ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشقا ئالاقىدار يېڭى ئىرسىيەت ئۆزگىرىشىنى بايقاش
ئەنگلىيە كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىملىرى يېتەكچىلىكىدىكى بىر خەلقئارا تەتقىقات گۇرۇپپىسى،1 - نومۇرلۇق خروموسومادا گېن بولغان رايوندا بىر يېڭى ئۆزگىرىشنى بايقىغان، بۇ ئەيدىز ۋىرۇسى ئېلىپ يۈرگۈچىلەرنىڭ ۋىرۇس توشۇش مىقدارىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ 25 يىلدىن ئارتۇق تەتقىقاتتا بايقالغانتۇنجى ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئىرسىيەت ئۆزگىرىشى بولۇپ، ئالىملارنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارىتىلغان يېڭى داۋالاش ئۇسۇلىنى ئېچىشىغا ياردەم بېرىشىدىن ئۈمىد بار. ئالاقىدار ئىلمىي ماقالىلەر 2-چېسلا نەشر قىلىنغان «تەبىئەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى
ۋىرۇس توشۇش مىقدارى بىمارنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنىڭ سانىنى كۆرسىتىدۇ ،مەلۇم بولغان بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئەيدىز ۋىرۇسىنى توشۇش مىقدارى كېسەلنىڭ يامانلىشىشى ۋە تارقىلىش خەۋپىنىڭ ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمما يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇس مىقدارى ھەر خىل - ھەر ياڭزا بولۇپ، شەخسنىڭ گېن قۇرۇلمىسى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ
نۆۋەتتە ئالىملارنىڭ ئادەم بەدىنى بىلەن ئەيدىز ۋىرۇسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ كۆپىنچىسى ياۋروپادىكى كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان تەتقىقاتتىن كەلگەن.ئىرسىيەتشۇناسلىقنىڭ ئافرىقا نوپۇسىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىشىدىكى رولىنى ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن، ئەڭ يېڭى تەتقىقاتتا، ئالىملار 4000 غا يېقىن ئافرىقا قان سىستېمىسىدىكى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئەيدىز ۋىرۇسى تىپى بىلەن يۇقۇملانغۇچىنى تەھلىل قىلىپ،1-نومۇرلۇق خروموسومادا گېنبولغان رايوندا بىر خىل ئۆزگەرگەن تۈرنى بايقىدى. بۇ خىل يېڭى گېن ئۆزگىرىشى پەقەت ئافرىقا نوپۇسىنىڭ تېنىدىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ،4 %تىن 13 %كىچە ئافرىقا پۇشتىدىن بولغانلار ياكى بۇ خىل ئالاھىدە ئۆزگەرگەن تۈرنى ئېلىپ يۈرىدۇ، بۇ بىر قەدەر تۆۋەن بولغان ئەيدىز ۋىرۇسى توشۇش مىقدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك
ئالىملارس خ د 1 لنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان گىىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن نېمە ئۈچۈن بۇ خىل ئۆزگىرىشنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشتە ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس. ئۇلار بۇ خىل گېننىڭ ئۆزگەرگەن تۈرىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ نۇسخىلىنىشىنى قانداق كونترول قىلىدىغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشنى پىلانلىدى .ئەيدىز يەنىلا يەر شارى ساغلاملىقىنىڭ بىر چوڭ تەھدىتى. ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا ،پۈتۈن يەر شارىدا 38 مىليون 400 مىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچى بار ئىكەن