当前位置:首页 > 健康公益 > 最新资讯

HIV患者高质量生活秘籍ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سۈپەتلىك تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار

发布日期:2023-10-08 点击:
ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سۈپەتلىك تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار
كىېيىن  داۋالاش  ياكى داۋالاتماسلىق
بىر قەدەر كېيىن بايقالسا ياكى بايقالغاندىن كېيىن ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ۋاقتىدا ئىلىپ بىرىلمىسا ۋىرۇس تېز كۆپىيىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى ئېغىر دەرىجىدە زىيانغا ئۇچراپ،كېسەللىك قوزغىلىش ۋە مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ. داۋالاشنى كېچىكتۈرگەندە ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى قايتا قۇرۇش قىيىنلىشىدۇ، ھەتتا ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ. ئوخشاشلا يەنە باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىش، كۆپ ئەزالار زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، جۈملىدىن راك كېسىلى، يۈرەك - مېڭە قان تومۇر كېسىلى، نېرۋا بىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇ زەخىملەرنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولمايدۇ، نورمال تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئۆلۈم خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ
 دورىغا بېقىنىشچانلىقى پەيدا بولۇش
 ئەيدىز ۋىرۇسىنى داۋالاش ئۇزاق مۇددەتلىك ،ھەتتا ئۆمۈرلۈك جەريان. يۇقۇملانغۇچىلار دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە دورا ئىچىشى كېرەك ،دورىغا بېقىنىشچانلىق قانچە يۇقىرى بولسا، كېسەللىك ئەھۋالى شۇنچە ياخشى كونترول قىلىنىپ، تۇرمۇش سۈپىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. دوىنى مىقدارى بويىچە، تەلەپ بويىچە ئىچمىگەنلىكتىن مەسىلەن، دورىنى چۈشۈرۈپ قويۇش، كېيىن ئىچىش قاتارلىقلار دورىغا چىداملىق بولۇش تۆۋەنلەپ كىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا، داۋالاشتىن ئىلگىرى مەسئۇل دوختۇر بىلەن تولۇق پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئىگىلەپ، ياخشى بولغان دورا ئىچىش ئادىتىگەە بويسۇنۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مەيلى قانداق دورىنىڭ ناچار تەسىرى يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر، مەسئۇل دوختۇرنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ، دورىنى ئۆز ئالدىڭىزغا توختاتماڭ. ۋىرۇس دورىغا نىسبەتەن چىدامچانلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ خىل دورىنىڭ ئۈنۈمىنى يوقىتىشى مۇمكىن
دورىلارنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ئەھۋالى
بەزىدە بىرلا ۋاقىتتا ئىچىلىدىغان باشقا دورىلار ياكى يېمەكلىكلەر، ئەيدىز ۋىرۇسىغا قارشى دورىلار بىلەن ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىپ، دورىنىڭ نورمال مېتابولىزم ۋە دورا ئۈنۈمىنىڭ جارى قىلدۇرۇلۇشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن. دورىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قان بېسىمنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار، قان شېكىرىنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلارنى ئەڭ ياخشىسى ئۈچ سائەت ئارلىق قالدۇرۇپ ئىچىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا،مەسئۇل دوختۇردىن كۆپرەك مەسلىھەت سوراپ، بىلمىگەنلىرىنى سوراپ، داۋالاشنىڭ قېلىپلىشىشى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز
ناچار تۇرمۇش ئادىتى
ناچار تۇرمۇش ئادىتىمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ كونترول قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ،بۇ ئۇزۇن مەزگىل تۈنەش ،تاماكا چېكىش ،ھاراق ئىچىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ،ئۇلار قارىماققا ۋىرۇسقا تەسىر كۆرسەتمىسىمۇ ،لېكىن ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ ،دورىغا بېقىنىشچانلىقىغا تەسىر كۆرسىتىپ ،ئورگانىزمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ۋىرۇسقا تاقابىل تۇرالمايدۇ.

信息来源:【本站原创】

排版编辑:【高翔】

信息发布:【于心何忍】

项目支持:【乌市米东区】

联系方式:13999198395 QQ\微信:137655 公益转编,侵删

新疆乌鲁木齐艾滋病检测、艾滋病阻断、HIV检测、HIV阻断、公益组织、感染者咨询 电话13999198395
姓名 电话
HIV药物阻断
HIV药物预防
疫情期间HIV药品借药援助
采血结果查询
HIV检测
A友健康互助群
用户评论
新疆男孩版权所有