ئەيدىزنىڭ تارقىلىش مۇناسىۋىتىنى ھۆكۈم قىلىدىغان ئۇسۇل بارمۇ؟
بىرىنچى، ئادەتتىكى پىرىنسىپ
تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ئەگەر ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچى بىلەن گۇمانىي يۇقۇم مەنبەسى ئوتتۇرىسىدىكى تارقىلىش مۇناسىۋىتى ئېنىق بولسا ھەمدە باشقا يۇقۇم مەنبەسىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولسا، بۇ ئىككىسى ئوتتۇرىسىدىكى تارقىلىش مۇناسىۋىتىنى بېكىتىشكە بولىدۇ. ھالبۇكى، نۇرغۇن گۇمانىي يۇقۇش مەنبەسى مەۋجۇت بولغاندا ياكى مەنپەئەتكە كۆڭۈل بۆلۈش سەۋەبىدىن تارقىلىش ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەشكە توغرا كەلگەندە، مولېكۇلا تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشتىن پايدىلىنىپ تېخىمۇ بىۋاسىتە ئىسپاتقا ئېرىشىشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، تارقىلىش تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ئەنئەنىۋى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ۋە مولېكۇلا تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈشنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشكە تايىنىدۇ
ئىككىنچى، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشنى تەكشۈتۈش توغىرىسىدىكى ئۇسۇللار
ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشنى تەكشۈرۈش كەسپىي يۇقۇملىنىشنى بېكىتىش، داۋالاش مەنبەلىك يۇقۇملىنىشنى تەكشۈرۈش ۋە ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئىشلىتىلىدۇ. دۆلىتىمىزدە بىر قەدەر مۇكەممەل بولغان كەسپىي ئاشكارىلاش بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپى بار. «دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ كەسىپتە ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنى بىر تەرەپ قىلىش تەرتىپ بەلگىلىمىسىنى بېسىپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى» ( دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىنىڭ [ 2015 ] 38-نومۇرلۇق ھۆججىتى ) غا ئاساسەن، داۋالاش، سەھىيە خادىملىرى ۋە خەلق ساقچىلىرى كەسىپتە ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە،4ـھەپتىسى،8ـ ھەپتىسى،12-ھەپتىسى،6ـئىيىدا ( زۆرۈر بولغاندا بىر يىلغا ئۇزارتىلىدۇ ) دا قەرەللىك ھالدا ئانتىتېلاسىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشى كېرەك ، تەكشۈرۈش مەزگىلىدە ئانتىگېننىڭ مۇسبەت ئۆزگىرىشى ئاشكارىلانغۇچىلار كەسپىي ئاشكارىلىنىش يۇقۇملىنىشى ھېسابلىنىدۇ. لېكىن، ئالاھىدە ئەھۋال ئاستىدا، ئانتىتېلانىڭ مۇسبەت ئايلىنىش ئىسپاتى كەسپىي ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى يۇقۇملىنىشنى بېكىتىشكە يېتەرلىك بولمايدۇ، مەسىلەن، ئاشكارىلانغۇچى ئاشكارىلىنىشتىن ئىلگىرى يۇقۇملانغان، لېكىن تەكشۈرۈش كۆزنەك مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ بايقالمىغان ياكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى تەكشۈرۈش مەزگىلدە يەنە يۇقۇملىنىش ئېھتىمالى بولغان باشقا خەتەرلىك قىلمىشلار يۈز بەرگەن بولسا، بۇ ۋاقىتتا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مولېكۇلا تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق كەسپىي ئاشكارىلىنىشتىن يۇقۇملىنىشنى بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ. كەسپىي ئاشكارىلىنىشنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە يۇقۇملىنىشنى تەكشۈرۈشنى شۇ جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بېكىتكەن كەسپىي ئاشكارىلىنىشنى بىر تەرەپ قىلىش ئاپپاراتى ۋە تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ئۈستىگە ئالىدۇ
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەسپىي ئاشكارىلىنىشنى بىر تەرەپ قىلىدىغان ئىشەنچلىك ئىسپات كەمچىل بولغانلىقتىن، داۋالاش مەنبەلىك يۇقۇملىنىش ۋە ئەدلىيەلىك تەكشۈرۈشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى بىر قەدەر چوڭ، بىر تەرەپتىن تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنىڭ ئىشەنچلىكلىكىگە بولغان تەلىپى يۇقىرى، يەنە بىر تەرەپتىن مولېكۇلا تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئىسپاتىغا بولغان ئېھتىياجى تېخىمۇ چوڭ