يېڭى جەنۇبىي ۋېلىس داشۆسىدىكى نەسنىل ۋىل دوكتور ۋە ئۇنىڭ تەتقىقات كوللېكتىپىنىڭ بايقىشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسىغا دىئاگنوز قويۇش شەخسنىڭ پىسخىكا ۋە ھېسسىيات ھالىتىگە زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن، بۇ نۇقتا ئاۋسترالىيە ۋە جۇڭگولۇق بىمارلار ئارىسىدا ئوخشاشلا روشەن ئىكەن. كۆپ ساندىكى ئەيدىز ۋىرۇسى مۇسبەت دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ئادەم ئەڭ دەسلەپتە قاتتىق ۋەھىمە ۋە ئۆز ئېڭىنى يوقىتىشنى باشتىن كەچۈرىدىكەن،، بولۇپمۇ ئاشۇ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلىمى چەكلىك ياكى ۋاقىتلىق كۆچمەنلەردە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىكەن
تەجرىبىدە بايقىلىشىچە:تەتقىقات گۇرۇپپىسى يەنە ئاۋسترالىيەدە 34 ئادەمنى زىيارەت قىلغان ھەمدە بىر يىلدىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 25 ئادەمنى يەنە بىر قېتىم زىيارەت قىلىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى دىئاگنوزىنىڭ ئۇلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىگىلىگەن. بارلىق قاتناشقۇچىلارغا 2016-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەپ دىياگنوز قويۇلغان، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ ساندىكىلىرى ئەر ھەمجىنىسلار ( 21 نەپەر ) ۋە ھەم ئايال ھەم ئەر ياخشى كۆرىدىغان قىزىقىشى بار ئەرلەر ( 8 نەپەر ). باشقا 3نەپىرى ئاياللارنىلا ياخشى كۆرىدىغان ئەر ۋە 2نەپىر ئەرلەرنىلا ياخشى كۆرىدىغان ئاياللار. بۇ لارنىڭ يېشى 20 ياشتىن 59 ياشقىچە. كۆپ ساندىكى قاتناشقۇچىلار ئاۋسترالىيەلىك( 22 ئادەم ) ياكى ئاسىيالىق( 6 ئادەم ) . بىرسىدىن باشقا، ھەممە ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن داۋالىنىۋاتقان، زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا تېخى بايقالمىغان
جەمىيەت ۋە قانۇن تەسىرى
ئاۋسترالىيەدە،بىر قىسىم كۆچمەنلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەيدىز ۋىرۇسىغا دىئاگنوز قويۇش ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇش سالاھىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، چۈنكى ئاۋسترالىيە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلارغا ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، جۇڭگودا ئەيدىز ۋىرۇسى مۇسبەت دەپ دىياگنوز قويۇشمۇ ئىجتىمائىي كەمسىتىش ۋە كەسپىي كەمسىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ بىمارلارنىڭ روھىي بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
نومۇس ۋە ئۆزلۈك نومۇس تەسىرى
مەيلى ئاۋىستىرالىيەدە ياكى جۇڭگودا بولسۇن، بىمارلار جەمئىيەت ۋە ئىچكى بېسىمدىن كەلگەن قوش بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ. ئۇلار دائىم سەلبىي سۆزلەر بىلەن ئۆزىنى تەسۋىرلەيدۇ، مەسىلەن:«ئۆزىدىن كۆڭلى ئېلىشىش» ۋە «ئۆزىنى مەينەت » كۆرۈش قاتارلىقلار
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ تەدرىجىي ماسلىشىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش
تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بەزى بىمارلار بۇ رېئاللىققا تەدرىجىي ماسلىشىشقا باشلىغان، ھەتتا شەخسىي ۋە كەسپىي جەھەتتە ئۆسۈپ يېتىلىشنى باشتىن كەچۈرگەن. بەزى بىمارلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسىغا دىئاگنوز قويۇش ئۇلارنى باشقىلارغا تېخىمۇ ھېسداشلىق قىلشىنى ئۆگىتىدىكەن ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆگىتىدىكەن
خۇلاسە
مەيلى ئاۋسترالىيەدە بولسۇن ياكى جۇڭگودا بولسۇن، ئىجتىمائىي ۋە قۇرۇلمىلىق ئامىللار ئەيدىز ۋىرۇسى مۇسبەت بولغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە پىسخىكا ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسەتمەكتە. تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قوللاش ئۈچۈن، بىمارلارنىڭ شەخسىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئويلىشىش ھەمدە جەمئىيەت ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك تەڭسىزلىك ۋە كەمسىتىشنى تىرىشىپ ئازايتىش كېرەك. بۇ كۆزىتىشلەر شۇنى كۆرسەتتىكى، ئىككى دۆلەت تېخىمۇ كۆپ تەدبىر قوللىنىپ ئاممىنى تەربىيەلەشكە، ئەيدىز ۋىرۇسى توغرىسىدىكى خاتا چۈشەنچە ۋە كەمسىتىشنى تۈگىتىشكە، مۇسبەت دىئاگنوزنىڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك تەسىرىنى ئازايتىشقا مۇھتاج. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پىسخىكا جەھەتتىن قوللاش ۋە قانۇن ياردىمى بىلەن تەمىنلەشمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم يولى