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ، ئەمما بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاش كىرەك ، س تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ جىگەر قېتىشىش، جىگەر راكىغا ئايلىنىش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى، بۇ باسقۇچقا ئۆزگىرىپ كەتسە، داۋالاش قىيىن بولىدۇ. تۆۋەندە بىز س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنىڭ قانداق ئالاھىدىلىكى بارلىقىنى كۆرۈپ باقايلى
- س تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ يوشۇرۇنلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك
س تىپلىق جىگەر ياللۇغىنىڭ ئەڭ تىپىك ئالامەتلىرى چارچاپ ماغدۇرسىزلىنىش، نۇرغۇن كىشىلەر ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلسىلا ياخشىلىغىلى بولىدۇ، شۇڭا س تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى بايقىماق تەس دەپ قارىلىدۇ
- س تىپلىق جىگەر ياللۇغىدا ئۇرغۇزغۇدەك ۋاكسىنا يوق
بۇ: زۆرۈر بولمىغان ھالدا بىخەتەر بولمىغان ئوكۇل سېلىش، ۋېنادا زەھەر چېكىش، ئوكۇل سانجىشتىن تەڭ بەھرىمان بولۇش، بىخەتەر بولمىغان قان بۇيۇملىرىنى يىغىش ۋە بىر تەرەپ قىلىش، س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار بىلەن قوغداش خاراكتېرىرى بولمىغان ئۇچرىشىش، ساقال ئالغۇچ، چىش چوتكىسى، بۇلغانغان قوراللارنى ئورتاق ئىشلىتىش، تۆشۈك تېشىش ۋە يىڭنە سانجىش، قاتتىق دېزىنفېكسىيە قىلىنمىغان چىش ئەسۋابلىرى، ئىچكى ئەزانى ئەينەكتە تەكشۈرۈش، ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك مەشغۇلات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قان دىئالىزلاش بىمارلىرى ۋە قانداش بىمارلىرىمۇ س تىپلىق جىگەر ياللۇغىنى تاللاپ تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىشى كېرەك
- ئۈچىنچى جىگەرگە بولغان زىيان داۋاملىشىدۇ
س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىغا ئوخشىمايدۇ، پەقەت ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ جىگەر كېسىلى ئاز، ۋاقتىنچە داۋالىغىلى بولمايدۇ، پەقەت قەرەللىك ھالدا زىيارەت قىلسىلا ۋە كۈزىتىش كىرەك . ئەمما س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ئەكسىچە، يۇقۇملانسىلا، جىگەرگە زىيان يەتكۈزىدۇ، ئاستا-ئاستا يۈز بېرىدۇ
شۇڭا مەيلى بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرى بولسۇن ياكى بولمىسۇن، ترانسىئامىنائىن ئېنزىمىنىڭ نورمال ياكى نورمال بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، بەدەندە س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرسىلا، تېزدىن تازىلاش كېرەك، كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ
ھازىر نۇرغۇن يېڭى تىپتىكى س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىروسقا قارشى دورىلار بازارغا سېلىندى، بۇ س تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىنى كۆپ نەپكە ئېرىشتۈردى، ساقىيىش نىسبىتى ٪97 تىن ئاشتى، بۇ شۈبھىسىزكى س تىپلىق جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىنىڭ خۇش خەۋىرى. شۇڭا س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولسا، كېسەللىك ئەھۋالىغا دەخلى يەتكۈزۈپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن چوقۇم مۇنتىزىم داۋالاشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك






